تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ئىستېرېئولۇق، ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەش كېرەك

مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ئىستېرېئولۇق، ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. سۆھبەت يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئاخبارات بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، باش تېمىنى ئورتاق پىلانلاش، ئاممىۋى پىكىر بازىسىنى ئورتاق قۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى باش تېمىسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، بىر قاتار سەرخىل، جانلىق، نادىر ئاخبارات ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق تەشۋىق قىلىپ، مەركەز ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئېھتىياجلىق، شۇنداقلا مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېھتىياجلىق. كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق تۈردە پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تەشۋىق قىلىشتا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ ئاخبارات تەشۋىقاتى بىلەن بولغان باشلىنىش نۇقتىسى، پۇقرالار ئويلاۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەر بىلەن بولغان بىرىكىش نۇقتىسى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بولغان ماسلىشىش نۇقتىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. داۋاملىق تۈردە شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كىچىك دائىرە ئارقىلىق چوڭ باش تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈش، كىچىك ھېكايىلەر ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش، كىچىك شەخسلەر ئارقىلىق چوڭ دەۋرنى يورۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ئىستېرېئولۇق، ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەش كېرەك. داۋاملىق تۈردە يۇغۇرما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈلگە كۆرسىتىپ، مەركەزدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلار ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز تاراتقۇلىرى بىلەن يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئىچكى - تاشقى تەشۋىقات، خەۋەر قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى يۇغۇرما تارقىتىش ئۆرنەكلىرى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. داۋاملىق تۈردە ئۆز قۇرۇلۇشى جەھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىپ، توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە پۇختا چىڭ تۇرۇپ، «ئايىغى چاققان، كۆزى ئۆتكۈر، زېھنى ئوچۇق، قەلىمى كۈچلۈك بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرى خىزمىتىنى سەمىمىي ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئورتاق ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پائال چارە - تەدبىر كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.