تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش» مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ يۈكسەكلىكى يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق بولۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ھازىرقى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى چوڭ ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر ۋە يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ زور سىياسەت ـ فاڭجېنى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئىلمىي ئىزاھلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، دېگەن قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلەپ، جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت كونكرېت تەلەپنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك سەگەكلىكنى ساقلاپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، روھىي ماھىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش قىلىش قىياپىتى بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئون يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بايراق كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە ئىتتىپاقلاشتۇردى، يېتەكلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر ھاسىل بولدى، بۇ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەر شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يادرو دېمەك كۈچ دېمەكتۇر، يادرو دېمەك يۆنىلىش دېمەكتۇر، يادرو دېمەك كەلگۈسى دېمەكتۇر، باش شۇجى كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن، پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇشقا مۇناسىپ، خەلقنىڭ داھىيسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى، «ئىككىنى تىكلەش» يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ زور ئومۇمىي ۋەزىيەت، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر يادروغا سادىق بولۇپ، يادرونى ھىمايە قىلىپ، يادرونى قوغداپ، يادرونى قەتئىي مۇھاپىزەت قىلىش؛ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشتىن ـ ئاخىر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەنىسىنى بىلىپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىزنىڭ ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، جەزمەن زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتنى تۈگىتىش، خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى تىرىشىپ ساقلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان بايلىق ۋە كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش ۋە نەتىجىلەردىن پايدىلىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىستېمىلىق توپلاشقان، ماس يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان كۆزىتىش ـ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.