قىزىل ئىزنالار (17)
شىمالىي تاغنىڭ غالىبىيەت چوققىسىدىكى جەڭگىۋار قورغان يادىكارلىقى. □سۈرەتنى ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەمىنلىگەن
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېڭ يۆيۆ
4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، قومۇل شەھىرىدىن شەرقىي تىيانشاندىكى ئەگرى - بۈگرى تاغ يولىنى بويلاپ ماڭغاندا، يىل بويى قار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدىغان قارلۇق چوققىسى گاھ كۆرۈنۈپ گاھ كۆرۈنمەيتتى، بىر تاغ ئېغىزىدىن ئۆتۈپلا، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىگە يېتىپ كەلدۇق. ناھىيە بازىرى تاغقا يانداپ قۇرۇلغان بولۇپ، ناھىيە بازىرى مەركىزىدە ئارا تۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى بار ئىدى.
قەبرىستانلىق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنى مەركەز قىلغان، بىر تەرىپىدە 32 ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ قەبرىسى بار بولۇپ، قوغداش جېڭىنىڭ «پولاتتەك قەھرىمانلار ليەنى»دىكى قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. بۇ جايغا كەلگەن كىشىلەر، ئېگىز پەلەمپەينى بويلاپ، ئاستا قەدەم بىلەن خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ.
71 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئىس - تۈتەك تارقىلىپ كەتتى، لېكىن كىشىلەر قەھرىمانلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئارا تۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى خاتىرە مۇنارى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسى، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھى مۇنارى، خاتىرە ساراي، يەنە تاغدىكى جەڭ ئىزنالىرى ئاشۇ شانلىق تارىخنى بۇ تۇپراققا مەڭگۈلۈك ئويۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى، كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.
قەھرىمانلارنىڭ قان تومۇرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش
ئارا تۈرۈك دەرياسى بويىدا، سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، ئوت - چۆپلەر ياپيېشىل ئىدى. 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى رەتلىك تىزىلىپ مەكتەپتىن چىقىپ، دەريا قىرغىقىدىكى تاشيولنى بويلاپ، پىيادە مېڭىپ ئارا تۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى خاتىرە سارىيىغا كەلدى، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىسى بۇ جايدا ئوقۇغۇچىلارغا نەق مەيداندا دەرس ئۆتتى.
«مەكتىپىمىز ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دەرسخانىنى قىزىل تەربىيە بازىسىغىچە ئۇزارتىپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەجدادلارنى ئەسلەش، قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا يېتەكلىدى.» ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گاۋ خۇڭجيەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەكتىپىمىز ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا «ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىزىنى ئىزدەش، مىللەت روھىغا ۋارىسلىق قىلىش» باش تېما پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتتى.
ئارا تۈرۈك بولسا مىڭ چاقىرىملىق لەنجوۋ - شىنجاڭ لىنىيەسىدىكى قاتناش مۇھىم تۈگۈنى. 1949 - يىلى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد بولدى، پۇقرالار يېڭى تۇرمۇشنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئىنتىزار بولدى. كىم ئويلىسۇن، ئىككىنچى يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شېڭ شىسەي دەۋرىدىن باشلاپلا قومۇلنى بېسىپ ياتقان يولۋاسنىڭ قول ئاستىدىكى 700دىن ئارتۇق باندىت ئارا تۈرۈكتە تۇرۇشلۇق قوشۇنغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن ئارا تۈرۈكنى قوغداش جېڭى باشلاندى.
40 كۈن ئىچىدە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 6 - جۈنى 16 - شىسى 46 - تۇەنى 1 - يىڭىنىڭ مۇئاۋىن يىڭجاڭى خۇ چىڭشەن 2 - ليەندىكى 100دىن ئارتۇق كوماندىر - جەڭچىنى باشلاپ، دۈشمەننىڭ نەچچە قېتىملىق شىددەتلىك ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ، دۈشمەن قوشۇنىنىڭ ئادەم سانى بىزنىڭكىدىن يەتتە ھەسسە كۆپ بولغان ئەھۋالدا، شۇ جاينىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغدىدى. كېيىن، پېڭ دېخۇەي مەخسۇس ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ 2 - ليەننى رىغبەتلەندۈردى. 2 - ليەنگە «پولاتتەك قەھرىمان ليەن» دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
«تاغ ئېتىكىدىكى دۈشمەنلەر تۆت تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، تاغدا قېلىن قار يېغىۋاتاتتى، ئارمىيەمىزنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى جەڭ قىلىشقا ھەردائىم تەييار تۇرۇپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، 40 كۈن بەرداشلىق بېرىپ، ياردەمچى قوشۇننى كۈتۈۋېلىپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى...» دېدى ئارا تۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى زادەم ئابدۇراخمان ھاياجانلانغان ھالدا.
