بىڭتۇەن روھىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش">
تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

بىڭتۇەن روھىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلۇپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىخەنزە شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسى

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرى 143 - تۇەن 9 - ليەنىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىسى نى زېخەن ئەر - خوتۇن شاپتۇل ئۈزمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

− شى جىنپىڭ

تەكشۈرۈشتە بولغان ئورۇن: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرى

8 - شى شىخەنزە شەھىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 6007 كىۋادرات كىلومېتىر. شىخەنزە شەھىرى ھەربىيلەر ئورۇن تاللىغان، لايىھەلىگەن، قۇرغان «جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى شەھىرى». 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، «قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش، چۆل - باياۋاندا يېڭى شەھەر بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت جاھان مۆجىزىسىنى يارىتىپ، «چۆللۈكتىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامغا ئېرىشكەن. شىخەنزە شەھىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە مەدەنىي شەھەر، دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز شەھەر، دۆلەت باغ - ئورمان شەھىرى، دۆلەت ئورمان شەھىرى دېگەن ناملارغا ئېرىشكەن. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۈي يۈنيەن، مېھرىگۈل غوپۇر

بوستانلىق خۇددى يېشىل قاشتېشىدەك كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى، يېڭى شەھەر خۇددى مەرۋايىتقا ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان. 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر بۇ يەردە داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، «قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش، چۆل - باياۋاندا يېڭى شەھەر بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت سەلتەنەتلىك داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، 8 - شى 143 - تۇەندە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخى ھەمدە بىڭتۇەننىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، خاس يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكى كادىرلار، ئاممىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: بىڭتۇەن روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.

باش شۇجى بىڭتۇەننى ئىنتايىن چۈشىنىدۇ

شىخەنزە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن شەھەر بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ كۈرەش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى يېڭى جۇڭگونىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىنقىلابىي تارىخىنى ئۈستىگە ئالغان.

ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنىدىغىنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئەمەلىي بۇيۇملار، ۋارىسلىق قىلىنىدىغىنى بىڭتۇەن روھى. باش شۇجى ئىلگىرى كۆپ قېتىم «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»نى ئاساسلىق ئىچكى خاس مەزمۇن قىلغان بىڭتۇەن روھىنى تىلغا ئالغانىدى.

«باش شۇجى بىڭتۇەنگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنداقلا بىڭتۇەن تارىخىنىمۇ ئىنتايىن پىششىق بىلىدىكەن». ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى گەن لىن مۇنداق دېدى: ئېكسكۇرسىيە داۋامىدا، باش شۇجى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كۆردى، ئەستايىدىل ئاڭلىدى، يەنە پات - پات سوئال سوراپ تۇردى.

گەن لىننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەن ئىنچىكە تەپسىلاتلار ناھايىتى كۆپ. «باش شۇجى شاخەي پېشقەدەم ئەسكەرلىرىنىڭ تارىخىنى ناھايىتى پىششىق بىلىدىكەن، مەن باش شۇجىنىڭ پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنى ئىزچىل قەلبىگە پۈكۈپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم».

گەن لىننىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە ئۇ مۇزېينىڭ مەيدان - سارايلىرىنى بۇرۇندىن ئىنتايىن پىششىق بىلسىمۇ، لېكىن باش شۇجىغا ھەمراھ بولۇپ قايتا ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىكى تەسىراتى ئوخشاش بولمىغان، ھەم ھاياجانلانغان ھەم تەسىرلەنگەن، قەلبى ئىللىقلىققا تولغان. «بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. باش شۇجى: بۇ قىممەتلىك بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، دېدى. بىز مۇزېيدىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداپ، بىڭتۇەن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، بىڭتۇەن روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ.

ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى گۇ چېنيې 3 - ئەۋلاد بىڭتۇەنلىك بولۇپ، شىخەنزە شەھىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، بۇ يەردە چۈشەندۈرگۈچى بولۇۋاتقىنىغا 15 يىل بولدى. «باش شۇجى كەلگەندە، مەن تولىمۇ ھاياجانلاندىم، شۇنداقلا سەل جىددىيلەشتىم.» ئۇنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى، بۇنىڭ تەسەۋۋۇردىكى بىر مەيدان چۈشەندۈرۈش بولماستىن، بەلكى بىر مەيدان ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئوخشىغىنى بولدى، باش شۇجىنىڭ خۇشخۇي ۋە يېقىملىق سۆزلىرى ئۇنىڭ جىددىيلىكىنى ناھايىتى تېزلا پەسەيتتى.

«باش شۇجى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار ھەمدە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن، كۆپ قېتىم سوئال سورىشى ماڭا باش شۇجىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قويۇق خەلقچىل ھېسسىياتنى ھېس قىلدۇردى» دېدى گۇ چېنيې.

ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ زالدا بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ۋەكىللەر باش شۇجىغا بەس - بەستە ئۆزىنى تونۇشتۇردى. بۇ يىل 85 ياشقا كىرگەن سۈن بېنشيا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «مەن ۋەتەننىڭ چېگراسىنى گۈللەندۈرۈش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، 1954 - يىلى شەندۇڭدىن كەلدىم، پارتىيە مېنى نېمە ئىش قىل دېسە شۇ ئىشنى قىلىمەن، بۇنىڭغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن!» گۇ چېنيې مۇنداق دېدى: 1 - ئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچى ھەربىيلەرنىڭ ئەڭ ھەقىقىي ۋە راستچىل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك بىرلىكتە چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.

باش شۇجى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى.

باش شۇجىنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ۋە كۆپچىلىككە بەخت تىلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، 80 نەچچە ياشلىق ساۋ يۈنمىڭ بىلەن زوۋ مېييۈ ئەر - خوتۇن ئىنتايىن تەسىرلەندى. «ئىلگىرىكى كۈرەش قىلىشىمىز ھازىرقى بەخت ئۈچۈندۇر. ياش ۋاقتىمىزدا بىز ناھايىتى كۆپ جاپا چەكتۇق، ھازىر ئاخىرقى ئۆمرىمىزدە تۇرمۇشىمىز كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ، تېنىمىزمۇ ساغلام، يەنە باش شۇجىنى كۆرەلىدۇق، بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، ياشىشىمىزنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇق» دېدى ساۋ يۈنمىڭ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، قىزىل ئەنئەنىنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇش، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، بىڭتۇننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىللىرى باش شۇجىغا بىڭتۇەن روھىنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلدى.

كۆرۈشۈشتە، 8 - شى شىخەنزە باش مەيدانى چۈەنشۈيدى 5 - ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» شۇجىسى، جىداۋيۈەن كاڭ يالۇڭ جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «مەن بىڭتۇەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ليەندۈيىنىڭ كادىرى، ئىسمىم كاڭ يالۇڭ».

كاڭ يالۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قەددىنى رۇسلاپ، باش شۇجىغا يېڭى بىر ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ جۇشقۇنلۇقى ھەم ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقچى بولغان. «مەن بىڭتۇەن روھىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، چېگرا رايونغا ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، يۇرتۇمنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن» دېدى ئۇ.

پىژغىرىم ئىسسىقتا باش شۇجى ئېڭىشىپ تۇرۇپ كېۋەزلىكنى كۆردى

«7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، پىژغىرىم ئىسسىقتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، باش شۇجى بىزنىڭ ليەندىكى كېۋەز ئۆستۈرۈش بازىسىغا كېلىپ، ئېڭىشىپ تۇرۇپ كېۋەزلەرنىڭ غوزىلاش ئەھۋالىنى كۆزەتتى.» 8 - شى 143 - تۇەن يېزا ئىگىلىك 1 - ليەنىنىڭ تېخنىكى شيې يۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: كۆز ئالدىمدىكى باش شۇجى شۇقەدەر خەلقچىل ئىدى.

