تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق جاي

تارباغاتاي:

ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق جاي

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى رايىدە، پەرىزات ئابدۇل

7 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش ـ ئېچىۋېتىش سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدىكى قۇرۇلۇش ئورنىدا ماشىنىلارنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قۇرۇلۇش مەيدانى قاينام ـ تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى؛ چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسىدىكى «يىللار تەسىراتى» مەدەنىيەت ـ ساياھەت ھېس قىلىش باغچىسىدا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى؛ ساۋەن كىنو ـ تىياتىرخانىسى مەيدانىنىڭ بىر تەرىپىدىكى «خۇاشىجيې» شادلىق باغچىسىدا خۇشال كۈلكە سادالىرى كۆككە ياڭرىغانىدى... بۇ جاي «ماي بوياق رەسىمدەك تارباغاتاي، مەدەنىيەت پاك تۇپرىقى، كۈتۈنىدىغان گۈزەل جاي» دېگەن چىرايلىق نامى بار تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىدى.

يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

«پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇردى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئايدىن تۆلۇۋقان. بۈگۈنكى كۈندە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى» دەپ ئاتالغان تارباغاتاي ۋىلايىتى ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق جايغا ئايلاندى.

يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان جاي بەرپا قىلىش

7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى سەھەردە، چۆچەك شەھىرىنىڭ ئاسمىنى كۆپكۆك بولۇپ، قۇلاق تۈۋىمىزدە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ساپ ھاۋا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى.

«كىشىگە ئەڭ راھەت بېغىشلايدىغىنى بۇ يەرنىڭ ھاۋاسى، ئاسمان تولىمۇ كۆك، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان، ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، كىشىنى مەستخۇش قىلىدۇ» دېدى باشقا جايدىن چۆچەك شەھىرىگە ئاتا ـ ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەن فېڭ يوۋخۇا.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىناق، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان تارباغاتاي قۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق قانات يايدۇردى. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن سىجىل ياخشىلاندى، PM2.5نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئون مىكروگىرام\كۇب مېتىرغا يەتتى، PM10نىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى 45 مىكروگىرام\كۇب مېتىرغا يەتتى، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %95تىن يۇقىرى بولدى.

«مەيلى شەھەر ياكى يېزا ـ كەنتلەر بولسۇن، بىز ناھايىتى راھەت ياشاۋاتىمىز.» دۆربىلجىن ناھىيەسى جېلئاغاش بازىرى نارىن چاغانكۆل كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ جىنجۈ مۇنداق دېدى: قىش پەسلىدە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى شەھەردىكى بىنا ئۆيگە بېرىپ تۇرىمىز، ياز پەسلىدە كەنتكە قايتىپ كېلىمىز. «ئىلگىرى كەنتتىكى يوللارنىڭ ھەممىسى توپا يول بولۇپ، قار ئېرىسىلا پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. ھازىر ئوخشىمايدۇ، كېسەك ئۆيلەر ئەمىن ئۆيگە، توپا يوللار ئاسفالت يولغا ئۆزگەردى، ئۆيلەرنىڭ ئالدى ـ كەينى يېشىللىققا پۈركەندى، ھەتتا كەنت ئېغىزىدىكى ئەخلەت مەيدانىمۇ كىچىك شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى».

نارىن چاغانكۆل كەنتىدىكى ئۆزگىرىش تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى 750تىن ئارتۇق مەمۇرىي كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىخچام بىر كۆرۈنۈشى.

نۆۋەتتە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى يەتتە ناھىيە (شەھەر)، 87 يېزا ـ بازار (مەيدان)، 924 كەنت ـ ئەترەتتە يېزا ـ كەنتلەرگە تۇتىشىدىغان تاشيوللار، كەنت ئىچىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلۇش نىسبىتى بىردەك %100كە يەتتى. كەنتلەردە پاكىزلاشتۇرۇش، كۆكەرتىش، يورۇتۇش، گۈزەللەشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى.

«بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە كەنت قىياپىتى، ئائىلە قىياپىتى ۋە دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى، تاغنىمۇ، سۇنىمۇ كۆرگىلى بولىدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە تۇتىدىغان گۈزەل يېزا مەنزىرىسى ئاستا ـ ئاستا نامايان بولماقتا» دېدى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فېڭ تاۋ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى باشتىن ـ ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، رايون ئاتموسفېراسى بويىچە بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى؛ شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ـ بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋە يېزا ئۆيلىرىنىڭ يەر تەۋرەشكە چىداملىق بولۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغان ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان جاي بەرپا قىلدى.

مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى يېڭى مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىش

7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيىدا، چۆچەك شەھەرلىك چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى تەرەققىيات ـ ئىسلاھات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جيا شىڭلىڭ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن بىر تۈركۈم كارخانىچىلارنى ئەمدىلا ئۇزىتىپ قويغانىدى، «بۇ ئىككى يىلدا، نۇرغۇن ئۆلكىنىڭ كارخانا ۋەكىللىرى بۇ يەرگە كېلىپ، مۇۋاپىق تۈر تېپىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى».