«ئېكسكۇرسىيەچىلەر، بولۇپمۇ ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا غەلىبىنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، خاتىرە سارايدا ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش سارىيى تەسىس قىلىنغان. ساراي ئىچىدە ئەينى يىللاردىكى جەڭ مەيدانى كۆرۈنۈشى تەقلىدىي قايتا نامايان قىلىنغان. ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۆتكەللەردىن بۆسۈپ ئۆتسە بولىدۇ، نۇرغۇن كىشى بىرىنچى ئۆتكەلدىنلا ئۆتەلمەيدۇ، بۇ چاغدا كۆپچىلىك ئەينى يىلى ئارمىيەمىز كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ دۈشمەننى ئۇدا بىرقانچە قېتىم چېكىندۈرۈشىنىڭ نەقەدەر تەسكە توختىغانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ» دېدى زادەم ئابدۇراخمان.
تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش
ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدىن شىمالدىكى چوڭ تاغقا نەزەر سالغاندا، ئەينى يىللاردا ئازادلىق ئارمىيە قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن تېنى بىلەن قوغدىغان قورغاننىڭ مۇكەممەل ساقلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. پەلەمپەي بىلەن شىمالىي تاغنىڭ غالىبىيەت چوققىسىغا چىققاندا، توپا قۇرۇلمىلىق قورغاندىكى ئوق تۆشۈكى قاتارلىق ئىزلارنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.
«1964 - يىلى مەن 18 يېشىمدا خېنەندىن شىنجاڭغا كېلىپ ئەسكەر بولدۇم. 1968 - يىلى 9 - ئايدا، مەن ئىلگىرى 40 كۈن قوغداش جېڭى بولغان قورغاننى ساقلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدۇم.» بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن جاڭ خېڭچىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇ يەر ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي بولۇپ، بۇ ئېگىزلىكنى ياخشى ساقلىغاندا، ئەتراپتىكى تۆت تاغ ئېغىزىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. تاملارنىڭ ھەممىلا يېرىدە زەمبىرەك ئوقى ئىزلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ ئېھتىرام بىلدۈردۈم.» بۈگۈنكى كۈندە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار ساناتورىيەسىدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان جاڭ خېڭچىڭ ئۆزىنىڭ 30 يىللىق چېگرا مۇداپىئە ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز يىللارنى ئەسلەپ ئۆتتى.
«ئىلگىرى جەڭگە قاتناشقان 2 -ليەننىڭ جەڭچىسى دۇەن ۋېنخې بىرقانچە يىل ئىلگىرى بۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ سەپداشلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن، نۇرغۇن كىشى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئالايىتەن كېلىپ پېشقەدەم قەھرىمان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى تەسىرلەنگەن.» زادەم ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: 2019 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى نازارىتىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى دۇەن ۋېنخېنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىگە «شەرەپلىك ئائىلە» دېگەن تاختىنى ئاستى، 89 ياشلىق دۇەن ۋېنخې بوۋا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىپ، ھەربىيچە سالام بەردى.
غالىبىيەت چوققىسىدا لەپىلدەۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئالدىدا، تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيەچىلەر سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. ئارا تۈرۈك بازىرى جېنشىڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرى گۈلنۇر مەمەت قوشماقلاشقان تۇغقىنى شيۇ شياڭرۇڭ بىلەن بىللە خاتىرە ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر پارچە سۈرەتكە چۈشتى. گۈلنۇر مەمەت مۇنداق دېدى: «جەڭ ئىزنالىرىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ قەلبىم لەرزىگە كەلدى. جەڭ شۇنچە رەھىمسىز، قەھرىمانلار شۇنچە ئۇلۇغ».
شيۇ شياڭرۇڭ جېنشىڭ مەھەللىسىدىكى بىر پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «قەھرىمانلار ئۆزىنى بېغىشلىغاچقا ھازىرقى گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولغان. مەن ھەر ۋاقىت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن».
