تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى​

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن مۇشۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلاتتىن كېلىدۇ، تەشكىلىي جەھەتتىن چىڭ بولۇش پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاساسىي مىزان. «نىزام»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيەنىڭ تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، تەشكىلات خىزمىتىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «نىزام»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، تەشكىلات خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

«نىزام» يەتتە باب، جەمئىي 46 ماددىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.