تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

  دەرەخ كۆپەيسە ئورمان بولىدۇ، قۇم يىغىلسا تاغ بولىدۇ، كۈچنى بىرىكتۈرگەندە ئاندىن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئامما بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

  بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىمىز

  7 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، بىڭتۇەن 8 ـ شى 150 ـ تۇەن − 136 ـ تۇەن − كۈيتۈن ـ قاراماي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى (قاراماي تاچاكوۋ) تۈرىنىڭ 1 ـ بۆلىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى كۆپچىلىكنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى.» تۈرنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇن − بىڭتۇەن قاتناش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ رۇيلۇڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تۈر ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، بارلىق كىشىلەرنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، قۇرۇلۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەربىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىغا بەخت يارىتىمىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىڭتۇەن قاتناش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش، يىرىك پىلاندا بىر پارچە خەرىتە بولۇش، بىر تور قۇرۇش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ قاتناش سىستېمىسىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتتى.

  تومۇز مەزگىلىدە بىڭتۇەن 9 ـ شى 161 ـ تۇەنىنىڭ 10 مىڭ مولۇق گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

  161 ـ تۇەن چاغانتوقاي ناھىيەسىگە قوشنا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلىپ، چاغانتوقاي ناھىيەسى بىلەن چۆچەك ـ دۆربىلجىن ئويمانلىقىدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونىنى ئورتاق قۇرۇپ، ساياھەت كەسپىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى موتورغا ئايلاندۇردى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىزنىڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.» 161 ـ تۇەن ئىقتىساد تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: 161 ـ تۇەن شۇ جاينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە لىنىيە مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى يول قىلىپ، ساياھەتچىلىكتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدۇ.

  يۇغۇرما تەرەققىيات پايدىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىمىز

  بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر نىيەتتە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

  بىڭتۇەن 5 ـ شى شۇاڭخې شەھىرى بىلەن بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى پائال بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

  «بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.» بىڭتۇەن 5 ـ شى دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈەن گەيلىڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ساغلاملىق مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىمىز».

  يېقىنقى ئىككى يىلدا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى مەكتەپلەر ئارىسىدىكى ئالاقە بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئىككى تەرەپ ئوقۇتقۇچىلارنى ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئوقۇتۇش تەتقىقات، ئوقۇتۇش ـ ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇش ـ ئوقۇتۇش بايلىقىنى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ چوڭ دولقۇنىغا كىرگۈزدى.

  «مەكتەپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تۇتقا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ» دېدى بىڭتۇەن 3 ـ شى تۇمشۇق شەھەرلىك 1 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى يۈەن خۇڭشيا.

  باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە باسالمايدۇ. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك».

  7 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، بىڭتۇەن 8 ـ شى شىخەنزە شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى تەۋەلىكىدىكى 84 نەپەر كارخانا مەسئۇلىنى تەقلىدىي ئىسكىلات ئوت ئەھۋالى مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. كارخانىلارنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ تاسادىپىي ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇنداق مانېۋىر ۋە تەربىيەلەش دائىم قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزگە بۇرچىمىزنىڭ تاغدەك ئېغىرلىقى، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.» بۇ تارماق ئەترەتنىڭ باشلىقى يىن سەيخۇڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىشتىكى فۇنكسىيەلىك رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئوت ئۆچۈرۈش كۈچىنى قوشۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز».

  قەلبلەر مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇلدى، ئۇل چىڭىتىلىپ روھ تاۋلاندى. يۈجۈ تىياتىرى مەدەنىيىتى بىڭتۇەن 7 ـ شى 127 ـ تۇەنىدە كۆپ يىل تەرەققىي قىلدى، يەتكۈزۈلدى ۋە ۋارىسلىق قىلىندى، 127 ـ تۇەن مەدەنىيەتنى يېزا ـ كەنتلەرگە يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تىرىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا بولغان يېڭى ئېھتىياجى، يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

  «بىز مەۋقەنى ئۆزىمىزنىڭ خاس مەدەنىيەت ماركىسى <ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش يۈجۈ تىياتىرى>غا قويۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى تېما قىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىمىز.» 127 ـ تۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي شىن جيەنخۇا مۇنداق دېدى: بىڭتۇەننىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ياخشىلىققا ئىنتىلىش، ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

  (مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار مېھرىگۈل غوپۇر، گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن جاۋيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.