تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان - نەمۇنىچىلەر ۋەكىللىرى شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بېيجىڭغا بېرىپ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان - نەمۇنىچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مىڭشەن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن ئۈرۈمچىدە سۆھبەتلەشتى.

  يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان - نەمۇنىچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنىدا لاچىن بايەكە، مۇساجان نۇردۇن، ۋاڭ چىپېڭغا «مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمانلار كوللېكتىپى» دەپ نام بېرىلدى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدىكى كۆچمە كېرەكسىز بۇيۇم سېتىۋالغۇچى ما زىشىغا «مەملىكەت بويىچە ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن نەمۇنىچى» دەپ نام بېرىلدى.

  2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قەشقەر داشۆنىڭ شىنچۈەن مەكتەپ رايونىدا بىر بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن مۇز كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن، لاچىن بايەكە، مۇساجان نۇردۇن، ۋاڭ چىپېڭ بىرلىكتە ئۇنى قۇتقۇزۇپ چىققان. ئەمما لاچىن بايەكە بالىنى ئۇزاق ۋاقىت كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا ھالسىزلىنىپ، كۆل ئاستىغا چۆكۈپ كېتىپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان. 2019 - يىلى 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ما زىشى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلىغا ئوت كەتكەنلىكىنى بايقاپ، دەرھال يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرىغا ئاپتوموبىلنى جىددىي توختىتىشنى ئەسكەرتكەن ھەم ئۇنىڭ ئاپتوموبىلنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەرگەن. ئوت قالدۇقىنى ئۆچۈرۈۋاتقاندا، كوزۇپ ئىچىگە قويۇلغان سىر پۈركۈش باكى تۇيۇقسىز پارتلاپ، ما زىشىنىڭ كۆكرەك قىسمىغا تېگىپ بەختكە قارشى قۇربان بولغان.

  ۋاڭ مىڭشەن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن قەھرىمان - نەمۇنىچىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا تىرىشىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى شەھەر رايونىنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، تىنچ - ئامان قۇرۇلۇشى، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن تەڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تەڭ ئالغا سىلجىتىپ، تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.