قىزىل ئىزنالار (24)
ئېكسكۇرسىيەچىلەر كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن فوتوسى
□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
«بىر تۈپ كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانا يېنىدا قەد كۆتۈردى. يىلتىزى چوڭقۇر، غوللىرى مەزمۇت، شىمالىي شىنجاڭنى قوغداپ تۇرماقتا...» «كىچىك ئاق تېرەك» ناخشىسىنىڭ كەڭ تارقىلىشى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ھەيۋەتلىك بارلۇق تېغى ئېتىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ ئۈن - تىنسىز ھالدا چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايوننى قوغداش روھى سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچى - سىرتىغا، چاڭجياڭنىڭ جەنۇبى - شىمالىغا تارقالدى.
1962 - يىلى تاستى چېگرا مۇداپىئە ليەنى بۇ جايدا پونكىت قۇرغان، 1 - تۈركۈمدىكى چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى مۈرىسىدە كۆتۈرۈش، دۈمبىسىدە يۈدۈش، قولى بىلەن كولاشقا تايىنىپ، قاقاس تاغلىقتا 1 - تۈركۈمدىكى گازارمىنى قۇرغان. 1982 - يىلى، جەڭچىلەر قۇرغاقچىلىق ۋە قۇم - بوران قاتارلىق ناچار شارائىتتا، تۇنجى بىر تۈپ ئاق تېرەكنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكىپ تۇتقۇزغان.
نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كىچىك ئاق تېرەكلەر كۆككە تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخلەرگە ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلىغانلىقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.
بىر تۈپ كىچىك كۆچەت چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈردى
4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى جىنجوۋ شەھىرىنىڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلىرى ۋە چاغانتوقاي ناھىيەلىك 1 - يەسلىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، قىزىل تەربىيەنى قوبۇل قىلدى.
«ئۇ چاغدىكى شارائىت ھەقىقەتەنمۇ جاپالىق ئىكەن، جەڭچىلەرنىڭ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش روھى كىشىنى قايىل قىلىدۇ!» دېدى ئېكسكۇرسىيەچى ياڭ خۇاگۇاڭ كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسى كۆرگەزمە سارىيىدا كۆرگەزمە بۇيۇملىرىغا قارىغىنىچە ھاياجان بىلەن.
كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنىڭ ئەسلىي ئىسمى تاستى ئالدىنقى قاراۋۇلخانىسى بولۇپ، شىنجاڭ تارباغاتاي شۆبە ھەربىي رايونىغا قارايتتى. 1962 - يىلى 8 - ئايدا، تاستى چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى جەڭچىلەر قاقاس تاغلىقتا گازارما قۇردى، مۇھىتى ناچار بولغاچقا، بۇ جايدا بىر تال گىياھمۇ ئۈنمەيتتى.
1982 - يىلى ئەتىيازدا، قاراۋۇلخانىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شىبە مىللىتىدىن بولغان جەڭچى چېڭ فۇشېڭ يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىغاندا، قاراۋۇلخانا ئەتراپىدىكى مۇھىت ھەم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ھېكايىسىنى ئاپىسىغا سۆزلەپ بەردى. ئوغلىنىڭ چېگرانى خاتىرجەم مۇھاپىزەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن، ئاپىسى ئالايىتەن ئون تۈپ ئاق تېرەك كۆچىتىنى تاللاپ، ئوغلىنىڭ قاراۋۇلخانىغا ئېلىپ بېرىپ تىكىشىگە بەردى. ئۇ ئوغلىغا چوقۇم ئاق تېرەككە ئوخشاش چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشنى تاپىلىدى.
چېڭ فۇشېڭ كۆچەتلەرنى قاراۋۇلخانىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، سەپداشلىرى كۆچەتلەرنى قاراۋۇلخانا ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىگە ئاۋايلاپ تىكتى، ھەم ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن نۆۋەتلىشىپ قارا توپا يۈدۈپ ئېلىپ كەلدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، سۇنى بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دەريادىن توشۇپ كېلىپ ئىشلىتىدىغان جەڭچىلەر چىش چوتكىلىغاندا چىش پاستىسى ئىشلەتمەي، يۈز يۇيغاندا ئەتىر سوپۇن ئىشلەتمەي تېجەپ قالغان سۇ بىلەن كۆچەتلەرنى سۇغىرىدىغان بولدى، يەنە كۆچەتلەرنى قوغداش ئۈچۈن بوراندىن مۇداپىئەلىنىش تېمى قوپۇردى. شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، بۇ جايدا سوغۇق قاتتىق، شىۋىرغان كۈچلۈك، قۇرغاق، سۇ كەمچىل بولغاچقا، كۆچەتلەر ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇپ كەتتى، پەقەت قاراۋۇلخانىغا ئەڭ يېقىن جايدىكى بىر تۈپ كىچىك ئاق تېرەكلا قەيسەرلىك بىلەن يىلتىز تارتىپ تۇتتى.
