تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى​

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك

​ ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى   ئەركىن تۇنىياز، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي ئۆگىنىشكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە شۆيۈەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي جىچياڭ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىلمىي چۈشەندۈردى ھەم ئويلىغانلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەركىن تۇنىياز، نۇرلان ئەبىلمەجىن ئۆگىنىشكە قاتناشتى. شەۋكەت ئىمىن، لى يىفېي، تيەن شياڭلى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا، پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل تۈردە ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى، بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئىرادىسى نامايان قىلىندى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى، 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلى ئېچىلدى، ئۇ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ قوللانما. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى، بولۇپمۇ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل يارىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، «قابىلىيەت يېتىشمەسلىك ۋەھىمىسى»، ئىقتىدار يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەمىز شىنجاڭدا قالدۇرغان مول تارىخىي ماتېرىياللارنى خۇلاسىلەش، رەتلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىكنى جازالاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدىن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالمىغان، قىلىدىغاننى قىلمىغان، ئاممىنىڭ دەردىگە سەل قارىغان، ھە دەپ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك قىلغانلارنى قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماي يۇقىرىغىلا ئېسىلىۋېلىشتەك خىزمەت ئىستىلىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان، ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان ئۇسۇللارنى قەتئىي توسۇپ، خىزمەت ئىستىلى ئاددىي، قوپال بولۇشتىن ساقلىنىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاش ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىنىڭ يۈكسىلىشى، ياخشىلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تولۇق قاپلىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دىققەتنى «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئىزچىل ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

جاڭ جۇ، ۋاڭ مىڭشەن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن قاتارلىقلار ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.