ھەر قېتىمقى زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەمىز ھەمىشە ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىدىيەۋى پىروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى مەنزىل ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ كەلدى.
پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى بىر قېتىملىق ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچىگە زور مەدەت بولدى ۋە كۈچىنى زورايتتى،
نىشان ئېنىق، يۆنىلىش ئايدىڭ بولدى. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز.
چېگرا رايون تىنچ بولسا، دۆلەت تىنچ بولىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا رايوننى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە باشقىلار ئۈلگە قىلغۇدەك تەجرىبىسى بار.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتكەنىدى: شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشتا تەڭداشسىز ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە، شىنجاڭ بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىردە تاغ – دەريالار كۆركەم تۈس ئېلىپ، زېمىن رەڭدارلىققا تولغانىدى. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىدىن شادلىنىش بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقىنى قايتا ئەسلىدى.
قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى بوستانلىقتىن ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى ئوتلاق – يايلاقلارغىچە...ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسى، چوڭ لىنىيەسى كۈندىن – كۈنگە ئايدىڭلاشتى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ۋە تۈۋرۈكلۈك ئسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تەدرىجىي ئاشۇرۇلدى.
پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە زېمىن بايلىقى سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاش ۋە قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، زېمىن بايلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە بايلىقنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، زېمىن بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش تەرتىپى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.
پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە ساغلام، تېز يۈكسىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.
ليۇ جىخۇەي 2010- يىلى 12- ئايدا 7- تۈركۈمدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئۈچۈن قومۇلغا كەلگەندە، قومۇلنىڭ كەسپىي مائارىپ زور تەرەققىياتىغا، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش مەزگىلىگە ئۈلگۈرۈپ كەلگەنىدى. ليۇ جىخۇەي مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە دەبدەبىلىك چوڭ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ، لېكىن قابىلىيەتسىزلەردىن بولۇپ قېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
مول تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە خەي جۈنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قېنى سىڭدى. ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە فاڭجياجۇاڭ كەنتىنى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ باي- باياشات قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
بەزىلەر مۇھەببەت پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش كىشىگە ھەر ۋاقىت خۇش ھىد ئاتا قىلىدۇ، دېيىشىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى، كەسپىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى روشەنگۈل ئابدۇكېرىم دەل قەلبىدىن خۇش ھىد تاراپ تۇرىدىغان ئايال
− روھىي جەھەتتىكى بېسىم، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتنى ياخشى قىلىشقا ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم بار، مەن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، رولىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بېيىپ، ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيمەن، − دېدى لى يۈەنمىن 9- ئاينىڭ 5- كۈنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.