بۇ كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە كېچە - كۈندۈز ھەمراھ بولدى، بىر جەڭچى بۇ ئاق تېرەككە قاراپ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەننىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە ئۈن - تىنسىز چىڭ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەنزىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، قاراۋۇلخانىدىكى دوسكىغا بىر كۇپلېت شېئىر يېزىپ، جەڭچىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى. 1983 - يىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش سىياسىي بۇسى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سابىق ئىجادىيەتچىلىرى قاراۋۇلخانىغا كېلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، ناخشا تېكىستى يازغۇچىسى لياڭ شاڭچۈەن بۇ شېئىرنى كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىرلىنىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «كىچىك ئاق تېرەك»نىڭ ناخشا تېكىستىنى يېزىپ چىقتى. داڭلىق كومپوزىتور شى شىن ناخشا تېكىستى ئۈچۈن مۇزىكا ئىشلىدى. كېيىن ناخشىچىنىڭ ئېيتىشى بىلەن تارقىلىپ، كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىمۇ بۇ ناخشا بىلەن تەڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئۆتمۈشتىكى ئاق تېرەكنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىرغا يېقىنلاپ پەلەككە تاقاشقۇدەك چوڭ دەرەخكە ئايلاندى. كىچىك ئاق تېرەك چېگرا مۇداپىئە مەدەنىيىتىنىڭ سۈپەتلىك ماركىسىغا ئايلىنىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە سادىقلىق بىلەن چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىگە ئىلھام بەرمەكتە.
كىچىك ئاق تېرەكنىڭ ھېكايىسى كەڭ تارقالدى
«كىچىك ئاق تېرەك» مەدەنىيىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت تاۋلانغاچقا، ھەربىي سەپتىن چېكىنگىنىگە ئۇزاق يىل بولغان چېڭ فۇشېڭ ھەربىي سەپكە قاتناشقاندىكى بۇ كەچۈرمىشىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىغانىدى. «قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولسۇن؟ مەيلى قەيەردە بولاي، مەن كىشىلەرگە كىچىك ئاق تېرەكنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ كىچىك ئاق تېرەككە ئوخشاش قەيسەر، جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چېڭ فۇشېڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.
يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدا، چېڭ فۇشېڭ ھەر يىلى دېگۈدەك ۋاقىت چىقىرىپ كونا ليەندۈيگە قايتىپ كېلىپ، تۈركۈم - تۈركۈم سەپداشلىرىغا ئەينى يىللاردىكى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ يەنە مەكتەپ ۋە زاۋۇتلارغا كىرىپ دوكلات بېرىپ، كۆپچىلىكنى كىچىك ئاق تېرەككە ئوخشاش ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا يىلتىز تارتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، چېڭ فۇشېڭ تەكلىپكە بىنائەن چىڭداۋ مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئاق تېرەك دەرىخى تىكىپ، ئۇلارغا كىچىك ئاق تېرەكنىڭ ھېكايىسىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن سۆزلەپ بەردى.
كىچىك ئاق تېرەك ھېكايىسىنىڭ تەسىرىدە، چىڭداۋ مېھمانساراي باشقۇرۇش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ئۇچۇر قۇرۇلۇشى تېخنىكا شۆيۈەنىدە «كىچىك ئاق تېرەك» چولپانلار ھېكايە توپلىمى، «كىچىك ئاق تېرەك» پىسخىك سۆھبەت كۈنى، «كىچىك ئاق تېرەك» ئاتا - ئانىلار يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «كىچىك ئاق تېرەك» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
چېڭ فۇشېڭنىڭ يۇرتى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت «كىچىك ئاق تېرەك» نىڭ چاقىرىق كۈچى بىلەن قىزىل تەربىيەنى قانات يايدۇردى. چېڭ فۇشېڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسى كىچىك ئاق تېرەك چېگرانى قوغداش مەدەنىيەت خاتىرە سارىيىغا ئۆزگەرتىلدى، سارايغا كىرگەندە «ۋەتەنگە سادىق بولۇش، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، يۇرت - ماكاننى گۈللەندۈرۈش، جۇش ئۇرۇپ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بۇ سۆزلەر ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقىدۇ، چېڭ فۇشېڭنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاق تېرەك كۆچىتى سوۋغا قىلغانلىقى قاتارلىق كىلاسسىك ھېكايىلەر كونا بۇيۇملار، كونا سۈرەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولىدۇ.
