تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ داشۆدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسى

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ قورۇسىدا باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئىلھاملاندۇرۇش سۆزىنى نەق مەيداندا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان چاغدىكى تەسىراتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە. سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئەۋزەللىك ۋە خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇپ، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ

■تەكشۈرۈشتە بولغان ئورۇن: شىنجاڭ داشۆ

شىنجاڭ داشۆنىڭ ئاساسى 1924 - يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ رۇس تىل - يېزىقى قانۇن - سىياسىي مەخسۇس مەكتىپى بولۇپ، 1935 - يىلى شىنجاڭ شۆيۈەنى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ داشۆ 1960 - يىلى رەسمىي قۇرۇلغان، نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئايلىنىپ، شىنجاڭ ئۈچۈن تۈركۈم - تۈركۈم يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تۇنجى بېكىتىدە شىنجاڭ داشۆگە كەلدى.

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى كەڭ زېمىنغا ئۆزىمىزنى بېغىشلاپ، ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى پۈتىمىز.

قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇش

تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ قورۇسى بۈك - باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. مەكتەپ قورۇسىدا يۈ شيۇسۇڭ يولى دەپ ئاتىلىدىغان بىر يول بار، بۇ يەنە مەكتەپنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى كارىدورى. بۇ يولنىڭ بىر تەرىپىدە سوۋېت پاسونىدىكى سېرىق رەڭلىك ئىككى قەۋەتلىك بىر كىچىك بىنا بار بولۇپ، بۇ، مەكتەپ تارىخى سارىيى. باش شۇجى شىنجاڭ داشۆگە كەلگەندە، ئالدى بىلەن بۇ يەرگە كەلدى.

«مەكتىپىمىز قىزىل گېنغا ئىگە داشۆ.» شىنجاڭ داشۆ ئارخىپخانىسىنىڭ ئارخىپخانا باشلىقى يۈ فۇئېن باش شۇجىغا شىنجاڭ داشۆنىڭ تارىخىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە كوممۇنىستلاردىن يۈ شيۇسۇڭ، لىن جىلۇ ۋە ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك زات دۇ جۇڭيۈەن قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ شۆيۈەنىگە كېلىپ خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان، يۈ شيۇسۇڭ «مىللەتنى شەكىل، ماركسىزم - لېنىنىزمنى مەزمۇن قىلىش»تىن ئىبارەت مائارىپ ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزم - لېنىنىزم نەزەرىيەسىنى شۆيۈەننىڭ زۆرۈر دەرسلىكى قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، شىنجاڭ داشۆ زور بىر تۈركۈم ياش ماركسىزم - لېنىنىزمچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى، ئىنقىلاب ئوتى كەڭ تارقىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش تەشۋىقات پائالىيىتى داغدۇغىلىق قانات يايدۇرۇلدى. مەكتەپ «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش جۇڭگو خەلق ھەربىي - سىياسىي داشۆلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دەپ تەرىپلەندى.

شىنجاڭ داشۆ مەكتەپ تارىخى سارىيىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتتى، شۇنداقلا ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندە، مەكتەپ تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش زۆرۈر دەرسلىك، شۇنداقلا بىرىنچى دەرس قىلىندى. ئاپتونوم رايوننىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەر ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئېكسكۇرسىيەچىنى كۈتۈۋالىدۇ.

يۈ فۇئېن مۇنداق دېدى: قىزىل گېن بىلەن ئوزۇقلانغان شىنجاڭ داشۆ باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن ئالىي مەكتەپ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى قۇرۇلۇشى يۆنىلىشىنى بويلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگودىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈردى. 2017 - يىلى شىنجاڭ داشۆنىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسى پېنى «دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەنلەر» قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

«باش شۇجى پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش نەتىجىلىرىنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، بۇ، مېنىڭ نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىشىمگە تۈرتكە بولدى.» شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ شيەنيى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ داشۆگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ داشۆگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ مۇقەررەر شىنجاڭ داشۆنى تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى سەھىپە ئېچىشقا يېتەكلەيدۇ.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

«شۇ چاغدا بىز پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى جەمئىيەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانىدۇق. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىدىن بىز ناھايىتى ھاياجانلاندۇق ھەم چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق.» 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن باش شۇجى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك سۆھبەتنى ئەسلىگىنىدە، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى جاڭ جيافېي ھېلىھەم ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ.

بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئىسمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە جەمئىيەت تەكشۈرۈش تەتقىقات تۈرى مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ، مەكتەپنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ 4 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر يۈسۈپ بىلەن شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى گاۋ جىن مۇھاكىمە يىغىنىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدىنقى مەزگىلدە قومۇل شەھىرى بىلەن قاراماي شەھىرىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بەردى. باش شۇجى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ، ئارىلاپ سۆز قىستۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇردى، نەق مەيدان كەيپىياتى قىزغىن بولدى، كۆپچىلىك بىر قېتىملىق جانلىق سىياسىي دەرسكە قاتناشتۇق، دېيىشتى.

گۈزەلنۇر يۈسۈپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىزنى كەلگۈسىدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتىكى مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇنىڭدىن مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىگە ئائىت ئۇل خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

2014 - يىلى 5 - ئايدا، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»دىن ئىبارەت مۇھىم، زور ھۆكۈمنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

شىنجاڭ داشۆنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات ساھەسىنى چىڭ كۆزلەپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي نەزەرىيە تەتقىقاتى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تەتقىقاتى قاتارلىق بەش نۇقتىلىق تەتقىقات يۆنىلىشىنى بېكىتتى.

بازا مۇتەخەسسىسى ياڭ لىنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزمنى ئۆگىنىۋاتقىنىغا، ماركسىزم - لېنىنىزمنى سۆزلەۋاتقىنىغا 40 يىل بولدى، «مەن ھەر كۈنى مۇنبەردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى توغرىسىدىكى دەرسلەرنى سۆزلەيمەن، 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، بۇ نەزەرىيەنىڭ ئىجاد قىلغۇچىسى بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇرغاندا، مەن ناھايىتى روھلاندىم، ناھايىتى ھاياجانلاندىم.» ياڭ لى قەتئىي ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى تۇتقانلىقىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ باش تېما، ئاساسىي لىنىيەنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىمىز، تولۇق تەتقىق قىلىمىز».

بازا مۇتەخەسسىسى مېڭ نەن مۇنداق بىلدۈردى: ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ كەڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، كۆپ ئاڭلاش، كۆپ كۆرۈش، كۆپ ھەرىكەتكە كېلىش، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشى ئېھتىياجلىق بولغان ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىمىز.

يېڭى دەۋردىكى ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش

«باش شۇجى تېتىك ھەم روھلۇق، خۇشخۇي ھەم يېقىملىق بولۇپ، خۇددى ئائىلىمىزدىكى پېشقەدەملەرگە ئوخشايدۇ».

«باش شۇجىنىڭ سۆزى ناھايىتى ئىللىق، شۇنداقلا ناھايىتى كۈچلۈك».

«مەن باش شۇجىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ھەقىقىي بىلىمگە ئېرىشىمەن».

...

باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بېغىشلىدى.

شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى يۇلتۇز نىجات مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنى كۆرگەن ئاشۇ پەيت ھاياتىمدىكى ئەڭ بەختلىك پەيت، «باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىدىن مەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن كۈچ قوشالايدىغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم».

«مەن كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىم، ھېس قىلغانلىرىمنى ماركسىزم نەزەرىيەسى كەسپىي بىلىمىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ھەم ئۇنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش كۈچ قوشىمەن.» شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى ياڭ خاۋلىن مۇنداق دېدى: 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەن قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىمەن، باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مېنى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ئەمەلىيەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى.

باش شۇجى مەيلى قەيەرگە بارسۇن، ياشلار خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى، بۇ، شىنجاڭ داشۆ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې لېينىڭ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتى. شۇ كۈنى، ئۇ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا كۆپچىلىكنىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، بۇ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ باش شۇجىغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەتلەش ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىلىنىشى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش قەتئىي ئېتىقادىنىڭ ئىپادىلىنىشى.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خې لېي زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقى، بۇرچىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى. «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە، مەن باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى خې لېي قەتئىيلىك بىلەن.

كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، شۈ شيەنيى يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىدى. «بىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، مەكتەپنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، ياش ئەۋلادلارنى دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئىختىساسلىقلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرىمىز.» شۈ شيەنيى مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، خاس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، پەن، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.