تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشتى

56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشتى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسى 

7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسىدىكى كىچىك دوستلار بىرلىكتە كىتاب ئوقۇماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

  مەھەللە خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ

  ■تەكشۈرۈشتە بولغان ئورۇن: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى 2001 - يىلى 7 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار سودا چەمبىرىكىگە جايلاشقان، بۇ مەھەللىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى مەھەللە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %95تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، تەۋەلىك رايوندا جەمئىي 12 ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى، 117 سودا تور نۇقتىسى بار، ئۇ، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى. گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمەت ماركىسىنى يارىتىپ، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش مەركىزى قۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، خەتتاتلىق قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ، مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل پىدائىيلار مۇلازىمەت مەھەللىسى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش مەھەللىسى، مەملىكەت بويىچە «ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كىرسىڭىز، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، تەۋەلىك رايوندىكى ئامما چوڭ - كىچىك ئىشلارغا يولۇققاندا، بىرىنچى بولۇپ مۇشۇ جاينى ئويلايدۇ، بۇ جاي ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان ماكانغا ئايلانغان.

  7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى زالى، مېھىر - شەپقەت ئائىلىسى، ئۇسسۇل ئۆيى، ئۆسمۈرلەر - بالىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىگە كىرىپ، مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ جاينىڭ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، ياشانغانلار ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت پائالىيىتى قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇلارنى يوقلىدى، مەھەللە كادىرلىرى، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، باش شۇجىنىڭ كېلىشى كۆپچىلىكنى ھەسسىلەپ روھلاندۇردى، چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەھەللىمىزنى ئامما رازى بولىدىغان بەختلىك ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بەختلىك قىلىمىز.

  گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش

  باش شۇجى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئارزۇگۈل كېرەم ئىنتايىن جىددىيلەشكەنلىكتىن ۋە ھاياجانلانغانلىقتىن، ئالىقانلىرىدىن توختىماي تەر چىقىپ تۇردى. «باش شۇجى شۇنچىلىك مېھرىبان، خۇشخۇي، يېقىملىق ئىكەن، ئىلگىرىكى جىددىيلەشكەنلىرىم بىردىنلا يوقاپ كەتتى.» ئارزۇگۈل باش شۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان دەقىقىلەرنى ئەسلەپ، چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. «ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىغا يۈزتۇرا ھالدا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلالايدىغانلىقىمنى ھەقىقەتەن ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم».

  «باش شۇجى، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز، مەھەللىمىز كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسى...» ئارزۇگۈل باش شۇجى بىلەن بىللە پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، مەھەللىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.

  شەھەر ئىدارە قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» دەل مەھەللىدە. مەھەللە پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئەندىشىسى، باش قېتىنچىلىقى، غېمىدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ، بىر - بىرلەپ ھەل قىلىش كېرەك. باش شۇجى مەھەللە خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنداق كۆرسەتتى: «مەھەللە خىزمىتى مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە تۇتىشىدۇ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنگە يۆتكەپ، ھەر مىللەت ئاھالىنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىغا زىچ يېقىنلىشىپ، كۆپچىلىككە ياردەملىشىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرىش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈشى، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇش، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك».

  پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى زالىدا بەش مۇلازىمەت كۆزنىكى − پارتىيە قۇرۇلۇشى كۆزنىكى، تۇرالغۇ كاپالىتى كۆزنىكى، خەلق ئىشلىرى كۆزنىكى، ئىجتىمائىي كاپالەت كۆزنىكى، ئەمگەك كاپالىتى كۆزنىكى بار. باش شۇجى ھەربىر كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ھەم كەسىپلەرنى بېجىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  ئەتىگەندىلا ئاكىسى ئۈچۈن ياشانغانلار كىنىشكىسى كەسپىنى بېجىرىشكە كەلگەن ما شاۋيەن بۇ يەردە باش شۇجى بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى. «باش شۇجى ئاممىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن، سەمىمىيلىك بىلەن مەندىن نېمە كەسىپ بېجىرىدىغانلىقىمنى سورىدى، ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» ما شاۋيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىللاردا، بەختىمىزگە يارىشا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولغاچقا، ھازىر بىزدە ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولدى، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولدى، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولدى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى باياشات ئۆتمەكتە».

  خەلق ئىشلىرى كۆزنىكىنىڭ خىزمەتچىسى ما خۇڭمېي باش شۇجىغا ياشانغانلار كىنىشكىسىنى بېجىرىش تەرتىپىنى تونۇشتۇردى، «باش شۇجىنىڭ شۇنچە تەپسىلىي سورايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن.» باش شۇجى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان دەقىقىلەرنى ئەسلىگىنىدە ما خۇڭمېي يەنە ھاياجانلىنىپ، كۆزلىرىگە ياش ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى سورىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىز ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلار، بۇنىڭدىن خەلق ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدىكى سالمىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشانغانلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەندىشىسى، باش قېتىنچىلىقى، غېمىنى ياخشى ھەل قىلىمەن».

  ئارزۇگۈل باش شۇجىغا مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش تۈزۈمىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى تۈر تىزىملىكى، ئېھتىياج تىزىملىكى، بايلىق تىزىملىكىدىن ئىبارەت «ئۈچ تۈرلۈك تىزىملىك» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ھەل قىلدى.

