تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولايلى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

  □گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

  تەرەققىيات شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ مۇھىم ئاساسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەلق تۇرمۇشى تەرەققىياتنىڭ نىشانى، كىشىلەر قەلبى ئەڭ چوڭ سىياسىي. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك» «شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىغا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» «خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك». باش شۇجىنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئىزاھلاپ بەردى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىكى ئاچقۇچ كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ياكى مايىل قىلالماسلىقتا. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر «خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش»نى تەرەققىياتنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاتلىنىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

  تەرەققىياتنى مۇقىملىق، خەلق تۇرمۇشى، كىشىلەر قەلبى بىلەن زىچ باغلاپ، ھەم مۇقىملىقنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكى، تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇش؛ ھەم تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشىنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىش، ئۆزئارا شەرت قىلىش مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش كېرەك؛ تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنى زىچ باغلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قوش يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىز «تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلىنىش» ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتنى يۈكلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، «خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش»تىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ۋە چېگرا بويىنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك؛ سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ باشلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىمىز كېرەك؛ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى شىنجاڭ ئەمدى چەت، يىراق جاي ئەمەس، بەلكى بىر يادرولۇق جاي، تۈگۈن جاي، تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، بولۇپمۇ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە سىجىل كۈچەشكە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، كەڭ زېمىننى تەرەققىياتتىكى مېھىرلىك تۇپراققا، تېخىمۇ مۇھىمى خەلق تۇرمۇشىدىكى بەختلىك ماكانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.