تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا زىيارەت خاتىرىسى

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى قىزىل ئانار مەيدانىغا يىغىلدى، رەناگۈل تۇرسۇن (ئوڭدىن 4 - كىشى) ئۆزىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى كۆرگەن چاغدىكى بەختكە چۆمگەن ھېسسىياتىنى قوشنىلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

تەكشۈرۈشتە بولغان ئورۇن: تۇرپان شەھىرى

تۇرپان شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى بولۇپ، «ئۈزۈم ماكانى» دەپ ئاتالغان. بۇيلۇق تۇرپان شەھىرىدىكى يالقۇنتاغنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ياخشى رايون ئورنى قاتناش ئەۋزەللىكى، ئۈزۈم مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى ئۈزۈم مەدەنىيەت مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى ئىدىقۇت رايونىنىڭ غەربىي شەھەر رايونى ئەتراپىغا جايلاشقان، ئۈزۈمچىلىك كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. يارغول قەدىمىي شەھىرى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا تەخمىنەن ئون كىلومېتىر كېلىدىغان يارغول تۆپىلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، داۋاملاشقان ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان خام توپا قۇرۇلمىلىق قەدىمىي بىناكارلىق شەھىرى ھېسابلىنىدۇ.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، گو لىڭ، جېڭ جو

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇرپان شەھىرىگە كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇيلۇق، ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى، يارغول قەدىمىي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ جاينىڭ خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ... سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي تاپشۇرۇق خۇددى مەيىن شامالدەك شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى سىيپاپ ئۆتۈپ، كىشىلەرنى بۇ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يېڭى دەۋردە كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە.

بىر ساپاق ئۈزۈمدىن شېرىن تەم ئۈستىدە توختىلىش

تومۇز پەسلىدە، بۇيلۇقنىڭ ئىچى بۈك - باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇپ، باراڭدىكى ئۈزۈملەر تازا ئاينىغانىدى، بۇيلۇق ئۆستىڭىدىن سالقىن شامال ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر يالقۇنتاغ ئېتىكىدىكى بۇ سالقىن ھاۋادىن ھۇزۇر ئالماقتا ئىدى.

بۇيلۇق تۇرپان شەھىرىدىكى يالقۇنتاغنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، جەنۇبتىن شىمالغىچە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە ئەڭ كەڭ جايى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدۇ، ئۈزۈم كۆپ چىقىدىغانلىقى سەۋەبلىك داڭ چىقارغان.

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇيلۇققا كېلىپ، تۇرپاننىڭ خاس مېۋە - چېۋە كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ ئۈزۈمچىلىك خاس كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تۇرپان گۈزەل ۋە مۇنبەت، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارقىلىپ تۇرىدۇ، بۇ، تەبىئەتنىڭ سوۋغىسى. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

«باش شۇجى خاس كەسىپنىڭ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇشنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلانغان - ئايلانمىغانلىقىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى.» بۇيلۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۇڭجيەن مۇنداق دېدى: بۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ساياھەتچىلىكتىن كېلىدۇ. بۇيلۇق ياخشى رايون ئورنى قاتناش ئەۋزەللىكى، ئۈزۈم مەدەنىيىتى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى ئۈزۈم مەدەنىيەت مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى. كەنت ئاھالىلىرى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، دېھقانلار ئارامگاھى، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىش ھەمدە مەنزىرە رايونىدىكى كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنىڭ مەسئۇلى جاڭ مىڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، ئۈزۈم زىياپىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئائىلىۋى مېھمانخانىسى، ئىسسىق ھاۋا شارى، «بۇيلۇقتا كېچىدە سەيلە قىلىش» قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى ۋە تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، مەنزىرە رايونىغا نۇرغۇن تۈس قوشتى. قۇربان ھېيت مەزگىلىدىلا، ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 ئادەمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، كۆپ تۈرلۈك مەدەنىيەت - ساياھەت تۈرى ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپلا قالماي، يەنە مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچىدىكى ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

«ئىلگىرى ساياھەتچىلەر بۇيلۇقتا ئۈزۈملا بار دەپ ئويلايتتى، كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۈزۈمنىڭ ئاللىبۇرۇن نۇرغۇن كەسىپكە تۈرتكە بولغانلىقىنى بىلدى. يېقىندىن بۇيان، بىزنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىلىرىمىز ھەر كۈنى لىق توشتى.» بافېڭگۇ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئۈمىدجان مەمەت مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر بۇيلۇقتا سەيلە - ساياھەت قىلىۋاتقاندا باش شۇجىنى كۆرۈپ ھەم خۇشال بولدى ھەم ھاياجانلاندى.

