ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلدى ​پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولايلى يېڭى دەۋردە، يېڭى مۇساپىدە بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولايلى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرايلى ​باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ​شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىمىزنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان - نەمۇنىچىلەر ۋەكىللىرى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى
بىڭتۇەن روھىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

8 - شى شىخەنزە شەھىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 6007 كىۋادرات كىلومېتىر. شىخەنزە شەھىرى ھەربىيلەر ئورۇن تاللىغان، لايىھەلىگەن، قۇرغان «جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى شەھىرى». 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش، چۆل - باياۋاندا يېڭى شەھەر بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت جاھان مۆجىزىسىنى يارىتىپ، «چۆللۈكتىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشكەن. شىخەنزە شەھىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز شەھەر، دۆلەت باغ - ئورمان شەھىرى، دۆلەت ئورمان شەھىرى دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ

تۇرپان شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى بولۇپ، «ئۈزۈم ماكانى» دەپ ئاتالغان. بۇيلۇق تۇرپان شەھىرىدىكى يالقۇنتاغنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ياخشى رايون ئورنى قاتناش ئەۋزەللىكى، ئۈزۈم مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى ئۈزۈم مەدەنىيەت مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى ئىدىقۇت رايونىنىڭ غەربىي شەھەر رايونى ئەتراپىغا جايلاشقان، ئۈزۈمچىلىك كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا تەخمىنەن ئون كىلومېتىر كېلىدىغان يارغول تۆپىلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خام توپا قۇرۇلمىلىق قەدىمىي بىناكارلىق شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.