7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، شىنجاڭ داشۆ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى، تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.












