تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى نامايان قىلىش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ مۇزېيىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسى

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ

■تەكشۈرۈشتە بولغان ئورۇن: شىنجاڭ مۇزېيى

شىنجاڭ مۇزېيى 1959 - يىلى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلگەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئەۋرىشكە ماددىي بايلىقىدىن 24 مىڭ 592 پارچە(يۈرۈش) ساقلانغان. شىنجاڭ مۇزېيى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك جەمئىيەت ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل 5 - ئايدا 2 - قارارلىق يېڭى مۇزېي پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەسلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىگە يېقىن كېڭىيىپ، 49 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن كۆپرەككە يەتتى.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى فەن چيۇڭيەن  يىن لۇ

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە شىنجاڭ مۇزېيىغا كېلىپ، «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى ھەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى.

«جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان».

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشىدىكى تارىخىي پاكىتلار، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت ساقلانما يادىكارلىقلىرىنى تولۇق قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش، تەقدىرداش مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەش كېرەك».

«غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش خىزمەتچىلىرىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇردى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يىلتىز تارتىپ روھنى تاۋلاشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى ھېس قىلدى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش

شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش

«مۆھۈر ۋە مۆھۈر بېغى ئىنئام قىلىش» «سەككىز ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا» «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى» «قول يازما <تاڭ سۇلالىسى قانۇنلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان . ئومۇمىي قانۇن پىرىنسىپى>»... زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە شىنجاڭ رايونىدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى بايان قىلماقتا.

شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2 - قارارلىق يېڭى سارىيىنىڭ «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»دە، چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋردىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئېسىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي تەپسىلاتلار نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن.

«شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»دىكى ئىككى خەن سۇلالىسىدىن سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىگىچە بولغان كۆرگەزمە زالىدا، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ باش شۇجىغا كۆرگەزمە ئىشكاپى ئىچىدىكى شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان نۇرغۇن مۆھۈرنى تونۇشتۇردى.

يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: مۆھۈرلەر ئارىسىدا داڭلىق لى چۇڭنىڭ ھۆكۈمەت تامغىسى بار، لى چۇڭ مىلادىيە 16 - يىلى غەربىي يۇرت قورۇقچىبېگى بولغان. بۇ ھۆكۈمەت تامغىلىرىنىڭ قېزىۋېلىنىشى، خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغاندىن كېيىن، غەربىي يۇرتقا بولغان باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «مۆھۈر ۋە مۆھۈر بېغى ئىنئام قىلىش» تەدبىرىنى قوللانغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا غەربىي خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

«سەككىز ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا» بىلەن « مۆھۈر ۋە مۆھۈر بېغى ئىنئام قىلىش»نىڭ يانداش كۆرگەزمە قىلىنغانلىقى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتقا بولغان ھۆكۈمرانلىق قىلىش نوپۇزىنى نامايان قىلغان بولۇپ، تارىختىكى مەركىزىي سۇلالىلەرنىڭ غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى شەھەر بەگلىكلىرىنىڭ ۋاڭ - تۆرە، ئاقسۆڭەكلىرىنى تارتۇقلىغانلىقى ھەم ئۇلارغا ئىنئام بەرگەنلىكىنىڭ مۇھىم دەلىلى.

باش شۇجى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى» ئالدىدا توختاپ، سىنچىلاپ قارىدى. بۇ كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىمخاب توقۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئەينى چاغدىكى غەربىي يۇرت شەھەر بەگلىكلىرىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەدىرلىگەنلىكى ۋە ئۇنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

2017 - يىلى 4 - ئايدىكى گۇاڭشى سەپىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېپۇ ناھىيەسىدىكى خەن سۇلالىسى دەۋرى مەدەنىيىتى مۇزېيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتكەن: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش، مەدەنىيەتنى سۆزلىتىش كېرەك.

«بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاۋاتىمىز.» يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»دە تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تارىخى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخى، يىپەك يولى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش شارائىتىدىكى مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش تارىخىنى گەۋدىلىك نامايان قىلدۇق، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇزېيدا تارىخىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش، قاتنىشىش، بەھرىمەن بولۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردۇق، بىز يەنە بەزى ئىزدىنىش ۋە سىناقلارنى قىلدۇق».

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيە بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىش

«دۆلىتىمىزنىڭ ۋىلايەت - ناھىيە تۈزۈمى چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدە ئورنىتىلغان.» يۈ جىيۇڭ باش شۇجىغا بۇ تۈزۈمنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

«بىر مۇزېي بىر چوڭ مەكتەپ دېمەكتۇر.» 2015 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىئەن شەھەرلىك مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخنى سۆزلىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىپ، ئەجدادلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە شان - شەرىپىگە ۋارىسلىق قىلىش، مىللەت غۇرۇرى ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، تارىخىي ئوڭۇشسىزلىق ۋە ساۋاقلارنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەگرى يولدا ئاز مېڭىپ، تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەش كېرەك.

«باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپ بويىچە، بىز كۆرگەزمە مەزمۇنىنى بېيىتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى ياخشى قوغدايمىز، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىمىز ۋە ئۇنى ياخشى نامايان قىلىمىز.» يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: مۇزېي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيە بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئۇنى مىللەت ھېسسىياتىنى بايان قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان، كۆپ مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىدىغان دەرسخانىغا، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تارىخ دەرسخانىسىغا ئايلاندۇرىدۇ.

