تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا:​

ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مال لىق بېسىلغان يۈك ئاپتوموبىلى قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن چىقىپ، قازاقىستانغا قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلاندى.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جىن زوكۇن فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ ۋېي

تومۇزدىكى 7 - ئايدا، ئىلى دەرياسى جىلغىسىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، كۆز ئالدىڭىزدا ھەممە يەرنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەنلىكى، تەرەققىيات ھالىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقى، غەربكە ئېچىۋېتىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى نامايان بولىدۇ.

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، تاۋار قاچىلانغان يەنە بىر تۈركۈم ئاپتوموبىل تاموژنىدىن ئۆتۈش رەسمىيىتىنى تاماملاپ، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن ئاستا - ئاستا چىقتى. «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، بۇ جاي ئارقىلىق چېگرادىن چىققان تاۋار قاچىلانغان ئاپتوموبىل 10 مىڭدىن ئاشتى» دېدى قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى باتېر.

كۆممىقوناق، دادۇر لىق بېسىلغان ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىللار توختىماي ئىلى چۇەننىڭ بىيو - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى شېن يۈنپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئانتىبىيوتىك ئارىلىق ماددىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق بۇ كارخانا ھەر يىلى ئىلى دەرياسى جىلغىسىدىن چىقىدىغان 400 مىڭ توننا كۆممىقوناق ۋە 200 مىڭ توننا دادۇرنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ مۇھىم تايانچ نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ۋە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

ئەۋزەللىكلەرنى زورايتىپ، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش

بىر تال كۆممىقوناق دېنى قانچىلىك چوڭ كەسىپنى قوزغىتالايدۇ؟

يەرلىكتىن چىقىدىغان ئەلا سۈپەتلىك كۆممىقوناقنى خام ئەشيا قىلىدىغان، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، پىششىقلاش، سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئىلى خېڭخۇي كىراخمال چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قورغاس ناھىيەسىدىكى 2000دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ كۆممىقوناق تېرىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ شىركەتنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا بولسا يەنە چۇەننىڭ بىيولوگىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن كارخانا بار. «قورغاس ناھىيەسىنىڭ يىللىق كۆممىقوناق ھوسۇلى 200 مىڭ توننا بولۇپ، شىركىتىمىزلا 180 مىڭ توننا كۆممىقوناقنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىركىتىمىز يەنە 200دىن ئارتۇق يەرلىك ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرغۇچىسى لى جيې.

بىر تۇياق كالىدىن يەنە قانداق مەھسۇلاتلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟

«2 - قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشى پىلان بويىچە 8 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىلىدا كالا - قوي گۆشىنى خام ماتېرىيال قىلغان قېزا، سۈرلەنگەن گۆش مەھسۇلاتلىرى، تېز توڭلىتىلغان يېمەكلىك، تەييار يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.» شىنجاڭ مېيشىلەن يېمەكلىك زاۋۇتىنىڭ زاۋۇت باشلىقى چېن شىمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: زاۋۇت مەۋقەنى ئىلىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىگە قويۇپ، باقمىچىلىق، سويۇش، ئىنچىكە پارچىلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئەزەلدىن «گۈزەل بوستانلىق» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن ئىلى مەۋقەنى مول تەبىئىي بايلىققا قويۇپ، كەسىپلەر تەرەققىياتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، خاس بايلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى تېز يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، «بىر تال كۆممىقوناق دېنى»، «بىر تۇياق كالا»نى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇشنىڭ يىمىرىلمە ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئاتچىلىق كەسىپ ئەۋزەللىكى كۆزلىنىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ئاتچىلىق كەسىپ توپى قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ ئەلا نەسىللىك ئات يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بەش چوڭ قۇرۇلۇشقا دائىر 30 تۈرگە چېتىلىدۇ. «ئاتچىلىق كەسپى +» مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، يېمەكلىك قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تېز يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولماقتا.

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، جياڭسۇ لۇڭلىچى بىيو پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان ئاسىيا - ياۋروپا مېيگۇ (قورغاس)خەلقئارا بىيو پەن - تېخنىكا باغچىسى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى؛ 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، لۇڭلىچى بايراقدار دۇكىنى قورغاسقا ماكانلاشتى.