«باش شۇجىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ خېلى ئۇزاق تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز.» شۇ كۈنى كەچ كىرگەندىمۇ، تۇرپان شەھىرى ئۈزۈمچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ لىيۈەن يەنىلا ھاياجان ئىلكىدە ئىدى.

بىر ساپاق ئۈزۈمگە باش شۇجىنىڭ ئىلگىرىكى ئەسلىمىسى مۇجەسسەملەنگەن. 2014 - يىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا نان، پولۇ، كاۋاپ، قوغۇن، ئۈزۈم قاتارلىقلار بار، بىزنىڭ <مەڭگۈ شىنجاڭلىق بولۇشتىن باش تارتمايمىز> دېيىشكە يېتەرلىك سەۋەبىمىز بار».

يۇقىرى تېمپېراتۇرا پەرقى، كۈن چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، قىروۋسىز مەزگىل، قارلىق تاغ سۈيى، ئۆزگىچە ئۆسۈش مۇھىتى تۇرپاننىڭ مېۋە - چېۋىلىرىگە شېرىن تەم كىرگۈزگەن. شۇ كۈنى بۇيلۇقتا كۆرگەزمە قىلىنغان مېۋە - چېۋە تۈرى 80 خىل ھۆل ئۈزۈم، 24 خىل قۇرۇق ئۈزۈم، يەتتە خىل قوغۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. «مەن باش شۇجىغا تۇرپاننىڭ ئۈزۈم سورتىنىڭ 500 خىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى، ئاساسلىق سورتلاردىن كىشمىش، سايۋا، بىجاقى، ئەتىر پۇراق ئۈزۈم قاتارلىقلار بارلىقىنى، ھازىر 80 خىل سورتنىڭ پىشقانلىقىنى تونۇشتۇردۇم» دېدى ليۇ لىيۈەن.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، باش شۇجى بۇيلۇق ئۆستىڭى بويىغا كەلدى. سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيىگە يىراقتىن نەزەر تاشلىغىنىچە، بىر تەرەپتىن ليۇ يۇڭجيەننىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن بېشىنى لىڭشىتتى. «28 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇيلۇق ئۆستىڭىنى 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا تۇرپاندىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بىرلىكتە ياساپ چىققان، ئۇ، لىنىيە بويىدىكى ئۈچ يېزا - بازاردىكى 23 مىڭ مو ئېتىزنى رەت بويىچە سۇغىرىدۇ» دېدى ليۇ يۇڭجيەن.

«باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر، ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بىز ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپلا قالماي، يەنە كۆپ كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ قاتنىشىپ، بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ئىلھام بېرىمىز» دېدى ليۇ يۇڭجيەن.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى ئولتۇرغان ئاپتوموبىل يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇزىتىپ تۇرغان كىشىلەر توپى ئۇزاققىچە تارقىلىپ كەتمىدى، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى ۋە تاپىلىغانلىرى ھېلىھەم كىشىلەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ، قىزغىن مۇزاكىرە سىجىل داۋاملاشتى.

ئۈمىدكە تولغان دالا

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يار بازىرى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى ئىدىقۇت رايونى شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان. كەنتكە كىرگەندە، تۈپتۈز ئاسفالت يوللارنىڭ ھەممە ئائىلىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغانلىقى، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھويلا تاملىرىغا نەپىس رەسىملەرنىڭ سىزىلغانلىقى، يازلىق تەتىل قىلىۋاتقان بالىلارنىڭ خۇشال ھالدا دەرەخ سايىسى ئاستىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتكىنىچە كەنت مەيدانىغا بېرىپ ئويناۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقاتتى.

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ كىچىك كەنتنى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدۈردى.

يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى ئالدى بىلەن مۇلازىمەت چوڭ زالىغا كېلىپ، مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاممىنى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تەپسىلىي سورىدى.

شۇ كۈندىكى نۆۋەتچى خادىم قەلبىنۇر ياسىن باش شۇجىغا تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركىزىمىز ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس - تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، مەسىلەن، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش، نوپۇسنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، ھەمدە بەزى سىياسەت، قانۇن - نىزاملاردىن مەسلىھەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، يەنە بەزى پىسخىكىلىق يېتەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

«باش شۇجى مەركىزىمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئىدىقۇت رايونى يېڭىشەھەر تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن جياسۈن باش شۇجىغا يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى، مەسىلەن، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش ئىشخانىسى قۇرۇش، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى «قىزىل ئانار» مۇرەسسە قىلىش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى دائىملىق ئىگىلەش، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش.

باش شۇجى كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تاللاش ئاچقۇچ.» بۇ نۇقتىغا قارىتا، چېن جياسۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بۇ جاينىڭ قانداق قىلىپ كەسىپلەر ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى دوكلات قىلدى.

