ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى
پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپ بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى يىفېي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا، سەككىز نەپەر ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى باھا بەردى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش - تەكشۈرۈش ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئالىي مەكتەپلەرنى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى كۈچلۈك بازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ئالىي مەكتەپ بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باشتىن - ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئىككىنى تىكلەش»نى قوغداپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئالىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن دىققەت بىلەن روھنى تاۋلاپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان روشەن يۆنىلىشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي توغراق روھى ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، چېگرانى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مەكتەپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق خەلق رازى بولىدىغان داشۆنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەننى سۆيىدىغان، شىنجاڭنى سۆيىدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭقۇر، ئەتراپلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك، ئالىي مەكتەپلەردىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، زىيالىيلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، راست گەپنى ئاڭلاپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، ئىدېئولوگىيەدىكى رەھبەرلىك ھوقۇقى، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، سۆز قىلىش ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلەش؛ مەزمۇن، شەكىلنى بېيىتىپ، سۇپا - ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈن خۇڭمېي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.