لۇڭلىچىنىڭ ئىلىدا ماكانلىشىپ بىيو پەن - تېخنىكا ياغ چەككىلەش، ئايرىش زاۋۇتى قۇرغانلىقى شىنجاڭنىڭ مول ھايۋانات، ئۆسۈملۈك بايلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىغانلىقىدا. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى شۈ جىۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: لۇڭلىچى پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭدا يەرلىك ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك بىيو پەن - تېخنىكا كەسىپلەر توپلانغان جاينى بەرپا قىلىدۇ.

ئىلى ئوبلاستلىق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 - يىلى، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلار مەۋقەنى «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاسلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتقان، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 43 مىليارد 970 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئاشقان؛ پۈتۈن يىلدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19 ئاشقان.

«ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا» ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى

ھازىر ئىلىدا «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا» دېگەن بۇ سۆز ئىسمى - جىسمىغا لايىق كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان سۆزگە ئايلاندى.

2021 - يىلى 1 - ئايدا، ئاپتونوم رايون «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قورغاسنى مەركەز قىلغان، قورغاس ناھىيەسى، غۇلجا شەھىرى، غۇلجا ناھىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، بوستانلىق ئىقتىسادى، تاغلىق رايون ئىقتىسادى، ساياھەت، چارۋىچىلىق قاتارلىقلارنى توپلىدى.

ھازىرقى بايلىق ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى خاسلىققا ئىگە بولغان ماس، يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرمەكتە. ئىلى ئوبلاستى «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى خې ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: قورغاس كەسىپلەر باغچە رايونىغا گوشېڭ چېماخې، سەنيوۋ فۇشىن قاتارلىق زور بىر تۈركۈم جابدۇق ياسىمىچىلىقى، زامانىۋى ئۇچۇر، بىيو دورا ياساش قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەر نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ چىڭشۇيخې كەسىپلەر باغچە رايونىغا شىزى شىئاۋ، چاڭچىڭتېڭ قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال، سودا ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت بەش چوڭ كەسىپ توپى ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ غۇلجا ناھىيەسى كەسىپلەر باغچە رايونىغا جيەنخۇا توقۇمىچىلىقى، داشېڭ توقۇمىچىلىقى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن توقۇمىچىلىق كەسىپ توپى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

«كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» كىچىك گىگانت كارخانا − شىنجاڭ جۇڭچاۋ يېڭى ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى چىڭشۇيخې كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا. بۇ كارخانا ئىشلەپچىقارغان چىدامچانلىقى كۈچلۈك ئاليومىن قېتىشمىلىق بوشلۇققا تارتىلىدىغان ئۆتكۈزگۈچ سىم، چاستوتا ئۆزگەرتكۈچى كابېل قاتارلىقلار دۆلەت ئېلېكتىر تورى ۋە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارنى تەمىنلەيدىغان بولۇپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 600 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ، 2 - قارارلىق تۈر پۈتكەندىن كېيىن، يېڭىدىن كۆپىيىدىغان مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشىدۇ.

ئىلى ئوبلاستىنىڭ مول كۆمۈر بايلىقى كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ھاسىل قىلىش تۈرى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۇرۇبا تورىغا يەتكۈزۈلمەكتە. شىنجاڭ چىڭخۇا ئېنېرگىيە گۇرۇھى مەركەزلىك كۆمۈر قېزىش، كۆمۈردىن تەبىئىي گاز ئېلىش، كۆمۈردىن سۈپەتكە ئايرىپ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىشنى بىر گەۋدىلەشتۈردى. «2021 - يىلىغىچە، چىڭخۇا شىركىتى جەمئىي سىرتقا يەتكۈزگەن تەبىئىي گاز 6 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى، كۆپ مەنبەلىك ھىدروكاربون، يېنىك ھىدروكاربون، يىرىك فېنول قاتارلىق ئون نەچچە خىل قوشۇمچە مەھسۇلات كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، بۇنىڭدا كۆمۈرنىڭ پايدىلىنىشقا بولىدىغان قىممىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا بولىدۇ» دېدى شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ لىشيەن.

2021 - يىلى، «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا» رايونىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 85 مىليارد 686 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %58.26ىنى ئىگىلەپ، 2020 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 10 مىليارد 285 مىليون يۈەن كۆپەيدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 10 مىليارد 199 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ %50.7ىنى ئىگىلىدى؛ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سوممىسى 68 مىليارد 936 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارنىڭ %60.85ىنى ئىگىلىدى...

«ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا» ئىلى ئوبلاستىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي قوشۇنغا ئايلاندى.