كەنت دەرىجىلىك خاس كەسىپلەرنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى كىرگۈزدى، ۋاڭ يۇڭشۈنىڭ كارخانىسى ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدە ئىدى.

باش شۇجى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ۋاڭ يۇڭشۈ ناھايىتى ھاياجانلاندى. شۇ كۈنى، ئۇ باش شۇجىغا قۇرۇق ئۈزۈم پىششىقلاش ھۈنەر - سەنئىتى، سېتىش، بازار ئەھۋالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

باش شۇجى ئايرىش سېخىغا كىرگەندە، مېھرىگۈل ئەخمەت ئاقما لىنىيەدە ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. ئۇ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۆيىدىن شىركەتكە پىيادە بېرىشقا ئون مىنۇتلا ۋاقىت كېتەتتى. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا شىركەت خىزمەتچىسى بولغاندىن كېيىن، ئايدا 3500 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى، ئېرىمۇ يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتتا ئىشلىدى، ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 8000 يۈەندىن ئاشتى. مېھرىگۈلنىڭ ئۈچ بالىسى بار بولۇپ، ئۆيىگە يېقىن بولغاچقا، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا ئانچە قىينىلىپ كەتمىدى.

چېن جياسۈن باش شۇجىغا مۇنداق تونۇشتۇردى: قۇرۇق ئۈزۈمدىن باشقا، كەنتتە يەنە گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق بازىسى، كەپتەر تائاملىرى ئالاھىدە ئاشخانىسى قاتارلىقلار بار، 1000دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ پايدىسىدىن ھەقىقىي بەھرىلەندى.

مەي جىجۈن يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇ مەيداندا ۋاسكېتبول ئويناۋاتقاندا باش شۇجىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

«مەن شۇ چاغدا ناھايىتى ھاياجانلاندىم، باش شۇجىغا گارغا توپ ئېتىش ماھارىتىمنى بەكلا كۆرسەتكۈم كەلدى.» مەي جىجۈن مۇنداق دېدى: مېنىڭ باش شۇجىغا ھازىر كەنتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى مۇھىت ئەسلىھەلىرىنىڭ ناھايىتى تولۇق ئىكەنلىكىنى، ۋاسكېتبول مەيدانى، تەنتەربىيە چېنىقىش سايمانلىرى بارلىقىنى، يېزا تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكۈم كەلدى.

تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئاغرىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جوۋ جىگو خۇنەننىڭ 9 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ كىچىك ئەترەت باشلىقى، ئۇ نەچچە كۈندە بىر قېتىم يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى داۋالاش ئۆيىگە كېلىپ كېسەل كۆرىدۇ. دەل بۇ قېتىمقى ئادەتتىكى كېسەل كۆرۈشكە چىقىش جوۋ جىگونى باش شۇجىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.

«باش شۇجى ئىشىكتىن كىرگەندىن كېيىن كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سالاملاشتى، ئاندىن بىز بىلەن مۇڭداشتى.» جوۋ جىگو مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى مېنىڭ داۋاملىق چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشىمدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، «بىز چوقۇم شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر قىسىم داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنى كۆپرەك تەربىيەلەپ، تېخنىكىنى قالدۇرۇپ، كەڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىمىز».

چېن جياسۈن مۇنداق دېدى: تۇرپان شەھىرى ۋە خۇنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پائال تۈرتكىسىدە، 2020 - يىلى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى «مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەمۇنىچىسى» بولغان شىبادۇڭ كەنتى بىلەن قوشماقلاشتى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىككى كەنت قول تۇتۇشۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىنى ئورتاق قۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى، كەنت قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىنىڭ قىزىل ئانار مەيدانىغا كەلگەندە، يېقىن ئەتراپتىكى ئامما دەرھال چۆرىدىشىپ كەلدى. باش شۇجى چىن ھېسسىيات بىلەن، 56 مىللەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئانارنىڭ دانىسىدەك...دېيىشىگىلا ئامما باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە كېيىنكى يېرىم جۈملىنى تەڭلا دېدى: زىچ ئۇيۇشىشىمىز كېرەك!

قەدىمكى بىلەن بۈگۈنكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بىر قەدىمىي شەھەر

تۇرپاندا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى بولغان يارغول قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: يارغول قەدىمىي شەھىرى يىپەك يولىدىكى قاتناش مۇھىم يولى، جۇڭخۇانىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ بىر مۇھىم گۇۋاھچىسى بولۇپ، مۇھىم تارىخشۇناسلىق قىممىتىگە ئىگە. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

ياز كۈنلىرى ئوت يۇرتى ئاپتاپتا تونۇردەك قىزىپ كېتىدۇ. ئوخشاش ھارارەتلىك بولغىنى يەنە تۇرپان مۇزېيىنىڭ مۇئاۋىن مۇزېي باشلىقى دېڭ يۇڭخۇڭنىڭ قەلبى ئىدى.

