تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز

شىنجاڭدىكى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە ھەم ئىزچىللاشتۇرغاندا مۇنداق بىلدۈردى

شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

ئەن دۇڭچىڭ ئىلگىرى ياپونىيەدە ئوقۇغان، پېنسىيەگە چىقىشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ئىدى. «10 - بەش يىل»دىن «13 - بەش يىل»غىچە بولغان مەزگىلدە، ئەن دۇڭچىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى ئىزچىل جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ئارقىلىق ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش خاراكتېرلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش تەتقىقاتىغا كۈچ چىقاردى.

بۇ يىل 4 - ئايدا، ئەن دۇڭچىڭ كوللېكتىپىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى 2021 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم پارتىيەنىڭ يېتىشتۈرۈشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى، مەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ساپاسى يۇقىرى، ئىقتىدارى كۈچلۈك جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن» دېدى ئەن دۇڭچىڭ.

شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى لۇ چېن ئىتالىيەدە ئوقۇشنى تاماملاپ ۋەتەنگە قايتقان. تېببىي ساھەدە خىزمەت قىلغان 32 يىلدىن بۇيان، لۇ چېن كوللېكتىپنى يېتەكلەپ بىر قاتار پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى بوشلۇقنى كۆپ قېتىم تولدۇردى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدا، بۆرەك كېسىلى كەسپى بويىچە دۆلەت دوكتور ئاشتى پەن تەتقىقات خىزمەت پونكىتى، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئاكادېمىك خىزمەت پونكىتى ۋە دۆلەت بۆرەك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىنىڭ شىنجاڭ شۆبە مەركىزى قۇرۇلدى. «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، بۆرەك كېسىلى ئاساسىي تەتقىقاتىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، بۆرەك كېسىلى پېنىنىڭ شىنجاڭدا تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى لۇ چېن.

«دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىدىن مەنپەئەتلىنىپ، ئەنگلىيەگە بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن باش شۇجى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭ داشۆنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشىمەن» دېدى شىنجاڭ داشۆ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق زامانىۋى كەسىپ شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى تاۋ چىڭ.

ھەلىمە ئەزىمەت شىنجاڭ سىفەن داشۆسى خەلقئارا مەدەنىيەت ئالاقىسى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى بولۇپ، ئىلگىرى ياپونىيەگە بېرىپ زىيارەتچى ئالىم بولغان. «مەن ئۆز كەچۈرمىشلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلارغا دۆلىتىمىزنىڭ قانچىلىك ياخشى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگۈم بار.» ھەلىمە ئەزىمەت مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تەربىيەلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزىمەن.

1997 - يىلى خا ۋېيدۇڭ ياپونىيەدىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۈرۈمچى كەسپىي داشۆسى چەت ئەل تىلى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى. «شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنىڭ قاتناشقۇچىسى، باشتىن كەچۈرگۈچىسى، گۇۋاھچىسى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.» خا ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك يوللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كۆپ نۇقتىدىن، ھەر تەرەپلىمە نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى قوشىمەن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، يېڭى ئۈمىد ۋە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.» ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدە ئوقۇغان شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى دۇەن شيۇفاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاق مەزگىل شىنجاڭنىڭ خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە خەلقارا ئىقتىساد - سودا مەسىلىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆرنەك ئېلىش، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.