تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى يېشىللىقنى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى:

ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى يېشىللىقنى ئالتۇنغا ئايلاندۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى سۇڭ ياۋېن، جاڭ تىڭ

يامغۇردىن كېيىنكى بورتالا شەھىرىنىڭ ھاۋاسى ئادەتتىن تاشقىرى ساپ بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى يېشىل تاغدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالسىڭىز، تاغ باغرىدىكى 10 مىڭ مو يەردىكى تاش ئالما دەرىخىنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقىنى، بىنخې باغچىسىدا رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى كۆرىسىز... كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانلىكى جايلارنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك.

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار - مۇزلۇقمۇ بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، <ئېكولوگىيەسى ياخشى ئوبلاست بەرپا قىلىش> ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت قوغداش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇردى.» بورتالا ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى ئېزىز ئەلى مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، بورتالا ئوبلاستىغا كېلىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئاسمىنىنىڭ شۇنچە كۆك، سۈيىنىڭ شۇنچە سۈزۈك، قۇياش نۇرىنىڭ شۇنچە پارلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ ...

قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى ئېكولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى

7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ بورتالا شەھىرىگە كىرىپ، جەنۇبىي شەھەر رايونىنىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپى يۆنىلىشىگە قاراپ كېتىۋاتقىنىمىزدا، 10 مىڭ مودىن ئاشىدىغان يەردىكى تاش ئالما دەرەخلىرى كۆزىمىزگە چېلىقتى، بۇ، يىراقتىكى قارلىق تاغ، كۆپكۆك ئاسمان بىلەن گۈزەل بىر مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.

«بۇ يەر تەبئىي ئوكسىگېنخانا، ھاۋاسى ناھايىتى ساپ، ھەممە يېرى يېشىللىق.» بورتالا شەھىرى ئاھالىسى جاڭ يىڭ 10 مىڭ مولۇق تاش ئالما ئېكولوگىيە باغچىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىدۇ.

بورتالا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى كۆپ يىللار ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ ئەخلەت مەيدانى ئىكەنلىكى، شەھەردىكى قۇرۇلۇش تاشلاندۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ يەرگە دۆۋىلەپ قويۇلىدىغانلىقى، شامال چىقسىلا كېرەكسىز سولياۋ، قەغەز پارچىلىرى، قۇم - توپا، چاڭ - توزانلارنىڭ شەھەر رايونىغا ئۇچۇپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

2016 - يىلى، بورتالا شەھىرى ئومۇمىي پىلانلانغان كۆلىمى 63 مىڭ مو كېلىدىغان ئېكولوگىيە ئورمىنى تۈرىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، تاش ئالما، ئالما، ئەينۇلا، تاغ شاپتۇلى قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، چاڭ - توزاننى تۇراقلاشتۇرۇش، كۆكەرتىشتىن ئىبارەت تەبىئىي توسۇقنى شەكىللەندۈردى. ئىلگىرىكى تاشلاندۇق يەر بۈگۈنكى كۈندە شەھەرنىڭ «يېشىل ئۆپكىسى»گە، تېخىمۇ مۇھىمى بورتالا ئايلانما يېشىل كارىدورىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. 2019 - يىلى 11 - ئايدا، بورتالا شەھىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق تاش ئالما ئېكولوگىيە باغچىسى دۆلەت 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۈچەپ قوغداپ، ئېكولوگىيە ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى.

ئارشاڭ ناھىيە بازىرىغا كىرسىڭىز، 58 مىڭ مو كېلىدىغان تەبىئىي سۇلۇق يەر، 11.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دەريا ۋادىسى ئورمان مەنزىرە رايونىنىڭ «يېرىمى سۇلۇق يەر، يېرىمى شەھەر، شەھەر مەنزىرە ئىچىدە، مەنزىرە شەھەر ئىچىدە» بولۇشتەك ئۆزگىچە مەنزىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرىسىز. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %8.6تىن ئېشىپ %10.5كە يەتتى؛ 2021 - يىلى مۇھىت، ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن 360 كۈندىن ئاشتى... بۈگۈنكى كۈندە، «دائىم يېشىل بولۇش، ھاۋاسى دائىم ساپ بولۇش» ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيە نام كارتىسىغا ئايلاندى.

تومۇز مەزگىلىدە، جىڭ ناھىيەسىدىكى ئۇلان دانداغاي قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە، 10 مىڭ مولۇق ئۈجمىزارلىق بۈك - باراقسانلىققا تولۇپ، ئىلگىرىكى قۇملۇققا يېشىل تون ياپقانىدى. «ئۇلان دانداغاي قۇملۇقى جىڭ ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، ئىلگىرى ھەر قېتىم بوران چىقسا، پۈتۈن ناھىيە بازىرىدا ھەممە يەرنى قۇم بېسىپ كېتەتتى، ھازىر تەبئىي مۇھىت ياخشىلاندى، قۇم - بورانلىق ھاۋامۇ ئازايدى.» جىڭ ناھىيەلىك تەبئىي بايلىق ئىدارىسى (ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى) ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2013 - يىلىدىن بۇيان، جىڭ ناھىيەسى ئاقسىللىق ئۈجمە ئۆستۈرۈش ئۈلگە نۇقتىسى بەرپا قىلدى، ھازىر، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش قاتارلىق ئېكولوگىيە ئىقتىدارىغا ئىگە ئاقسىللىق ئۈجمىلىك قۇملۇق ئەتراپىدىكى ئېتىزلارنى قوغداپ، جىڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئېكولوگىيە توسۇقىغا ئايلاندى.

ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈردى بورتالا دەرياسى يېڭى تۈسكە كىردى

بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى بورتالا شەھىرى ئۈلگە كۆرسىتىش بۆلىكى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، چوڭ تىپتىكى ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر جىددىي، تەرتىپلىك ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشقان، قۇرۇلۇش مەيدانى قاينام - تاشقىنلىققا تولغانىدى.

«بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى بۇلتۇر باشلانغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن ئېكولوگىيەنى تۈزەش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش قاتارلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى بىر يېشىل نام كارتىسىغا ئايلىنىدۇ» دېدى بورتالا ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ باۋۋېي.

بورتالا دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 252 كىلومېتىر، ۋادا كۆلىمى 15 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئىككى قىرغىقىدىن 40تىن ئارتۇق چوڭ - كىچىك ئېقىن بۆلۈنۈپ چىققان. لېكىن كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە پۈتۈن ۋادىنىڭ سۇغىرىش كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، دەريا، كۆل قۇرۇلمىسىدىن تەشكىللەنگەن تەبىئىي سۇ ئايلىنىش سىستېمىسى جىددىي تارايدى، ۋادىدا قۇرغاقچىلىق ئېغىر ۋە سۇ كەمچىل بولۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئاجىزلاپ، تەڭپۇڭسىزلاشتى.

ۋاڭ باۋۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بورتالا ئوبلاستى بورتالا دەرياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى رايون ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈپتىن ياخشىلاش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر قىلىپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»نى ئېلان قىلىپ، بورتالا دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشىلىدى.

بىر دەريا ئۈچۈن نىزام چىقىرىش بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلىپلا قالماي، ئېكولوگىيەنى قوغداش ئىرادىسى ۋە سالمىقىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

دەريالارنى چارلاش، كۆللەرنى چارلاش، دەريا ئېقىنىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى دائىملىق قانات يايدۇردى؛ يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشتا سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە تېجەلگەن سۇ ئارقىلىق ئىبنۇر كۆلىنىڭ سۈيىنى تولۇقلىدى؛ ناھىيە، شەھەر ۋە يېزا - بازارلاردا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرى، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى كۆمۈش مەيدانلىرىنى زور كۈچ بىلەن قۇردى؛ توك بىلەن ئىسسىنىش قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى ... بىر قاتار قوغداش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، بورتالا دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

ئېكولوگىيە كارىدورى گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى تۇتاشتۇردى

بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتىگە كىرگەندە، سەھرا پۇرىقىغا تولغان رەڭلىك تام رەسىملىرى مۇخبىرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

ئالبىن بەشىن كەنتى بورتالا دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، بورتالا شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىككى كىلومېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالبىن بەشىن كەنتى بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس كەنت بەرپا قىلىپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت - ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلدى.

«كەنتىمىز بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورىنىڭ يېنىغا جايلاشقان، ھازىر ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. مەن كەنتتە دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتىم، تىجارىتىم بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ» دېدى «گۇچېڭ 1 - نۇمۇر» دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ لاۋبەنى ئادىلە تۇرسۇن.

«بورتالا دەرياسى بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئېكولوگىيە بايلىقىمىز، بىز ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا - كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دېدى بورتالا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئالبىن بەشىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى پەخىردىن يارمەمەت.

ئالبىن بەشىن كەنتىگە ئوخشاش، دەريا بويىدىكى كەنتلەرنىڭ ھەممىسى بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى، بارغانسېرى كۆپ كەنت ئاھالىسى ساياھەت تامىقى يېدى.

«بىز بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇش ئارقىلىق، بورتالا دەرياسىنىڭ تارىخ، تەبىئەت، ئادىمىيەت، ئېكولوگىيە، ساياھەت قاتارلىق بايلىقلىرىنى رەتلەپ چىقىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، مارجاندەك تىزىپ، كۈچەپ بۇ كارىدورنى ئېكولوگىيە كارىدورى، مەدەنىيەت كارىدورى ۋە ئىقتىساد كارىدورى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، سەرخىل ساياھەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق» دېدى بورتالا ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ يەن.

ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ دالىمتى يېزىسى بۆگدۆر كەنتى بورتالا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەت تەرەققىياتىغا تايىنىپ، بۇ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەنتى يىراق - يېقىنغا داڭلىق ساياھەت كەنتىگە ئايلاندى. «كەنتىمىز ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا ۋە تارىخىي ئۇزاق كالون مەدەنىيىتىگە ئىگە، بىز بورتالا دەرياسى ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت كارىدورى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ كەنتنى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، ساياھەت قىلىشقا باب كېلىدىغان، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان ئۈلگىلىك كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى بۆگدۆر كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دەن.گاۋۋا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.