تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەك

شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەش ۋە تەتبىقلاش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى تېلېگراممىسى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى خۇلاسىلەش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخى بويىچە تەربىيەلەش، پارتىيە تارىخىنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈرەش قىلىش روھىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى كېچياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: بىر مىللەت دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا، نەزەرىيە تەپەككۇرى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ، ئىدىيە يېتەكچىلىكى بىر دەقىقىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، بۇ تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىن بولغان. ماركسىزمنىڭ يارايدىغانلىقىدىكى سەۋەب، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ھەم بۇ ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىدا. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى تەھلىل قىلىش، تەتقىق قىلىش ۋە خۇلاسىلەشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ماركسىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ بىزنىڭ دۇنيانى تونۇشىمىز، قانۇنىيەتنى ئىگىلىشىمىز، ھەقىقەتكە ئىنتىلىشىمىز، دۇنيانى ئۆزگەرتىشىمىزدىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ماركسىزم نەزەرىيەسى دوگما ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، جەزمەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىشى كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش ـ قىلدۇرالماسلىقىدىكى ئاچقۇچ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ـ بىرلەشتۈرەلمەسلىكتە. تېز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە جۇڭگوغا نىسبەتەن، ئەگەر كونا قائىدە ـ يوسۇنلارغا ئېسىلىۋېلىپ، ئىدىيەدە قاتماللىشىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش جاسارىتى بولمىسا، جۇڭگونىڭ سوئالىغا، دۇنيانىڭ سوئالىغا، خەلقنىڭ سوئالىغا، دەۋرنىڭ سوئالىغا ئىلمىي جاۋاب بېرەلمىسە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ، ماركسىزممۇ ھاياتىي كۈچى، قايىل قىلىش كۈچىنى يوقىتىدۇ. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ھەم ئۆزگىچە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلار كۆپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى زور بولۇش مىسلىسىز، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشى مىسلىسىز بولۇپ، جىددىي جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز دەۋر چوڭ يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلاپ، رېئال ئېھتىياجغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ماركسىزم بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم «ئوقى» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگودىن ئىبارەت «نىشان»نى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭگونىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش ـ ئىلگىرىلىيەلمەسلىكى بىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنى توغرا تونۇش ـ تونۇيالماسلىقىمىز ۋە ئىگىلەش ـ ئىگىلىيەلمەسلىكىمىز، مەركىزىي ۋەزىپىنى بېكىتىش ـ بېكىتەلمەسلىكىمىزگە باغلىق. قاچانكى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىگە توغرا ھۆكۈم قىلىنغاندا، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، پارتىيەمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ پۈتۈن ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تەھلىل يۈرگۈزۈلدى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەش داۋامىدا دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىن قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مۇرەككەپ ۋەزىيەت، مۇرەككەپ زىددىيەت، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغىنى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنىنى ئايرىماي، پەرقلەندۈرمەي، قارىغۇلارچە ئىش قىلغاندا، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىگىلى بولمايدۇ. بىزدە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى بولۇشى، ھەرخىل زىددىيەتلەرگە قارىتا كۆڭلىمىزدە ئېنىق سان بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساسلىق زىددىيەتنى ۋە زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقا زىددىيەتلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيە مەسىلىسى بىر پارتىيە، بىر دۆلەتنىڭ تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىسى. ئىستراتېگىيە جەھەتتە دەل جايىدا ھۆكۈم قىلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرگەندە، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا زور ئۈمىد تۇغۇلىدۇ. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز دائىم مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە دۇچ كەلگەن مۇھىم، زور تارىخىي تېمىلارنى ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن تونۇپ، تەھلىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىپ، توغرا سىياسىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكا تۈزۈپ چىقتى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ سان ـ ساناقسىز خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئىلمىي ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەتراپلىق خۇلاسىلەندى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەش داۋامىدا ئىستراتېگىيە، تاكتىكىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئىستراتېگىيە − پۈتۈن ۋەزىيەت، يىراق كەلگۈسى، چوڭ يۈزلىنىش جەھەتتىن ھۆكۈم قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەشتۇر. پارتىيەمىز بىر چوڭ پارتىيە، رەھبەرلىك قىلىۋاتقىنىمىز بىر چوڭ دۆلەت، ئېلىپ بېرىۋاتقىنىمىز ئۇلۇغ ئىش، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇشىمىز، ئىستراتېگىيە نۇقتىسىدىن مەسىلىلەرگە قاراشقا، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز كېرەك. توغرا ئىستراتېگىيە توغرا تاكتىكا ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە موھتاج. تاكتىكا ئىستراتېگىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكىنىڭ مۇناسىۋىتى دىيالېكتىكىلىق بىرلىكنىڭ مۇناسىۋىتى، ئىستراتېگىيەنىڭ قەتئىيلىكى بىلەن تاكتىكىنىڭ جانلىقلىقىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت پىكىر يولى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى بېكىتكەندە، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ۋاقتىدا پەرقلەرنى توغرىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى جەزمەن شەرتسىز ئىجرا قىلىپ، ئېغىپ كەتمەسلىك، ئۆزگىرىپ كەتمەسلىك، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كەينى ـ كەينىدىن قولغا كەلتۈرۈپ، جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلارنى بىر ـ بىرلەپ يېڭىپ، نۇرغۇنلىغان تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا غەيرەت ـ شىجائىتىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىشىدىكى سەۋەب، پارتىيەمىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىغانلىقىدا. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقانلىقى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەندى. پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى تەھلىل قىلىش ۋە خۇلاسىلەش داۋامىدا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىغا سىڭدۈرۈلگەن بىر مۇھىم مەزمۇن، بىز چوقۇم چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يېڭى تارىخىي شارائىتتا، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىدا، ئاچقۇچلۇقى پارتىيەمىز يەنىلا ئۆزىگە تايىنىشى كېرەك. كىم ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، كىم ئۈچۈن ھوقۇق ئىشلىتىش، كىمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە، بىزنىڭ كاللىمىز ئالاھىدە سەگەك بولۇشى، مەيدانىمىز ئالاھىدە قەتئىي بولۇشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ ھەممىسى يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇپ، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىپ، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىپ، پاك ئادەم بولۇشى، پاكىز ئىش قىلىشى، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پاك ـ دۇرۇس بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا، ئاچقۇچلۇقى مەسىلىگە توغرا قارايدىغان ئاڭلىقلىق ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. ھازىر، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى ھەم ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، لېكىن پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، قاتتىق بولۇش چېكىگە يەتتى دەيدىغان بىزارلىق كەيپىياتى پەيدا بولسا قەتئىي بولمايدۇ. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، بىر دەقىقىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، تاشقا، تۆمۈرگە ئىز قالدۇرغۇدەك قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىش كېرەك. مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ مەسىلە سادىر قىلسا، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنى ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا بولغان پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بىزنىڭ بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشىمىز ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەكلىكى تەكىتلەندى. بۇ، 6 ـ ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بىز ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك. پارتىيەمىزنىڭ 3 ـ تارىخىي قارارى پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرەش تارىخىغا بولغان يېڭى تونۇشىمىزنى نامايان قىلدى، بۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز، ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىمىز ۋە ئىگىلىشىمىزگە پايدىلىق. بۇ قېتىمقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەپ، دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم ـ مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىمىز، كېڭەيتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ئەينەن ئۆگىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچىنى چىڭ ساقلاش يولىدا قىلغان قەتئىي كۈرىشىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش مۇھىم تەلىپىنى ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تۈزۈمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، پارتىيە تارىخىنى دائىم ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، داۋاملىق تۈردە پارتىيە تارىخىنى پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرىنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، دائىملىق دەرسلىكى قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى ـ سىياسىي نەزەرىيە دەرسىدىن ئىبارەت بۇ يولدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە تارىخىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ھالدا تارىخنى بىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، تارىخنى بىلىپ ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەش كېرەك. «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە شەكىللەنگەن ياخشى مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش كېرەك.

لى كېچياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ۋە مەركىزىي ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلەش، ئىستراتېگىيە، تاكتىكا مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىش، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشتىن ئىبارەت بەش مەسىلە چوڭقۇر شەرھلىنىپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا پارتىيەمىزنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئىگىلەپ ۋە تەتبىقلاپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى، بۇ سۆز ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى سۆزنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئارمىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ ئورۇنلار، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.