2020 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش، ئېچىۋېتىش سىناق رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ سىناق رايونى دېيىلدى) گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى. بۇ مۇھىم خەۋەر تارباغاتاي ۋىلايىتىنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جايغا ئايلاندۇردى، ھەرقايسى جايلاردىكى كارخانىلار مەبلەغ سېلىش نەزەرىنى بەس ـ بەستە بۇ يەرگە قاراتتى.

2021 ـ يىلى 1 ـ ئايدىن بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، سىناق رايونىدا جەمئىي 267 تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، كېلىشىم سوممىسى 141 مىليارد 304 مىليون يۈەن بولۇپ، 188 قۇرۇلۇش تۈرى ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلۇش باشلاندى.

چۆچەك مىنشاڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىرون كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانا، 7 ـ ئاينىڭ بېشىدا بۇ شىركەتنىڭ سىناق رايونىنىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايونىدىكى ئۆلچەملەشكەن زاۋۇت ئۆيلىرى رەسمىي قۇرۇلۇشقا باشلىدى. «بىز بۇ يەرگە مەبلەغ سېلىشتا بۇ جاينىڭ يۆلەش سىياسىتى ۋە ياخشى بولغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۆزلىدۇق. كارخانا بۇ جايغا ماكانلىشىش، زاۋۇت قۇرۇش جەريانىدا، بۇ جاي <ئۆي خىزمەتچىسى شەكلى>دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يۈ گۇاڭلياڭ.

تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، تارباغاتاي ۋىلايىتى «تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى»نى ئېلان قىلدى، بۇ، كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، چېگرا ھالقىغان سودا، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتى كاپالىتىدىن ئىبارەت توققۇز جەھەتتىكى 50 تۈرلۈك مەزمۇنغا چېتىلىدۇ.

«تارباغاتاي ۋىلايىتى ئىزچىل تۈردە ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ سىناق رايونى تەسىس قىلىش تەستىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تارباغاتاينى مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى ئايدىن.

2012 ـ يىلى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى بازار سۇبيېكتى 24 مىڭ 249 ئىدى، 2021 ـ يىلى 69 مىڭ 495كە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %186.5 ئاشتى.

تارباغاتاينى كەسىپلەر گۈللەنگەن مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرغىنى پەقەت ياخشى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىلا ئەمەس. 2014 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، قاراماي ـ چۆچەك يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى؛ 2019 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، قاراماي ـ چۆچەك تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتى؛ 2019 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، چۆچەك ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى... ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى توقۇلغانسېرى زىچلاشتى، بۇ ھەم مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىنتايىن زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى.

ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق گۈزەل مېلودىيەسىنى ئورتاق ياڭرىتىش

7 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، چۆچەك شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۈچ خىل ئوخشاش بولمىغان ئۇسلۇبتىكى ئۇسسۇل مۇزىكىسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى: بۇلار رىتىمى كۈچلۈك بولغان زامانىۋى ئۇسسۇل مۇزىكىسى، گۈزەل ۋالىس مۇزىكىسى ۋە شوخ مىللىيچە ئۇسسۇل مۇزىكىسى ئىدى. شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا توپقا قېتىلىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. گەرچە ئۈچ خىل «ئېقىم»نىڭ ئۇسلۇبى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ماس كەلمەسلىك تۇيغۇسى يوق ئىدى، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى يەنە پات ـ پات ئۇسلۇب ئۆزگەرتىپ ئوينىدى. قارىماققا ئادەتتىكى مەيدان ئۇسسۇلى بولسىمۇ، لېكىن كىشىگە چۆچەك شەھىرىدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىقنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇراتتى.

«ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي رېڭى.» ئايدىن مۇنداق دېدى: تارباغاتاي ۋىلايىتىدە 29 مىللەت ياشايدۇ، ھەربىر كىشى تارباغاتاينىڭ ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ياڭرىتىدىغان «نوتا».

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا چىن قەلب، پۈتۈن كۈچ بىلەن سىجىل تۈرتكە بولدى، ھەر مىللەت ئامما ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى.

50 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر مىللەت چېگرا ئاھالىسى بىلەن سەمىمىي ئىتتىپاقلىشىپ، چېگرانى بىرلىكتە مۇھاپىزەت قىلغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 ـ شى 161 ـ تۇەنىنىڭ خىزمەتچىسى، «1 ـ ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى ۋېي دېيوۋ؛ 13 يىلدىن بۇيان بوران ـ چاپقۇنغا قارىماي ئۆز ھويلىسىدا ھەر مىللەت ئاممىنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىشقا تەشكىللىگەن چۆچەك شەھىرى ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن؛ 40 نەچچە يىلدىن بۇيان دوختۇرغا خاس مېھرىبانلىقى بىلەن چارۋىچىلىق رايونىدا ئىنسانىي مېھىر ـ مۇھەببەتنى پۈتكەن ئوخاس سۇلايمان قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچىلار شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى، يەنە ئۆركىن، جاڭ چاڭمىڭ، ما ليەنخۇا قاتارلىق مۇشۇنداق كۆپ مىللەتلىك ئائىلە تىپلىرى شۇ جايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ئىناق بولۇشى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ بەس ـ بەستە پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.