  باش شۇجى كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «مەن مەھەللە خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمەن، سىلەرنىڭ مەھەللىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى كۆرۈپ، چىن قەلبىمدىن خۇشال بولدۇم».

  «باش شۇجىنىڭ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىشەنچىم تېخىمۇ چىڭىدى، يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار، مەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەپ، ئاھالىلەرنىڭ سىردىشى بولۇشقا تىرىشىپ، پۇقرالارنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى ئىگىلەپ، مەھەللە ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن» دېدى ئارزۇگۈل.

  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

  «نېمە ياخشى؟ نېمە ياخشى؟ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى...» باش شۇجىنىڭ ئۇسسۇل ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شىڭگۇاڭ خور ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سىياسىتى ياخشى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى.

  2010 - يىلى قۇرۇلغان بۇ خور ئۆمىكى ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ قىسمى پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار. بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن فېڭ يەنشياڭ خور ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى. «باش شۇجى خور ئۆمىكىمىزنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سورىدى، بىزنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈردى.» فېڭ يەنشياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بىز ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىز ۋە ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننى كۈيلەپ، خەلقنى كۈيلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى كۈيلەپ، ناخشا ساداسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەيمىز.

  خور ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئارزۇگۈل ئابلا پېنسىيەگە چىققان قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە كېلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، پېنسىيە تۇرمۇشىنى مەنىلىك ھەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلدىم. پېنسىيەگە چىققان ياشانغانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە گۇۋاھ بولدۇق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەتتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، پاكىت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ تۈپ ئاساسى، بىز مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك».

  مېھىر - مۇھەببەت خۇددى دېڭىزدەك چوڭقۇر، ئۈمىد خۇددى تاغدەك زور. مەھەللە ھويلىسىدا، باش شۇجى كادىرلار، ئامما ئارىسىغا بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. «باش شۇجى ياخشىمۇسىز!» ئامما قىزغىنلىق بىلەن چۆرىدەپ كەلدى، كۆپچىلىك ئەستايىدىل كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، نۇرغۇن كىشى كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.

  «باش شۇجىنى كۆرەلىگىنىمنى مەن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمەن.» مەھەللە ئاھالىسى روشەنگۈل تۇردىنىڭ ھاياجاندىن كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاقتى، ئۇ ئىككى قولى بىلەن توختىماي كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، «باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى ئاددىي، سەمىمىي ئىدى، كۆڭلىمىزدىكىدەك سۆزلەرنى قىلدى، بۇ، ئۇنىڭ خەلقچىل ھېسسىياتىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇ دەقىقىدە مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم».

  باش شۇجى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى مۇھىم كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىر قېتىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسىنى تاللاپ تۇرغۇزۇش ۋە تەقدىرلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا، «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» بويىچە تۇغقانلىشىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش بىلەن تولۇق قاپلاشنى تاماملىدى.

  ئارزۇگۈل مۇنداق بىلدۈردى: بىز تىنچ، ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ئالاھىدە قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − تەرەققىياتى تەشۋىقات تەربىيەسى خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ ئائىلىسىنى ياخشى قوغدايمىز، 56 مىللەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز.

  جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى بالىلار قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش

  باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەربىيەسىنى بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش، دائىم ئاڭلاش ۋە كۆرۈش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشتىكى ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق.

  «شى بوۋا ياخشىمۇسىز!» باش شۇجىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۆسمۈرلەر - بالىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيىدىكى بالىلارنى ئادەتتىن تاشقىرى ھاياجانلاندۇردى. «ئادەتتە شى بوۋامنى تېلېۋىزوردا كۆرەتتىم، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولدۇم.» بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرگەن مەينىسە پەرھاتجاننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

  باش شۇجى بالىلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلىملىرى بويىچە كۆرسەتكەن ماھارىتىنى زوقلىنىپ كۆردى. «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» «مىننۇڭ» «يىگىرمە تۆت مەۋسۇم»... بالىلار ناھايىتى راۋان يادلاپ، ئەستايىدىل ئورۇنلىدى.

  «<مىننۇڭ> بىزگە دېھقان تاغىلارنىڭ ناھايىتى جاپالىق يەر تېرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپلا ئاشلىقنى قەدىرلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئىسراپچىلىقنى توسۇشىمىز كېرەك» دېدى ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەينىسە باش شۇجىغا.

  «شى بوۋام بىزنى ماختىدى، مەن چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا دۆلەتكە ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمەن» دېدى مەينىسە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى.

  2010 - يىلى، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ قوللىشىدا «بالىلار مەركىزى» قۇردى، ئون نەچچە يىلدا، بۇ كىچىككىنە ماكاندا بالىلار ئاز - ئازدىن ئۆگىنىپ، كىچىكىدىن باشلاپ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇرۇقىنى سالدى.

  ئوقۇتقۇچى خاسىيەت ئوسمان مەھەللە پىدائىيسى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە كېلىپ بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلىملىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بالىلارنىڭ مىللەت ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىنى پۇختىلايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.