320 مو كېلىدىغان بۇ كېۋەزلىكتە يېشىللىق بىر - بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. «بۇ بىز تېرىغان يېڭى سورت شىنلۇزاۋ 84 - نومۇر، ئانچە ئېگىز ئۆسمەيدۇ، ھەر مو يەردىكى مايسىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈپ سانى 14 مىڭ تۈپ بولۇپ، ھازىر دەل چېچەكلەش، غوزىلاش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر تۈپى بەش - ئالتىدىن غوزىلىدى.» شيې يۇڭ دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى، مو بېشى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 520 كىلوگىرامدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇنى ئاڭلاپ باش شۇجىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.

باش شۇجىنىڭ سورىشى بىلەن، شيې يۇڭ كېۋەز پەرۋىشى تېخنىكا مۇلازىمىتى توغرىسىدىكى نۇرغۇن مەسىلىگە جاۋاب بەردى، باش شۇجىنىڭ كېۋەز تېرىقچىلىقى توغرىسىدىكى مول بىلىمى ئۇنى ھەيران قالدۇردى.

2014 - يىلى شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى يامغۇرغا قارىماي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6 - شى كومسومول دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. سەككىز يىل ئۆتۈپ كەتتى، 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بىڭتۇەننىڭ تېرىقچىلىق كەسپىدە ئاغدۇرۇش، تېرىش، يىغىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتى %95.3كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق تەرەققىياتقا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش»نى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

«بۈگۈنكى كۈندە ليەنىمىزدە كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ ماشىنىلىشىش دەرىجىسى %96.5كە يەتتى. پۈتۈن مۇساپىلىك ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىشچى - خىزمەتچىلەر تېمىتىپ سۇغىرىش، ئوغۇتلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى يان تېلېفوندا قىلالايدۇ» دېدى شيې يۇڭ.

143 - تۇەن 9 - ليەننىڭ توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش باغچىسىدا، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئىشچى - خىزمەتچى نى زېخەننىڭ كېۋەز تېرىش، پاختا سېتىش ۋە ئائىلە ئەھۋالىنى سورىدى. «شاپتۇلنى سېتىشتىن غەم قىلمايمەن، باھاسىمۇ ياخشى، مو بېشى كىرىمىم 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.» نى زېخەن پەخىرلەنگەن ھالدا باش شۇجىغا ئۆزىنىڭ 16 مو يەردە شاپتۇل ئۆستۈرگەنلىكىنى، جەمئىي يەتتە خىل سورتنىڭ بارلىقىنى، بالدۇر پىشىدىغان، ئارىدا پىشىدىغان، كېيىن پىشىدىغانلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈپ، سېتىش مەزگىلىنى ئۇزارتقانلىقىنى، شاپتۇلنىڭ ئەتراپتىكى جايلار ھەم مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىدىغانلىقىنى، ھازىر بىڭتۇەندىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلدى.

باش شۇجى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ليەندۈينىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئېكولوگىيە مەنزىرە ساياھىتى ۋە دېھقانلار ئارامگاھى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۇسۇلىنى ماختىدى.

«باش شۇجى تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىگە، بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىمىزغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى، بۇنىڭدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىز ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، كۆيۈنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بىز تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئەڭ ياخشى شاپتۇل يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز» دېدى نى زېخەن.

باش شۇجى 143 - تۇەننىڭ خۇايۈەن بازىرى مەيدانىغا كەلگەندە، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتى ئۇرغۇپ تاشتى. «مەن باش شۇجىنىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، باش شۇجى كېلىشى بىلەنلا، كۆپچىلىك چۆرىدەپ كېلىپ، باش شۇجىدىن بەس - بەستە ئەھۋال سورىدى» دېدى 143 - تۇەن 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ يۈ.

