تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ جۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش يۈكسەكلىكىدىن تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدىن تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىدىن ئىبارەت جەڭگىۋار قورغاننى كۈچلۈك قۇرۇش، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش يۈكسەكلىكىدىن تونۇپ ۋە ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەپ تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - بازارلارنىڭ ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت باراۋەر بولغان ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئۆزى ئىدارە قىلىش داۋامىدا ئاممىنىڭ قاتنىشىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتا ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قانۇنچىللىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئاقىل ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى ۋە تىرەش كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش قوشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىسىنى تۇرغۇزۇش بىلەن كونىسىنى قالدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.