ئۇ، دېڭ يۇڭخۇڭ ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايدىغان بىر كۆرۈنۈش − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ، تەنتەنە قىلىۋاتقان كىشىلەردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى.

باش شۇجىنىڭ تەبەسسۇمى خۇددى مەيىن شامالدەك دېڭ يۇڭخۇڭنىڭ جىددىي كەيپىياتىنى پەسەيتتى. «خۇددى تېلېۋىزوردىكىگە ئوخشاش، شۇنچىلىك خۇشخۇي، يېقىملىق ئىكەن».

باش شۇجى يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك خەرىتىسى ئالدىغا كېلىپ، تەپسىلىي كۆردى. بىر ياندا تۇرغان دېڭ يۇڭخۇڭ يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى.

«باش شۇجى ناھايىتى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.» دېڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «ئارىلاپ يەنە بەزى ئىنتايىن كەسپىي مەسىلىلەرنى سورىدى، باش شۇجى تارىخنى ناھايىتى چۈشىنىدىكەن».

نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، يىپەك يولى لىنىيەسى بويىغا تارقالغان زور مىقداردىكى تارىخىي يادىكارلىقلار خۇددى بىر تىزىق مەرۋايىتتەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سودا ئالاقىسى خاتىرىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كۆپ مىللەت، كۆپ دىن ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى نامايان قىلدى، يارغول قەدىمىي شەھىرى دەل بۇنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىللىكى.

«يارغول قەدىمىي شەھىرىدىن قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر خەنزۇچە يېزىقنى ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت يەنە كۆپ خىل قەدىمىي يېزىقمۇ بار، بۇ ئۇنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جاي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» دېڭ يۇڭخۇڭنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە ئەگىشىپ، قەدىمىي شەھەرگە «جان» كىرىپ، ھەر مىللەت ئاھالە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، ۋەتەن زېمىنىنى بىرلىكتە قەتئىي قوغداپ، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلىقىنى ساقلىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن تارىخنىڭ ئۇزاق بەتلىرى ئاستا - ئاستا ئېچىلدى.

2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئۆزى بىر زور مۆجىزە. ئالدىنقىلار بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقنى قانداق قىلىپ داۋاملىق ياخشى قوغداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە كۆڭۈل بۆلگەن ئىش.

«يارغول قەدىمىي شەھىرى ئەزەلدىنلا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت، شامال يالاش، يامغۇرنىڭ يالىشى، كەلكۈن، يەر تەۋرەش ۋە بىرقەدەر چوڭ تېمپېراتۇرا پەرقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن.» تۇرپان شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يارغول قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: «قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ۋە رېمونت قىلىش خىزمىتى بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان بىر مۇھىم تېما».

دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بۇ يىللاردا، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ كېسەللىك زىيانداشلىقى، بۇزۇلۇش دەرىجىسى، بۇزۇلغان ئورۇن، ئەتراپ مۇھىتى ھەم ساقلانغان بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى ھەم قاراتمىلىق ھالدا بىر قىسىم يادىكارلىق ئورۇنلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە رېمونت قىلىشنى تاماملىدى.

تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولدى. «كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسى يادىكارلىقلارنىڭ يېرىقلىرىنى <كۆزىتىدۇ>.» ۋاڭ جيەندۇڭ مۇنداق دېدى: «يېرىقلاردا ئۆزگىرىش بولسىلا، بۇ سىستېما ئەسكەرتىش بېرىپ، بىزنىڭ نۇقتا ئورۇنغا ۋاقتىدا، دەل بېرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ».

گەرچە پەن - تېخنىكىنىڭ قوللىشى بولسىمۇ، يارغول قەدىمىي شەھىرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملار يەنىلا ھەركۈنى «ئادەم كۈچى» بىلەن چارلاپ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ئىشنى بىز چوقۇم ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.» ھەركۈنى شامال ئۇرۇپ، ئاپتاپ كۆيدۈرۈپ تۇرغاچقا، ۋاڭ جيەندۇڭنىڭ تېرىسى قارىداپ قىزىرىپ كەتكەنىدى، «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم تېخىمۇ خاتىرجەم بولىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەسلەپ، دېڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تارىخىي مەدەنىيەتنى تېخىمۇ ياخشى تارقىتىمىز.» ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئىلگىرى شانلىق ئۆتمۈشى بولغان، يارقىن بۈگۈنى بار، تېخىمۇ مۇھىمى ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇپ كەلگۈسىگە يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك. بىز چوقۇم يارغول قەدىمىي شەھىرى يادىكارلىقىنى ۋەكىل قىلغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى نامايان قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.