تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

​باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، ۋاڭ نا، مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى تۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۆزى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھەلەردە يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلىدى.

جاڭ جۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارنىڭ ھەممىسىنى نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەش ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى سىستېمىلىق تەربىيەلەشكە تەشكىللەش؛ سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ - نازارەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش؛ جەڭگىۋار قورغاننى كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئامما خىزمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش؛ ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

تيەن شياڭلى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ چىڭ تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە ئۆلچەمگە توغرىلىنىشى، تەلەپكە توغرىلىنىشى، ھەرىكەتتە يېقىندىن ئەگىشىشى، زىچ ئەگىشىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قەتئىي بولۇشى، كەسكىن بولۇشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر دىققەتنى شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دىنىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەردە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، دائىملاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاشنى نازارەتچىلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

ۋاڭ مىڭشەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى ئورگان كادىرلىرى يىغىنى ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسى سىن يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىدىكىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىگىلەش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلىشى كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى ۋە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق رايىنى دائىم ئىگىلەپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھەربىر تەلەپ، ھەربىر يوليورۇقنىڭ تىنچ - ئامان شىنجاڭ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ سىستېمىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تۇتۇپ، ئەتراپلىق، تولۇق ئىگىلەپ، سەمىمىيلىك بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ۋە چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىش نۇقتىلىق ۋەزىپىسى توغرىسىدىكى سىستېمىلىق بايانلىرى ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەشكە، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.