قىزىل مەدەنىيەت ساياھىتى باشلاندى
ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى يۈەنپەنشەن تېغىدا ئاق مەرمەردىن ياسالغان بىر ھەيكەل بار، بىر ئاتقا چېلەك ئارتىلغان، ئىككى ئالدى تۇيىقى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، خۇددى پۈتۈن كۈچى بىلەن تىك تاغ چوققىسىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا بىر قەبرە بولۇپ، قەبرە تېشىغا «ھەربىي تۆھپىكار ئات قەبرىسى» دېگەن خەتلەر ئويۇلغان. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، قانچىلىغان كىشىنىڭ بۇ ئاتنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندا كۆز يېشى قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
ئارا تۈرۈكنى 40 كۈن قوغداش جېڭى باشلانغاندىن كېيىن، 2 - ليەننىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى شىمالىي تاغ چوققىسىدا قورشىۋېلىنغان، سۇ ۋە ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، ۋەزىيەت خەتەرلىك بولۇپ قالغان. تاسادىپىي قولغا چۈشكەن تورۇق ئات جەڭچى ۋۇ شياۋنيۇۋنىڭ مەشىقلەندۈرۈشى بىلەن، تاغدىن چۈشۈپ سۇ توشۇش، ئاشلىق توشۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى يالغۇز ئۈستىگە ئالغان. دۈشمەن قوغلاپ زەربە بەرگەندە، ئات يەنە يېتىۋېلىپ يوشۇرۇنۇپ ياكى قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ، ئاخىرىدا ھەر قېتىم تەمىناتنى تاغقا بىخەتەر ئېلىپ چىققان. بىر ئات، بىر ھاياتلىق مەنبەسىگە تىرەك بولغان.
4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، «ئارا تۈرۈكنى قوغداش ئۇرۇشى» ناملىق كىنو تۈرىنى باشلاش يىغىنى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدە ئېچىلدى. بۇ، «ھەربىي تۆھپىكار ئات» ناملىق سەھنە تىياتىرىدىن كېيىنكى قوغداش ئۇرۇشى ئاساس قىلىنىپ يارىتىلغان يەنە بىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسىرى. كىنونى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك مەدەنىيەت تارماقلىرى جەمئىيەتتىن جەڭچى ۋۇ شياۋنيۇۋنىڭ قىسىمدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىنكى يىپ ئۇچىنى يىغىپ توپلىدى.
شۇ يىلى ئۇرۇشتىن كېيىن، ھەربىي تۆھپە ئېتىغا چوڭ قىزىل گۈل ئېسىلىپ، 3 - دەرىجىلىك تۆھپە بېرىلدى، ئالاقىدار تارماقلار ئۇنىڭغا «مەڭگۈ سەپتىن چېكىندۈرمەسلىك» قارارى چىقاردى، 2 - ليەننىڭ جەڭچىلىرى ئۇنى تاكى ئۆلۈپ كەتكۈچە باقتى. جەڭچىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى شىمالىي تاغدىكى غالىبىيەت چوققىسى ئاستىغا كۆمۈپ، ئابىدە تىكلەپ خاتىرە قالدۇردى.
«ئارا تۈرۈكنى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسى خەلق ئارمىيەسى ياراتقان ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىش، ئاجىز كۈچ بىلەن كۈچلۈكنى يېڭىشتىكى مۆجىزە. ئارا تۈرۈكلۈك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز. بىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت شەكلى ئارقىلىق قىزىل مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېدى ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ئايشەم مۇسا.
پۈتۈن رايون ساياھىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ سىرتىدا ئارا تۈرۈك دەرياسىنى بويلاپ سۈنئىي مەنزىرە بەلبېغى ياساپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئاساسلىق مەنزىرىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ تىپتىكى ساياھەت باغچىسى − يىشۈييۈەننى بەرپا قىلدى. قوغداش ئۇرۇشى يادىكارلىقلىرى قاتارلىق قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرى يىشۈييۈەن مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان. يىشۈييۈەن قومۇل شەھىرىدىكى قىزىل مەدەنىيەت ساياھىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى.
«بىز ئارا تۈرۈك قىزىل ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، كۆپلىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنىۋى تەربىيەسى خاس ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، ئارا تۈرۈكتىكى قىزىل مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە تېخىمۇ زور رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇردۇق» دېدى ئارا تۈرۈك غەربىي كان توغراق مەدەنىيەت - ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى مەن شياۋشيا.