تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى دەۋردە، يېڭى مۇساپىدە بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (7)

  □شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

  «بىڭتۇەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۇەن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىككى قېتىم كېلىپ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، باش شۇجى ھەر قېتىمدا بىڭتۇەنگە كەلدى؛ 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى بىردەك بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. بىڭتۇەن سەمىمىي تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۆلەت مەنپەئىتى بىڭتۇەننىڭ مەنپەئىتى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى بىڭتۇەننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەردە مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.

  يېڭى شەھەرلەر خۇددى مەرۋايىتتەك كۆزنى قاماشتۇرىدۇ، پارچە - پارچە بوستانلىقلار يېشىل قاشتېشىدەك كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا بىڭتۇەننىڭ پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئۈچ ئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، كېۋەز تېرىش بازىسىدا كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆردى، توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈش بېغىدا بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى، خۇايۈەن بازىرى مەيدانىدا بىڭتۇەننىڭ قىلىچنى ساپان قىلىش تارىخىنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ئەسلەپ ئۆتتى... بۇ قېتىم شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس 8 - شى شىخەنزە شەھىرىگە كېلىپ، يول بويى مېڭىپ، يول بويى كۆردى، يول بويى سەمىمىي تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، يول بويى كۆڭۈل قويۇپ يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى» «بىڭتۇەنلىكلەر ياراتقان ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشتەك بىڭتۇەن روھى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك» «بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ.» باش شۇجىنىڭ بىڭتۇەن ئىشلىرى، بىڭتۇەن روھى، بىڭتۇەننىڭ رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشى خەلق داھىيسىنىڭ چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى، چوڭقۇر تارىخىي نەزەرى، ئۇيۇل تاشتەك تەرەققىيات ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە، يېڭى مۇساپىدە بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  يېڭى دەۋردە، يېڭى مۇساپىدە بىڭتۇەننىڭ تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، زور كۈچ بىلەن بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش، يېزا ئىگىلىكىدە كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپلەشتۈرۈپ تىجارەت قىلىش شارائىتى ياخشى بولۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر - يېزىلار ئىناق بولغان باغچە تۈسىدىكى ماكان بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ چېگرانى ئەمىن تاپقۇزۇش، مۇستەھكەملەشتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان چوڭ پېچلىق، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق فۇنكسىيەسى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور ئۇل ئەسلىھەلەرنى ماس قەدەمدە قۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، چوڭقۇر گىرەلىشىش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان بىڭتۇەننى قۇرۇپ تەشكىللەش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچ، مۇھىم ۋەزىپىنى يەردە قويماي، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، «ئىككىنى قوغداش»نى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نوپۇس بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەننى تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.