چېڭ فۇشېڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك يەنە ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ «كىچىك ئاق تېرەك خور ئۆمىكى»نى قۇردى، خور ئۆمىكىدە ھازىر 100دىن ئارتۇق ئادەم بار، دائىم ناھىيە، يېزا تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ناخشىلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ۋارىسلىق قىلىش روھى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتتى
چاغانتوقاي ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى شۈ دېڭجوۋنىڭ نۇرغۇن ساۋاقداشلىرى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا خىزمەت قىلىدۇ، كىرىمى يۇقىرى، تۇرمۇشى باياشات. گەرچە ئۇمۇ ئىلگىرى باشقا جايلارغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر ئىش ئۇنى بۇ نىيىتىدىن ئۈزۈل - كېسىل ياندۇرغانىدى.
«خىزمەتكە يېڭى قاتناشقاندا، بىر قېتىم ئەيىبلەش بۆلۈمىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى بىلەن دېلو بېجىرگىلى باردىم، ئۇ ۋاقىت 4 - ئاينىڭ باشلىرى ئىدى، بىز تاستى دەرياسىدىن ئۆتۈپ قارشى تەرەپتىكى چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى ئىدۇق.» شۈ دېڭجوۋ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئاياغ ۋە پايپاقلىرىمنى سېلىۋېتىپ مۇز دەرياغا كىرگەن شۇ ۋاقىتتا دەرھاللا چىقىپ كېتىشنى ئويلىدىم، ئالدىدا ماڭغان خىزمەتدىشىم بىرنەچچە سېكۇنت بەرداشلىق بەرسەڭلا ياخشى بولۇپ قالىسەن، دەپ مېنى ئىلھاملاندۇردى. مەن چىشىمنى چىشلەپ يەنە بىردەم بەرداشلىق بەردىم، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، ئۇستىخاندىن ئۆتىدىغان مۇزدەك سوغۇق سۇ تىزىمغىچە كەلدى، قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر پەقەتلا ماڭغۇم كەلمىدى. «يېرىمدىن كۆپرەك يولنى مېڭىپ بولدۇق، قايتىپ كەتسەكمۇ كېيىنكى قېتىم يەنە كېلىمىز، ئۇنىڭدىن كۆرە يەنە نەچچە ئون سېكۇنت بەرداشلىق بېرەيلى...» مەن مۇشۇنداق ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىسىدا، خىزمەتدىشىمنىڭ قەتئىيلىككە تولغان سىيماسىغا قاراپ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەردىم.
«بىزنىڭ يۇرتىمىز كىچىك ئاق تېرەك ھېكايىسىنىڭ مەنبەسى، ئەگەر بىزدە مۇستەھكەم ئېتىقاد بولمىسا، ئۇنداقتا باشقا جايلاردىن چاغانتوقاي ناھىيەسىگە كېلىپ، يۇرتىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىۋاتقان كىشىلەر قانداق قىلىدۇ؟» خىزمەتدىشىنىڭ بۇ سۆزى شۈ دېڭجوۋنىڭ تا ھازىرغىچە ئېسىدە. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ قەتئىي ئىرادە باغلاپ بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، شۇ ئىشلىگىنىچە 24 يىل ئىشلىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، پېشقەدەملەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ۋە چاقىرىقىدا، زور بىر تۈركۈم ياشلار تولۇپ تاشقان ئېتىقاد بىلەن بۇ جايدا يىلتىز تارتتى.
4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى چاغانتوقاي ناھىيەلىك باج ئىدارىسىدىكى كادىرلار كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلىدى.
چاغانتوقاي ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ليۇ ياڭ خېبېي ئىقتىساد - سودا داشۆسىنى پۈتكۈزۈپ، 26 يېشىدا چاغانتوقاي ناھىيەسىگە كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ بۇ جايدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى. «كىچىك ئاق تېرەك بىز ياشلارنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان قىزىل ئىزناغا ئايلاندى» دېدى ئۇ.
شۇ كۈنى، يىراق خۇبېيدىن كەلگەن جېن يوۋشىن قاتارلىق ئون نەچچە ساياھەتچى كىچىك ئاق تېرەك قاراۋۇلخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. كۆرگەزمە ئىشكاپىغا تىزىپ قويۇلغان بۇيۇملار، تارىخىي سۈرەتلەر ئۇلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.
جېن يوۋشىن مۇنداق دېدى: «بىز <كىچىك ئاق تېرەك> دېگەن بۇ ناخشىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلدۇق، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ھەقىقەتەن بىھۇدە بولمىدى. مەن چوقۇم كىچىك ئاق تېرەك ھېكايىسىنى ئېلىپ كېتىمەن، ئۆكۈنمەيدىغان، ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلايدىغان بۇ خىل مەردانە ئىرادىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن. يۇرتىمىزدىكى ياشلارغا شۇنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەككى، ۋەتىنىمىزدە دەل ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشقا رازى بولغان كىشىلەر بولغاچقىلا، بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولغان».