تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز ​شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچىمىزنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

«شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى. پۈتۈن پارتىيە شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تونۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.» 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باش شۇجى يەنە 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلدى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، چىن ھېسسىياتى بىلەن يەرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان چاغلىرىدا «فۇجيەننىڭ سانجىغا، جېجياڭنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بەرگەن»لىكىنى ئەسلىدى: «بۇ ئىشلار ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چوڭ ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بىر قىسىم مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ھەل قىلدۇق. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان يولداشلار روھىي جەھەتتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتىن تاۋلىنىپ ۋە چېنىقىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. سىلەرنىڭ بۇ يەردە پۇختا، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ، بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان تۆھپە».

سەمىمىي غەمخورلۇق، سەمىمىي ئۈمىد 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى زور ئىلھاملاندۇردى، ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: چوقۇم باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنىڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق باش شۇجى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنچىسى، ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر

شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كەڭ كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىغانلىقى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى، مۇھىم يوليورۇق بەرگەنلىكى ھەم بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىمىزنى مەركەزلىك كۆزدىن كەچۈرۈش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، سىياسىي ئەھمىيەتكە، تارىخىي ئەھمىيەتكە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش دەل باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىشنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپىتى، يۇقىرى ئۈنۈمى ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 - شىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈندۇر» دېدى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جۇ لىنسېن.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە، باش شۇجى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قىممەتلىك سىياسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەنىۋى مەنبە قوشتى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى خىزمەت نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئەڭ زور ئىشەنچىمىز ۋە كۈچ مەنبەيىمىز» دېدى تيەنجىن شەھىرى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن جيەن.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەنلىكى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى» دېدى جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سەي چىڭپىڭ.

ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ياڭ يۇڭگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقى غايەت زور ئىلھام

سەمىمىي قول ئىشارىتى، ئىللىق نەزەرى، سەمىمىي تەلىمى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلغاندىكى ھەربىر دەقىقە، ھەربىر جۈملە سۆز خۇددى تىيانشاندىكى شەبنەمگە ئوخشاش شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى.

«باش شۇجى فۇجيەندە خىزمەت قىلىۋاتقاندا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم.» نەق مەيداندا باش شۇجىنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان فۇجيەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى فاڭ ياڭخۇي ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى باسالماي، تەلىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىگە باردى. 2020 - يىلى تۇرپان شەھىرى بىلەن خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تۈرتكىسىدە، يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى شىبادۇڭ كەنتى بىلەن قوشماقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتىنى ئورتاق قۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى.

«باش شۇجىنىڭ بىز ياردەم بېرىپ يۆلەيدىغان كەنتكە كېلىشى خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن زور ئىلھام بولدى.» خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى لىن لياڭلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: تاپشۇرۇقنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، «كۆۋرۈكلۈك» «سىردىشىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە، ئەمەلىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئالاتاۋ پورتى، قورغاس پورتىنىڭ نەق مەيدان مەشغۇلات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ جاي ئەمدى چەت، يىراق جاي بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق جايغا ئايلاندى، بىر تۈگۈن جايغا ئايلاندى. سىلەر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىلەر».

باش شۇجىنىڭ سۆزى چىڭداۋ تاموژنىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جېننى تولۇپ تاشقان غەيرەتكە ئىگە قىلدى: «مەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تاموژنا سىستېمىسىنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودىسى قاتارلىق يېڭى سىياسەت ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق جايىدا ئەمەلىيلىشىشىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قولغا كەلتۈرۈپ، پورت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن».

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ داشۆگە كەلگەندە: «ئادەم تەربىيەلەشنىڭ نېگىزى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتە» دەپ تەكىتلىدى. «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىنچىكە، نازۇك جايلارغا، سىستېمىلىق بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيمىز» دېدى دۇڭبېي سىفەن داشۆسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، شىنجاڭ داشۆنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋاڭ جەنرېن.

ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى تەشكىللەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئۇنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي تۇتۇش، ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

خۇبېي ئۆلكىسى، سەنشى ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى، مەركەزدىكى ئورۇنلاردىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۆزى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋاقىتلىق پارتىيە كومىتېتى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىپ، مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق، تېزدىن ئۆگىنىش دولقۇنىنى قوزغىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى دەپ تەكىتلىدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چېن شىنبىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم بۇرچ قىلىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلار بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرىمىز».

«باش شۇجى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ياخشى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زورلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» شەندۇڭ رىجاۋدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى تۈمەنتال يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى زاڭ يۈندۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، يېزىلارنىڭ تېخىمۇ باياشات، تۇرمۇشنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، يېزا - كەنتلەرنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. خېنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى چىن شۇگۇاڭ مۇنداق دېدى: «بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، خېنەن بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيمىز».

«بىز شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى تۇتقا قىلىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى جىلىن ئۆلكىسى ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كىچىك ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ياۋ تاۋ.

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1 - خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى پەن چۈنچيۇ، شاڭخەي شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، قاراماي شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ يۈلىن مۇنداق بىلدۈردى: جان - دىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، باش شۇجىنىڭ ھەر مىللەت خەلققە بولغان غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا يەتكۈزىمىز.

جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جوۋ ۋېيۋېن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشۇش بىلەن بىللە، بىز روھىي جەھەتتىن، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتىن تاۋلاندۇق ۋە چېنىقتۇق، خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى قىممەتلىك كەچۈرمىشلەر بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى».

مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تۆھپە قوشىمىز

«سىلەرنىڭ بۇ يەردە پۇختا، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ، بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان تۆھپە.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ قەلبىنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋۇ خەن مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى بىر ئۆمۈر پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش سۈپىتىدە ئىشلەيمەن».

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، ئالتاي ۋىلايەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى پەن باۋيۈەن، شېنجېن شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن شيەنفېڭ، خېبېي ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى، كورلا شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى فېڭ يۇڭجۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىش كىشىلىك ھاياتىمىزدىكى ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش كۈچىنى بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنىدە ياردەم بەرگۈچى ۋە ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئىككى تەرەپ ئوقۇتقۇچىلىرى بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلغان كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى ئۆمىكى جىددىي مەشىق قىلىپ، مەملىكەتلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماھارەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. «بىز مائارىپ ئىختىساسلىقلىرى <ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى>دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز» دېدى جياڭسۇ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى، ئىلى يىپەك يولى كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى چۇ كەيفېڭ.

قەشقەردە شاڭخەي شەھىرىنىڭ «پۇدۇڭ ناملىق» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھۆددە ئايروپىلانى بىلەن ساياھەت قىلىش، «جىڭجۈ تىياتىرىنى شىنجاڭغا كىرگۈزۈش» قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر ئىككى جاينىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. شاڭخەينىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يەكەن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى، يەكەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن جيەن مۇنداق دېدى: «بىز قەتئىي ھالدا باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەيمىز».

خوتەندە «بېيجىڭ دۆلەت كارخانىلىرى خىزمەت فورمىسى ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتى» ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بازىسى جىددىي قۇرۇلماقتا. بېيجىڭ شەھىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو شياۋ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان قۇرۇلۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرىمىز.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا قىزغىن دولقۇن قوزغالدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئۇلۇغ ئىشى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقى، سەمىمىي ئۈمىدى 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلدە كۆرسىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.