تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

  سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى خىلمۇخىل، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىجادىيەت نەتىجىلىرى مول بولدى... بۈگۈنكى شىنجاڭدا مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى غايەت زور بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجى كۆپ قاتلامدىن قاندۇرۇلدى.

  مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناق - ئېجىللىقىنىڭ روھى. بۇ قېتىم شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇزاق كەلگۈسى پىلان، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە قارىتا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتىن ئىبارەت مۇھىم رولغا ئىگە، ھەممەيلەن باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدىبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى يېپيېڭى روھىي قىياپەتتە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئوزۇق قوبۇل قىلىپ، نەتىجىگە ئېرىشتى.» غۇلجا شەھىرىدە 2022 - يىللىق مەملىكەتلىك كۆپ مىللەت يازغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى غەيرەت ئاسىم مۇنداق دېدى: «بىز ھەر مىللەت يازغۇچىلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى نامايان قىلىشقا پائال تەشكىللەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەدىبىي ئىجادىيەتلەرنى تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىمىز».

  «باش شۇجىنىڭ <ماناس>قا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ۋارىسلارغا غەمخورلۇق قىلىشى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە زور مەدەتكە ئېرىشتىم.» ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى جاننۇر تۇرغانباي مۇنداق دېدى: «<ماناس>نىڭ تەرەققىياتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتماقتا، بۇنىڭدىن كېيىن، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياش بىر ئەۋلاد ماناسچىلارنى قېزىپ ۋە تەربىيەلەپ، بۇ تۈرلۈك ماھارەتنىڭ پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا سەھنىسىگە چىقىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىمەن».

  يازلىق تەتىل پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى تاغئېرىق كەنتىنىڭ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدىن ئەڭ «يېقىشلىق ئاۋاز» ئاڭلىنىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ مەركەزدىكى كىتاب ئوقۇش مەخسۇس رايونىنىڭ مەسئۇلى ئارزۇگۈل ھوشۇر ھەر كۈنى بالىلارنى يېتەكلەپ «مۇھاكىمە ۋە بايان» (لۇنيۈ)نى ئوقۇيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىشنى بىر ياخشى كىتابتىن باشلاپ، بالىلارغا ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئايرىلماس بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن».

  جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش

  جاڭ چيەن غەربىي يۇرتتىكى بىر شاھزادىنى يىڭنە سانجىپ داۋالىغان، شاھزادىنىڭ سەللىمازا ساقىيىشىغا ئەگىشىپ، خەن سۇلالىسى ئەلچىسىنىڭ نامى غەربىي يۇرتتا كەڭ تەرىپلىنىپ، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى شەھەر بەگلىكلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن چوڭقۇر ئېتىراپ قىلغان... بۇ، چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»دىكى بىر كۆرۈنۈش. يېقىندا، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ ئەسلىدىكى رېژىسسورلار كوللېكتىپى ئىجاد قىلغان «يۈزياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى رەسمىي قويۇلۇشنىڭ تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.

  «باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخىي مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنى توغرىلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بۇ، كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئىجادىيەت يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى جەسۇر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «غەربىي يۇرتقا قايتىش» «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» «تىيانشانغا مۇھەببەت» «جاڭ چيەن» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ناخشا - ئۇسسۇللۇق تىياتىرلار شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە نەزەر سېلىش، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك بەدىئىي ئىپادىلەش شەكلىگە ئايلاندى، «<جاڭ چيەن> ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىردا تارىخىي ھېكايىلەرنى قېزىش ۋە جاڭ چيەندىن ئىبارەت بۇ شەخسنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىزاھلىدۇق».

  «ئەدىبىي ئىجادىيەتتە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھېكايە ۋە پېرسوناژلارنى يارىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان ئىجادىيەت خام ماتېرىياللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىدىيەۋىلىكى، بەدىئىيلىكى يۈكسەك بىرلىككە كەلگەن ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئاكتىپ كۈچكە تولغان جەمئىيەت روھىي قىياپىتىنى تارقىتىش كېرەك.» شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بايىن باتۇ مۇنداق دېدى: ئەدىبىي ئىجادىيەتچىلەر شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى «ئوزۇقلاندۇرۇش»نىڭ كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تاۋلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى قوزغىتىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك.

  ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل پامىر ئېگىزلىكى، يېشىللىققا پۈركەنگەن يېقىشلىق يازلىق يايلاق، مىڭ يىل قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قەدىمىي شەھەر خارابىسى... بۇلار «شىنجاڭغا رىشتە باغلاش − چۈەن شەنشى، ياڭ مىڭشەن ماي بوياق نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»دە كۆرگەزمە قىلىنغان ئەسەرلەردىكى باش قەھرىمانلار. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى بىر مەيدان يۇقىرى سۈپەتلىك كۆرگەزمە ئارقىلىق داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن تاماشىبىنلارنى كۈتۈۋالدى.

  «رەسساملىق ۋە ھەيكەلتىراشلىقتا نامايان قىلىنغان <شەكىل>دە كۆرۈش سېزىمى تۇراقلاشتۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ.» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى ۋاڭ شۇشېڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، تۇرمۇشقا زىچ يېقىنلىشىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان، مول شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە بولغان، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن نۇرغۇن ئەسەرنى ئىجاد قىلىپ، مەدەنىيەت نۇرىنى «كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان، بەھرە ئالغىلى بولىدىغان» قىلدى.

  «بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى يەنە يەتتە مەيدان چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىنى كىرگۈزۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت زىياپىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ» دېدى ۋاڭ شۇشېڭ.

  ئەمەلىي مەنزىرە، ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق نۇرىنى نامايان قىلىش

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان كىچىك چۈشەندۈرگۈچىلەرنى تەربىيەلەش جەريانىدا، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى(مۇزېي)نىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى زويا باقىت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى سىن خەۋىرىنى قويدى. «بۇ ئىنتايىن جانلىق دەرسلىك ئوقۇتۇش ماتېرىيالى بولۇپ، بالىلار ناھايىتى ھاياجانلاندى ھەم ئىپتىخارلاندى، شۇنداقلا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتتى.» زويا باقىت مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىلىرىنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.

  «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، ئۆزىمىزنىڭ بىلىم زاپىسىمىزنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، قاراتمىلىققا ئىگە ھالدا ئوخشاش بولمىغان كۆرۈرمەنلەر توپىنى شەكلى كۆپ خىل، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولغان چۈشەندۈرۈش بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا، يەنە رەقەملەشتۈرۈش، يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي مەنزىرە، ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق نۇرىنى نامايان قىلىمىز» دېدى زويا باقىت.

  شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىدىكى «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»دە، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەن بۇ يەردە تارىخ بىلەن ئۇچراشتى.

  «باش شۇجى بىزگە شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىشى جەريانىدا شەكىللەنگەن تارىخ ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەنلىكىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلىشىمىزنى تاپىلىدى.» شىنجاڭ مۇزېي تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي تەتقىقاتچىسى بايىنچىچىگ مۇنداق دېدى: «كۆرگەزمىنى پىلانلاش مېنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىم، مەن مۇزېينىڭ كۆرگەزمە مەزمۇنىنى بېيىتىش، تارىخىي تىياتىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغدايمەن، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمەن، ئۇنى ياخشى نامايان قىلىمەن».

  7 - ئاي كىرگەندىن كېيىن، 359 - لۈ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئېكسكۇرسىيە قىلىنىش مىقدارى 2000 ئادەم قېتىمغا يەتتى. «ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن بىز تارىخىي ھېكايىلەر، قىزىل ھېكايىلەرنى كۆرگەزمە سارىيى، ئەمەلىي بۇيۇم، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بىلەن بىرلەشتۈرىمىز، بالىلارنى زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق قىزىل مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قەلبلەرگە چوڭقۇر سىڭدۈرىمىز ھەم تېخىمۇ كۆپ ياشنى خاتىرە سارىيىغا كىرىشكە جەلپ قىلىمىز» دېدى خاتىرە سارىيىنىڭ ساراي باشلىقى نىڭ ۋېي.

  (مۇخبىر يىن لۇ، قاتناشقان مۇخبىرلار ھەبىبە، ليۇ مېڭمېڭ، ۋاڭ جىڭجىڭ، لى لى، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.