تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركىزىي شەھەر تەرەققىيات كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى

ئۈرۈمچى:

مەركىزىي شەھەر تەرەققىيات كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى

كۆپكۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ئاستىدىكى ئۈرۈمچى بۈك ـ باراقسان يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ (6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). نۆۋەتتە، ئۈرۈمچىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.92كە يېتىپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر يېشىل شەھەر بارلىققا كەلدى. □ يەن پېڭ فوتوسى

[مۇھەررىر ئىلاۋىسى]

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ تۇپرىقىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشايلى» باش سەھىپىسى ئاستىدا، «قالتىس 10 يىل . ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا زىيارەت» تارماق سەھىپىسىنى يولغا قويۇپ، دىققەتنى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى جانلىق نامايان قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيدۇ.

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، سەككىز سائەتلىك خىزمەت ۋاقتى ئىچىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 12 مىنۇتتا بىر ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا، بۇ شىركەت جەمئىي 2396 زاكاز قوبۇل قىلىپ، 750 مىليون يۈەن مەھسۇلات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، شىركەت كېيىنكى يېرىم يىلدا يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك سودا ئاپتوموبىلىنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەنلىكى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى

7 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى ئېچىلغان 2022 ـ يىللىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كۆرگەزمىسىدە، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالتە قۇرلۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى، ئۈچ قۇرلۇق تايلاش، پاختا يىغىۋېلىش ماشىنىسى ھەم دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئالتە مېتىر ئورۇش دائىرىلىك سىلوس ماشىنىسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالىدىغان نۇرغۇن سودىگەرنى جەلپ قىلدى. بۇ شىركەت ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ساپ يىغىۋېلىنىش نىسبىتى، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش جەھەتتە خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەگە يەتتى.

ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى كەسپى، شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىنتې كىرىستانلىق كىرېمنىي يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، جېڭۋېي (شىنجاڭ) مىسچىلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ لۇڭجۈ يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى ئاليومىن ئاساس، كىرېمنىي ئاساس، مىس ئاساس، كاربون ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىياللار كەسپى، 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى مېتاللورگىيە ۋە مېتال بۇيۇملار كەسپى، تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئېغىر سانائىتى شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، مۇشېن ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى، جولاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىسازلىق چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جىنفېڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى، توقۇمىچىلىق، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىق كەسپى، شاڭخەي داجۇڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى، گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، شەنشى ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئاپتوموبىل ياساش كەسپى، جۇڭگو ئاشلىق گۇرۇھى كوكاكولا ئىچىملىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ شىخو پىۋىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، كاڭشىفۇ پاي كونترول چەكلىك شىركىتى، مېڭنيۇ سۈتچىلىك (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى، يىلى ئوقەتچىلىك گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېمەك ـ ئىچمەك پىششىقلاش كەسپى، شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ چىكاڭ خابو ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ يىندولەن ئۇيغۇر تېبابەت دورىلىرى پاي چەكلىك شىركىتى ۋەكىللىكىدىكى بىيو دورا ياساش كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە توپلىشىپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خاس سانائەت سىستېمىسىنى نامايان قىلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئوقەتچىلىك ئارقىلىق شەھەرنى گۈللەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ «تەييار ماي ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇش»، 1 ـ ئاۋغۇست پولات ـ تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئۇزاق جەريانلىق دومنا پېچتىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق مېتاللورگىيە تەجرىبىسى ۋە «5G+سانائەت ئالاقە تورى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى؛ سىجىل تۈردە چوڭ تۈرلەرنى جەلپ قىلىپ كۈچلۈك تۈرلەرنى كىرگۈزۈپ، يېڭى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قۇرۇلۇش باشلاش قەدىمىنى تېزلەتتى، «يىپەك يولى» ناملىق مېترو پويىزى، جولاڭ يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى، شىنگۇاڭ ۋە چاڭچېڭ كومپيۇتېر تولۇق قۇرۇلمىسى، جېڭۋېي خاتىرە كومپيۇتېرى، يان تېلېفونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى؛ شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇنجى بىيو تېببىي دورا پەن ـ تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلدى، ئۈرۈمچى شەرقىي جۇڭغار كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، باغچە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى بويىچە 100 كۈچلۈك رايون تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

ئون يىللىق نەتىجە قەغىزىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. 2021 ـ يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 369 مىليارد 157 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012 ـ يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %99.5 ئاشتى؛ 2021 ـ يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 78 مىليارد 253 مىليون يۈەن بولۇپ، 2012 ـ يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %56.1 ئاشتى؛ شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 46 مىڭ 142 يۈەن، 24 مىڭ 878 يۈەنگە يېتىپ، 2012 ـ يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %151 ۋە %148 ئاشتى.

قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش يولى تەدرىجىي شەكىللەندى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى مەركىزىي رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى باشتىن ـ ئاخىر ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، «بىر پورت، بەش مەركەز» قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا جەمئىي 5700دىن ئارتۇق جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىدى. توشۇلىدىغان يۈك ئەڭ دەسلەپكى كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار، كىيىم ـ كېچەك مەھسۇلاتلىرىدىن ماشىنا ـ ئۈسكۈنىلەر، تۇرۇبا، پار، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق 200دىن ئارتۇق تۈرگە كېڭەيدى، ئېچىلغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى 21گە يېتىپ، ياۋروپا، ئاسىيادىكى 19 دۆلەت ۋە رايون، 26 شەھەرگە تۇتاشتى.

«شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا 2015 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئاساسلىق تۇتقا قىلىنىپ، تۆمۈريول، تاشيول، دېڭىز ـ تۆمۈريول، تاشيول ـ تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن چوڭ يوللار تەدرىجىي شەكىللەندى.» ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇڭ خېخۇا مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى قەشقەر يۈك يىغىش پونكىتى قۇرۇپ، سىچۇەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ھەم چىڭداۋ پورتى، تيەنجىن پورتى، ليەنيۈنگاڭ پورتى قاتارلىق دېڭىز بويىدىكى پورتلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىز يولى بىلەن غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ قازاقىستان تۆمۈريولى، رۇسىيە تۆمۈريولى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى تۆمۈريول شىركەتلىرى بىلەن پائال كېلىشىپ، چېگرا سىرتىدىكى مال توپلاش ۋوگزالى قۇرۇلۇشىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈستىدە كېڭىشىشنى تېزلەتمەكتە.

«بىر پورت» قۇرۇلۇشىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىلگەن سۇپا قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، قاتناش تۈگۈنى، سودا ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت، پەن ـ مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى ھەمدە رايون پۇل مۇئامىلىسىدىن ئىبارەت بەش چوڭ مەركەزلىك قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولدى.

7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، چوڭ تىپتىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك مۇزىكىلىق تىياتىر «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ نەنسەن ئېكولوگىيە ساياھىتى بازىسىغا جايلاشقان يىپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزىدە قويۇلدى. 2020 ـ يىلى 5 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تۇنجى قېتىم رەسمىي قويۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، «كوئېنلۇندىكى ئۇچرىشىش» پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 92 مىڭ 200گە يېقىن ساياھەتچىنى ئويۇن كۆرۈشكە جەلپ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت يۇغۇرۇلغان «ئالتۇن نام كارتىسى»غا ئايلاندى.

«بۇ تىياتىر مېنى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت تارىخىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، شۇنداقلا مېنىڭ شىنجاڭغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمنى چوڭقۇرلاشتۇردى» دېدى ئويۇننى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن شاڭخەيلىك بىر ساياھەتچى.

قۇرۇلۇش قىلىنغان رايون كۆلىمى ئون يىلدا 168 كىۋادرات كىلومېتىر كېڭەيدى

«ئەسلىدە ئىشقا بېرىش ـ كېلىشتە يىڭبىن يولىدىن مېڭىشقا توغرا كېلەتتى، ئەتىگەنلىك، كەچلىك قاتناش يۇقىرى پەللىسىگە دۇچ كەلگەندە يېرىم سائەت بۇرۇن يولغا چىقاتتىم. ھازىر شەھەرنىڭ شىمالىدىكى ئاساسىي غول يول ئاسما يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ناھايىتى قولايلىق بولۇپ كەتتى» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ خانىم. شەھەر قاتنىشىنىڭ تەرەققىياتى بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنغان رايون كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. 2012 ـ يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنغان رايون كۆلىمى 368.4 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاۋات جايلار پەقەت تۆت مەركىزىي شەھەر رايونى بىلەنلا چەكلىنەتتى. 2021 ـ يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇش قىلىنغان رايون كۆلىمى 536.2 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆلەم 167.8 كىۋادرات كىلومېتىر بولدى. بىر تۈركۈم زامانىۋى سودا مەركىزى، شەھەر ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قەد كۆتۈردى، كوناشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش تېزلىتىلىپ، يېڭىشەھەر رايونى قۇرۇلۇشى كۈندىن ـ كۈنگە يېڭىلاندى، قاتناشتا ئاسما يوللار قەد كۆتۈرۈپ، يول تورى تۇتاشتۇرۇلدى.

دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى مۇھىم تۈگۈن شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھەر يولى، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئىستېرېئولۇق چوڭ قاتناش تورىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەرق بىلەن بىرلىشىش، غەربتىن چىقىرىش خەلقئارا چوڭ يولىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى شەھىرى قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇش قەدىمى يۇقىرى ئۆلچەمدە، يۇقىرى سۈپەتتە تېزلىتىلدى، يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى ئومۇميۈزلۈك بېزەش ـ زىننەتلەش باسقۇچىغا كىردى. قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئىقتىساد ئۈلگە رايونى بۇنى يادرو قىلىپ، ئەتراپتىكى بەش كىلومېتىردىن 15 كىلومېتىرغىچە بولغان رايون دائىرىسىنى قاپلاپ، «شەرقىي تەرەپ كۈچلۈك بولغان، شىمالىي تەرەپكە سوزۇلغان، غەربىي تەرەپكە كېڭەيگەن، جەنۇبىي تەرەپ ئەلا بولغان» بوشلۇق تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، فۇنكسىيەلىك مۇلازىمەت كەسپى، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسپى، ياسىمىچىلىق كەسپى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى نۇقتىلىق كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پورت ئەتراپى خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، بوشلۇق ۋە يەر يۈزى قاتنىشىنى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى بايلىقىغا تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«ئىككى توغرىسىغا سوزۇلغان يول، ئىككى ئۇزۇنسىغا سوزۇلغان يول، بەش ئايلانما يول، 15 يۆنىلىش» شەھەر يول تورى رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە يول تورى ئىقتىدارىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىلەرگە ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان كېسىشىش شەكىللىرىنى تەسىس قىلىپ، قاتناشنىڭ تېز سۈرئەتتە ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تەرەپ ـ تەرەپكە تۇتاشقان تايانچ قاتناش تورىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.