مەۋقەنى رايون ئورنىغا قويۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، چېگرا تەكشۈرۈش زالىدا چېگرا يول خېتىنى تېزلا بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن، مۇخبىر جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كىردى.

سائەت 16دە يەنە بىر تۈركۈم يۈك ساندۇقى «بوشلۇقتىكى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» ئارقىلىق جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىن قازاقىستان تەرەپ رايونىغا توشۇلدى.

بۇ «بوشلۇقتىكى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى»نىڭ ئىككى بېشى ئايرىم - ئايرىم ھالدا جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ چېگرا ھەمكارلىق رايونىغا تۇتىشىدۇ. ھەمكارلىق مەركىزى ئىقتىساد، تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جايدار ئالماس مۇنداق تونۇشتۇردى: يۈك ساندۇقى ئۇزۇنلۇقى 56 مېتىر كېلىدىغان كېشەك كىران ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، قىسقىغىنا ئون مىنۇتتىلا ئىمپورت - ئېكسپورت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، قورغاس پورتىدا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە يۈكسەلدى، بارغانسېرى كۆپلىگەن چەت ئەللىك ئىستېمالچى ئامازون، سۇمەيتۇڭ، ئالى بابا قاتارلىق خەلقئارا چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىن جۇڭگو تاۋارلىرىنى سېتىۋالدى.

گۇاڭجوۋ، شېنجېن، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلاردىن تۈركۈم - تۈركۈم يۆتكەپ توپلانغان جۇڭگو تاۋارلىرى قورغاس ياڭگۇاڭ جيېتۇڭ رەقەملىك سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئامبىرىغا توپلانماقتا. ئېكسپورت ماللىرىنى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئايرىش - تارقىتىش مەركىزىدە يىغىپ قۇراشتۇرۇش، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، توشۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بۇ ماللار تۆمۈريولدا جۇڭگو قورغاس − ياۋروپا جۇڭگو تۆمۈريولى نۆۋەتچى پويىزى، تاشيولدا «بوشلۇقتىكى قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى»، ئاۋىياتسىيەدە جۇڭگو - قازاقىستان - ياۋروپا قۇرۇقلۇق - ھاۋا بىرلەشمە تىرانسپورتى ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا ياۋروپادىكى خېرىدارلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

«ياڭگۇاڭ جيېتۇڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرگەن تۇنجى يىلىلا 1 مىليارد 500 مىليون يۈەنلىك سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. بۇ يىل بۇ ساندىن خېلىلا ئاشۇرىمىز» دېدى ياڭگۇاڭ جيېتۇڭ رەقەملىك سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى رېن يالى.

ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، قورغاس «پورت ئىقتىسادى»نىڭ «يول ئىقتىسادى»دىن «كەسىپ ئىقتىسادى»غا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىنى پائال ئىلگىرى سۈردى.

بۇ يىل 4 - ئايدا قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى پورتى قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاندى. ئەشيا ئوبوروتى پورتى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئامباردا ساقلاش، سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى، ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر سۇپىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ يىغىپ توپلاش، يىغىپ توشۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت تىپىدىكى كارخانىلارنى ماكانلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىشكە جەلپ قىلىدۇ.

قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى پىلان قۇرۇلۇشى بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شىن خەيۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيىنى ياخشى قۇرۇپ، كارخانىلارنى «يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تۈرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتتى. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، كاڭچېن دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا «سومكا كۆتۈرۈپلا كىرىپ» سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى، بۇ كارخانا قورغاس تېببىي دورىگەرلىك كەسىپلەر توپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سۈرئىتى «تېزلىتىلدى». ئالدىنقى يېرىم يىلدا قورغاس پورتى ئارقىلىق قاتنايدىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 3181 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.31 ئاشتى.

6 - ئەۋلاد دۆلەت دەرۋازىسى پورتنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كۆلىمى 81 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زامانىۋى قورغاس چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا رايونى ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن باشلاپ، قازاقىستان جۇڭگو پۇقرالىرىغا قارىتا 14 كۈنلۈك ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىشنى يولغا قويدى. قورغاستا سودا قىلىۋاتقان لى جۈن كۈلۈپ تۇرۇپ: «پايدىلىق خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن كېلىۋاتىدۇ» دېدى.

قورغاس خۇددى چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى بىناسىنىڭ شەكلىدەك قاناتلىرىنى كەڭ كېرىپ، يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئاچماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.