2021 - يىلى 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي چېڭدېدا تەكشۈرۈشتە بولدى، چېڭدې مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا، تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ شەرققە قايتقانلىقى نامايان قىلىنغان بىر پارچە كۆرسەتمە خەرىتە باش شۇجىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ كەتكىنىگە 100 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى، بۇ، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ بەردى».

كۆرگەزمىنى كۆرۈش جەريانىدا، يۈ جىيۇڭمۇ باش شۇجىغا تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ شەرققە قايتىش ۋە ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. شەرققە قايتىش تارىخىي مۇساپىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مىللەت - دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشىنىڭ ئۆرنىكى بولۇپ، ھۆكۈمەت «جان سانىغا قاراپ ئوزۇق - تۈلۈك ۋە كىيىم - كېچەك تارقىتىپ بېرىش، يەر بۆلۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش، ئاشلىق ئۈچۈن تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ماددىي ئەشيا يۆتكەپ ياردەم بەرگەن، لەشكەر، خەلقنى ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان، ھەرقايسى قەبىلىلەرنى 12 خوشۇنغا بۆلۈپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان، چيەنلۇڭ خان يەنە زىياپەت بەرگەن ھەم ئوباش قاتارلىق يولباشچىلارغا مەرتىۋە بەرگەن. بۇ جەريان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

يۈ جىيۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ مۇزېيىدا تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى.

غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش

«ئالدى بىلەن باش شۇجىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان سىيماسىنى كۆردۈم.» بۇ كۆرۈنۈش يەنىلا قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئىشلىگۈچىسى ۋە رېژىسسورى ئاسىلبېك مەمەتروزىنىڭ كاللىسىدا توختىماي قايتا نامايان بولاتتى.

7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيىدا، باش شۇجى مىللىي ئېپوس «ماناس» ئېيتىش نومۇرىنى كۆردى، ئاسىلبېك بۇ مەيدان ئېيتىش نومۇرىنىڭ ئۇسسۇل ئىشلىگۈچىسى ۋە رېژىسسورى، قوشۇمچە نومۇر ئورۇنلىغۇچىسى ئىدى.

رىتىمى جاراڭلىق بولۇپ، ھەر قېتىم ئېيتىپ ئاچقۇچلۇق يېرىگە كەلگەندە، ئىختىيارسىز قول ئىشارىتى ھەرىكىتىنى ھېكايە ۋەقەلىكىگە ماسلاشتۇرىدۇ، ھاياجانلانغاندا نومۇر ئورۇنلىغۇچىلار ئىختىيارسىز ھالدا يېنىك تەۋرىنىدۇ. «ئۈچ مىنۇت 23 سېكۇنتلۇق ئورۇنلاشتا، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ماھارىتىنى ئادەتتىن تاشقىرى جارى قىلدۇردى، باش شۇجىمۇ بىزنىڭ كۆرسەتكەن نومۇرىمىزنى ئىنتايىن تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئىكەن، دەپ ماختىدى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى روھلاندۇق» دېدى 15 يىللىق «ماناس» ئورۇنلاش تەجرىبىسىگە ئىگە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا ئارتىسى سۇلەيخا ھەسەنباي.

«بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەيدان نومۇر ئورۇنلاش بولدى، بەك ھاياجانلاندىم، بەك روھلاندىم.» غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋارىسى جاننۇر تۇرغانباي قولىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، چەكسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: نومۇر ئورۇنلىغان سەككىز كىشى ئىچىدە ئەڭ كىچىكى ئۈمىتئالى ئۆتكۈر 14 ياش، بۇ ياشانغانلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ئۆسمۈرلەر بىرلەشكەن بىر مەيدان «ماناس» ئېيتىشىشى.

دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۈچ چوڭ قەھرىمانلىق ئېپوسىنىڭ بىرى دەپ نام بېرىلگەن «ماناس» 2006 - يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن، 2009 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

«ماناس»نى ئاڭلاپ چوڭ بولغان جاننۇر كىچىكىدىن تارتىپلا بوۋىسىنىڭ ناخشىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھازىرغىچە 40 نەچچە يىل ئېيتتى، يەنە 50 نەچچە شاگىرت تەربىيەلىدى.

ئۈمىتئالى ئۆتكۈر ئۈچ يېشىدىن باشلاپ «ماناس» ئېپوسىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، ئۇ تۇنجى قېتىم يۇرتىدىن ئايرىلىپلا باش شۇجىغا نومۇر ئورۇنلاپ بەرگىنىدىن بەك ھاياجانلاندى، بۇ ئۇنىڭ ئۆسمۈرلۈك جاسارىتىنى ئۇرغۇتتى.

ئېيتىش نومۇرى ئاخىرلاشتى، «ماناس» ئورۇنلاش كوللېكتىپىدىكى سەككىز كىشى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي يۇرتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن ھەم ئۆمەك يېتەكچىسى ياڭ خۇامىڭ بىلەن ھاياجانلانغان ھالدا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلدى، كۆپچىلىك شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىدىكى تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇم، مەدەنىيەت ساقلانما يادىكارلىقلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە يېڭى ئامىل قوشۇش، يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلاش قەتئىي ئىرادىسىگە كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.