تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

تومۇز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك كۆل سۇلىرى كۆك ئاسمان بىلەن رەڭ تالاشقان، شەھەر ئاسمىنىدا ئاق بۇلۇتلار لەيلەپ تۇرغان ئەڭ گۈزەل پەسىلگە كىرگەنىدى؛ تومۇز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭ يېڭى يىغىۋېلىنغان بۇغدايلار ئامبارغا كىرگۈزۈلگەن، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالغان يەنە بىر مول ھوسۇل پەسلىگە قاراپ مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانىدى؛ تومۇز كۈنلىرىدىكى شىنجاڭدا يېڭى زاۋۇتلاردىن يېنىك ئىس - تۈتەكلەر كۆتۈرۈلدى، قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇلدى، سانائەتنىڭ يېشىل تەرەققىياتى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى قاپلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك» «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلار ئارا ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ پۇختا ئاساسى، شۇنداقلا ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان مېڭىشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك مۇقەررەر يول. كۆپچىلىك تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن، باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق قۇرۇپ چىقماقتا.

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭىگە ئايلاندۇرىمىز

تىيانشان تېغى ئېتىكىدىكى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرماقتا. دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، توققۇزتارا ناھىيەسى ناھىيە رايونىنىڭ 2022 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا مۇھىت ۋە ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %99.4كە يەتكەن. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىزنى زور ئىلھامغا ئىگە قىلدى، بۈگۈنكى كۈندە بىز <سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق> ئىدىيەسىنى تېخىمۇ پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە پايدا يەتكۈزۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز» دېدى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە - مۇھىت ئىدارىسى توققۇزتارا ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى سۈن رېنگو.

پىچان ناھىيەلىك باج ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ھۈسەن ئىمەر باج خىزمىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولۇپ مۇنداق دېدى: «<يېشىل باج تۈزۈمى> تۇرپان شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئەمەلىيلىشىپ ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كارخانىلارنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، باجغا ئالاقىدار يېتەكچىلىك بىلەن دەل جايىدا تەمىنلەپ، باجنىڭ پىشاڭلىق تەڭشەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىشىغا نىسبەتەن ئوڭ يۆنىلىشلىك يېتەكلەش ۋە تەتۈر يۆنىلىشلىك چەكلەشنى كۈچەيتىپ، <يېشىل باج تۈزۈمى> ئارقىلىق سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغدايمىز».

7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، شىنجاڭ رۇيباۋ چيەنيۈەن ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى، زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىگە كورلا شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى نېفىت، نېفىت - خىمىيە كەسىپلەر باغچىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شاڭكۇ يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى» دېيىلىدۇ)دا ئۇل سېلىنىپ ئىش باشلانغانلىقى شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ يېشىل، كاربونسىز كەسىپلەر باغچىسى يېڭى سەھىپىسىنى رەسمىي ئاچقانلىقىدىن دېرەك بەردى. بۇ تۈردە ھاسىل بولغان پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى يېشىل ئېنېرگىيەنى ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆزى ئىشلىتىش، ئۆز جايىدا قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى شاڭكۇ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيەن جى.

ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز

7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، قەشقەر قاتارلىق جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا ئىگىلىك قاتتىق تاشلاندۇقلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، تۈزەش ئەھۋالى، يېزا ئىگىلىكىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلاردا مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىز ئۈچۈن ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.» ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى پەن - تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جىن شەن مۇنداق دېدى: «بۇ يىل، بىز ئاپتونوم رايون بويىچە 10 مىليون مو يەردە قېلىنلىتىلغان، چىدامچانلىقى يۇقىرى يوپۇقنى ئىلمىي ئىشلىتىش، يىغىۋېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىنىڭ ئاق رەڭلىك بۇلغىنىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى تەشكىللەپ ئاچقان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى دەي ۋۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە كەم - كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرىمىز. ئاپتونوم رايوننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئارقىلىق كەسىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش - تىرانسپورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، تەڭشەشكە مەجبۇرلاپ، بۇلغىمىنى ئازايتىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ماس ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىمىز. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى تۈگىتىش، ئوزۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش، دىزېلنى يېقىلغۇ قىلىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بۇلغىشىنى تۈزەش قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك جەڭلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى چۆللىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش باشقارمىسىنىڭ 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى شېن فېي مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. شىنجاڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، <قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش>نى <قۇمنى تىزگىنلەش، قۇمدىن پايدىلىنىش>قا ئۆزگەرتىشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان يەر كۆلىمىنى «قوش تارايتىش»نى ئىشقا ئاشۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېكولوگىيە مۇھاپىزەتچىسى بولۇش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز».

فەن لياڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن 10 - تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش باش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى بىزنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىمىزغا زور مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. مەن مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پۇرسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىت قوغداش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمەن» دېدى فەن لياڭ.

يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، خۇانېڭ شىنجاڭ ئېنېرگىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى كېيىنكى يېرىم يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى تۈزۈش مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئاچتى، بۇ شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى بىزنىڭ <شەرقىي قىسىم، ئوتتۇرا قىسىم، جەنۇبىي قىسىم، شىمالىي قىسىمدا شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر بايلىقىنى ئېچىش>تىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى. بىر توك تارقىتىش كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، يۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان توك تارقىتىش تۈرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تۈرى بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. كېيىنكى قەدەمدە بىز شىركەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات بويىچە سۈرئەتنى تېزلىتىشى، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىلدا 1 مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ، <قوش كاربون> نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».

ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) رۇڭخې شىمالىي يولىدا يەنە بىر پولات قۇرۇلمىلىق قۇراشتۇرما ئىمارەت − گۇاڭجېڭ گۇرۇھى يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپلەر باغچىسى تۈرى يېڭى ئېنېرگىيە ئۆلچەملىك زاۋۇت ئۆيىنىڭ #2 #1 ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلما قۇرۇلۇشى تاماملاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى گۇاڭجېڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى زور ئىلھامغا ئىگە قىلدى، «شىركىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېشىل ئىمارەت ۋە يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى پائال ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىزچىل كۈچ چىقىرىپ كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى ۋە گېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۇڭخۇي.

شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى چېن چاڭكې مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى شىنجاڭ جۇڭخېنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئېنېرگىيە + يۇقىرى ساپلىقتىكى ئاليومىن + ئاليومىن ياپراقچىسى + ئېلېكتىرود ياپراقچىسى»دىن ئىبارەت ئاليومىن ئاساسىدىكى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد كەسىپلەر زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىكى ئارقىلىق، 5G، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، رەقەملىك توك قاچىلاش تۈۋرۈكى قاتارلىق ساھەلەردە سىجىل كۈچەپ، شىنجاڭ جۇڭخېنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق مەھسۇلات ئاشۇرۇش تۈرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېشىل پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز».

(مۇخبىر ليۇ دۇڭلەي، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ يى، يۈ جياڭيەن، ساۋ خۇا، شى شىن، ما يىنىڭ، چېن چياڭۋېي، مېھرىگۈل ناسىر، ۋاڭ يايۈن، لى شىڭ، بارشا تېگېس)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.