«باش شۇجى نەق مەيداندىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، بىزنىڭ تەنتەنە سادالىرىمىز ۋە ئالقىش سادالىرىمىز ئۇزاققىچە ياڭرىدى، قەلبىمدە بىر خىل ئىللىق ئېقىم مەۋج ئۇرۇپ، ھاياجانلانغىنىمدىن كۆزۈمگە ئىسسىق ياش كەلدى!» 143 - تۇەننىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچى - خىزمەتچىسى سۇڭ رۇڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى يېتەرلىك، تۇرمۇشىمىز بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز.

يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا ماڭغانسېرى شۇنچە يېقىن ئۆتۈش

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىشىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش كۈنسېرى قويۇقلاشتى.

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يېقىن قوشنا بولۇپ ئۆتتى، «بەلگىلەنگەن دائىرىدە ھەرىكەت قىلىش، پاسىل بويىچە ئىدارە قىلىش»تەك تەپەككۇر ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، ئېكولوگىيەنى قوغداش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇردى، ھەر مىللەت ئامما يۇغۇرما تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

«ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشقا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم» دېدى بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىلى، 8 - شى 133 - تۇەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى دەرىغا سېيىت. ئۇ ماناس ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىخەنزە داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۇەندە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلەنگۈچى.

شىخەنزە شەھىرى بىلەن ماناس ناھىيەسى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئىككى جايدىكى ئامما قاتناش، مائارىپ، داۋالىنىش، ساياھەت، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆزئارا ئالاقىلىشىپ، ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەنمەكتە. 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىخەنزە - ماناس چوڭ كۆۋرۈكى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، ئىككى جاي ئارىسىدىكى قاتناش ۋاقتى بەش مىنۇتقا قىسقاردى، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش تېخىمۇ كۆپەيدى. «قانچە يۇغۇرۇلغانسېرى، شۇنچە ئىناق بولدۇق، شۇنچە تەرەققىي قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن» دېدى دەرىغا.

«باش شۇجى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تەكىتلىدى، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى تىرىشىش نىشانىمىز.» بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىلى، 8 - شى 144 - تۇەن 1 - ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىۋېي مۇنداق دېدى: 1 - ليەن ساۋەن شەھەرلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا يېقىن، ئۇرۇقچىلىق مەيدانىدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرى 1 - ليەننىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، ليەندۈيدىكى تېرىقچىلىق ماھىرلىرىمۇ دائىم ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا بېرىپ كېۋەز تېرىش تەجرىبىسىنى ئۆگىتىدۇ.

«بىر تاختا شاھمات» ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، «بىر پارچە خەرىتە» ئورتاق سىزىپ چىقىلدى. «رايون چەك - چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، تۈرلۈك ئىشلاردا ماسلىشىپ ھەمكارلىشىشتا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى جاي ئارىسىدىكى ھېسسىيات بارغانسېرى يۇغۇرۇلۇپ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلاندۇق.» ۋاڭ جىۋېي مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا تېخىمۇ زور بوشلۇقنى كۆزلەيمىز، مەسىلەن، كېۋەز تېرىقچىلىقى بىرلەشمە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ بازار ئېچىپ، ئېنېرگىيە تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا بىرلىكتە بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز.

«ئەتراپتىكى يېزا - بازارلاردىكى ئامما ئىچىدە بىزنىڭ تۇەن - مەيدانغا كېلىپ ئۆي سېتىۋالىدىغانلار، كېلىپ سودا قىلىدىغانلار بار، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار تۇەن - مەيداندىكى مەكتەپتە بىرلىكتە ئۆگىنىپ، مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.» 143 - تۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: تۇەن - مەيدان بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ، يەنە تۇەن - مەيداننىڭ خاس باغ - ئورمانچىلىق، چوڭ يېزا ئىگىلىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يولىدا ماڭغانسېرى شۇنچە يېقىن ئۆتۈپ، ماڭغانسېرى شۇنچە كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.

«باش شۇجى بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ، دېدى، بىز ھەسسىلەپ رىغبەتلەندۇق.» ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىرىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.