تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

تاغنىڭ ھەيۋەتلىك بولۇشى تاغ گەۋدىسىگە باغلىق، ئۆينىڭ مۇستەھكەم بولۇشى لىمغا باغلىق. ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ كادىرلاردا. شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە باش شۇجى شى جىنپىڭ: «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى ھەم شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشمۇ ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپ شۇ باسقۇچقا بېرىشى كېرەك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، ھەر مىللەت خەلق كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز ھەم يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدۇق، ھەم يېڭى مەسىلە، يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاشتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىشىلەر قەلبى» «بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدىكى ئاكتىپ رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇش كېرەك.» پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداشتىكى كۈچلۈك ۋاسىتە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇقەررەر تەلەپ. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىناسىنىڭ «پولات چىۋىقى»، پەقەت پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالغاندىلا، ئاندىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئاممىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزگىلى، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مەسىلە، زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە تۈگەتكىلى بولىدۇ، پارتىيەمىز ئاندىن خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ساپاسى قۇرۇلۇشىغا قارىتا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشىمىز، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشقا سىجىل كۈچىشىمىز كېرەك.

قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

مەرد مەيداندا سىنىلار، ساپ ئالتۇن ئوتتا تاۋلىنار. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەت ھەم كادىرلارنى سىنايدىغان «سىنتاش»، ھەم كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، چېنىقتۇرۇشتىكى «چوڭ پېچ»، پەقەت سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەم چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرگەن كادىرلارلا ھەقىقىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلىنالايدۇ.

پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشتا، ئالدى بىلەن كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك؛ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلدارلارنى قاتتىق باشقۇرۇشتا. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرغاندىلا، شىنجاڭ چوقۇم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قويۇپ بېرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.