تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ج ك پ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى 

 — جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن دوكلات

(2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى)

شى جىنپىڭ

  يولداشلار:

  ھازىر مەن 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي.

  قۇرۇلتاينىڭ تېمىسى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم خەلق بىلەن مەڭگۈ ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەشچان قىياپەت بىلەن داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىنى كۆزلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشى لازىم.

  نۆۋەتتە ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىستىقبالىمىز ئىنتايىن پارلاق، خىرىسمۇ ئىنتايىن كەسكىن. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاپ، ئۆزگىرىش ياساشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەڭگۈ قاتماللىشىپ قالماي، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

   1. ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەت ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش

  18 – قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، قىسمەن توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان، يەرشارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كەسكىنلىشىۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورماللىققا قەدەم قويغان بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق.

  18 – قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەتتە قېتىم ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق زور مەسىلىلەر ھەققىدە قارار چىقاردى ۋە بۇلارنى ئورۇنلاشتۇردى. بەش يىلدىن بۇيان، بىز ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، 12 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات قارىشى قەتئىي توغرىلاندى، تەرەققىيات ئۇسۇلى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىقتىساد داۋاملىق ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە مۇقىم 2 – ئورۇن تۇتۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30 تىن ئېشىپ كەتتى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، تاشيول، كۆۋرۈك، پورت، ئايرودۇرۇم قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمى پۇختا ئالغا سۈرۈلدى، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 تىرىليون 200 مىليارد جىڭغا يەتتى. بازارلىشىش نىسبىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى، 80 مىليوندىن ئارتۇق يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسى شەھەر – بازار ئاھالىسىگە ئايلاندى. رايونلار تەرەققىياتىنىڭ تەڭكەشلىكى كۈچەيدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي ماسلاشما تەرەققىياتى ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە قىلىش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن ئەمەلگە قويۇلۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مول نەتىجە قولغا كەلدى، ئەرش ئوردىسى ئۇچقۇسى، ئەجدىھا چۆككۈسى، تيەنيەن تېلېسكوپى، ۋۇكۇڭ سۈنئىي ھەمراھى، موزى سۈنئىي ھەمراھى، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق زور پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقا – ئارقىدىن دۇنياغا كەلدى. جەنۇبىي دېڭىز ئارال قۇرۇلۇشى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتى، تاشقى سودا، تاشقى سېلىنما، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مۇقىم ئورۇن تۇتتى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېز قەدەم بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرى قەتئىي تۈگىتىلدى. ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش ئارقىلىق كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقى تازا كۈچەيتىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، 1500 دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلدى، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى روشەن ئۆستى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى روشەن ئاشتى.

  دېموكراتىيە – قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي پائال راۋاجلاندى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئالغا سىلجىدى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى – مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تېخىمۇ كېڭەيدى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىدى. ئىلمىي ئاساستا قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىدى، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى بىر – بىرىنى ئالغا سۈردى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى كۈندىن – كۈنگە مۇكەممەللەشتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى روشەن كۈچەيدى. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلدى.

  ئىدىيە – مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجە قولغا كەلدى. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە قارىتىلغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى داۋاملىق گۈللەندى، مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئالاقە تورىنى بەرپا قىلىش، باشقۇرۇش، قوللىنىش ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسى ئەتراپلىق راۋاجلاندى. ئاساسىي مېلودىيە تېخىمۇ ياڭرىدى، ئاكتىپ كۈچ تېخىمۇ ئاشتى، مەدەنىيەت ئىشەنچى نامايان بولدى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە يۈكسەلدى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

  خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇنلىغان تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلدى، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2 تىن تۆۋەنلەپ، %4 تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. مائارىپ ئىشلىرى ئەتراپلىق راۋاجلاندى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار مائارىپى ۋە يېزا مائارىپى روشەن كۈچەيدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، شەھەر – بازارلاردا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر – يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، كىرىمى ئوتتۇراھال كىشىلەر سىجىل كۆپەيدى. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالىنىش – ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا سەل قاراش ئەھۋالى روشەن ئۆزگەرتىلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسى تېز شەكىللەندى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون تۈزۈمى پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتى، دۆلەت باغچىسى تۈزۈلمىسى سىنىقى پائال ئالغا سىلجىتىلدى. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ئېنېرگىيە – بايلىق سەرپىياتى سىجىللىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر چوڭ قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق ئالغا سۈرۈلدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى سىجىل ئۆستى. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش روشەن كۈچەيتىلدى، مۇھىت ئەھۋالى ياخشىلاندى. كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھازىرلىق كۆرۈش بويىچە خەلقئارا ھەمكارلىققا يول كۆرسىتىپ، يەرشارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى، تۆھپىكارلىرى ۋە يېتەكچىلىرىدىن بولۇپ قالدۇق.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېن تۈزۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنى چاقىرىلىپ، پارتىيەمىز ۋە ئارمىيەمىزنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە جارى قىلدۇرۇلدى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسى ئۈنۈملۈك تۈزەلدى. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا تارىخىي بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرىدىغان، ئۇرۇش رايونى ئۇرۇش قىلىشقا، ئارمىيە تۈرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈلۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سىستېمىسى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىندى. ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى كۈچەيتىلىپ، دېڭىزدا ھوقۇق قوغداش، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش، ئەدەن قولتۇقىدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش قاتارلىق زور ۋەزىپىلەر ئۈنۈملۈك ئورۇندالدى، قورال – جابدۇق تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ھەربىي كۈرەشكە ھازىرلىق كۆرۈش جەھەتتە زور نەتىجە قولغا كەلدى. خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى. ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› فاڭجېنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن مەركەزگە بەرگەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش ھوقۇقى پۇختا ئىگىلەندى، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىنىڭ ئالاقىسى – ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقى ساقلاندى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى›› قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئالغا سۈرۈلدى، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى كۈچەيتىلدى، ئىككى قىرغاق رەھبەرلىرىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. تەيۋەن ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە ئوبدان تاقابىل تۇرۇش، ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى توسۇش ئارقىلىق تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى كۈچلۈك قوغدالدى.

  ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەتراپلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئستېرېئولۇق دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى شارائىت يارىتىلدى. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى بىرلىكتە بەرپا قىلىش تەشەببۇسى يولغا قويۇلۇپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسى قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، يىپەك يولى فوندى تەسىس قىلىندى، تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشى، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش تەشەببۇس قىلىنىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، زور تۆھپە قوشۇلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ھالىتى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەت قىلىشى ئالغا سۈرۈلۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكى قەتئىي قوغدالدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى چىڭىتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش – ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ئەينەككە قاراش، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، داۋالىنىش تەلىپى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش پائالىيىتى ۋە ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، تۈزۈملىشىشى ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ غايە – ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىتىلدى، پارتىيەۋىلىكى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. يېڭى دەۋرگە خاس ياخشى كادىر ئۆلچىمى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە كەيپىياتى روشەن ياخشىلاندى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام – تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئىنتىزام گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئەڭ زور تەھدىت سېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك خاھىشى قاتتىق تۈزىتىلىپ، ئىمتىيازغا قەتئىي قارشى تۇرۇلدى. كۆزىتىشنىڭ شەمشەرلىك رولى نامايان بولۇپ، مەركىزىي كومىتېت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكومنىڭ كۆزىتىشىدە ھەممىنى قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، ‹‹چوڭلىرىغىمۇ، كىچىكلىرىگىمۇ تېگىش››، ‹‹قاچقۇنلارنى تۇتۇش››تا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىش نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق قەپىزى بارغانسېرى چىڭىتىلدى، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىش توسمىسى قۇرۇلماقتا، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلاندى.

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەت، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك ئۆزگىرىش. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى، بىر قاتار زور فاڭجېن – سىياسەتلەرنى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بەش يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ ۋە سىناققا، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، قەيسەر ئىرادە ۋە خىسلەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر خەۋپنى تۈگەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش كەيپىياتى تېخىمۇ يېڭىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى روشەن ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى – بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، يېڭى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز شەرتكى، خىزمىتىمىزدە يەنە بىرمۇنچە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىرمۇنچە قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇلار ئاساسلىقى: تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىققا دائىر بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىدى، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى تېخى يۇقىرى ئەمەس، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس، ئەمەلىي ئىقتىساد سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل يىراق؛ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە تېخى بىرمۇنچە كەمتۈكلۈك بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، شەھەر – يېزىنىڭ رايونلار تەرەققىياتى ۋە كىرىم تەقسىماتى جەھەتتىكى پەرقى ھېلىھەم بىر قەدەر زور، ئامما ئىشقا ئورۇنلىشىش، بىلىم ئېلىش، داۋالىنىش، ئولتۇراقلىشىش، كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتتە بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر گىرەلىشىپ كەتتى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋەزىپىسى ھېلىھەم ئېغىر، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ھېلىھەم مۇرەككەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى يېڭى ئەھۋالغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ؛ بەزى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە زور سىياسەت – تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە تېخى بىرمۇنچە ئاجىز ھالقا ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش شەرت.

  بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارغا، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر ساھە ۋەتەنپەرۋەر زاتلىرىغا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ۋە تەيۋەندىكى قېرىنداشلارغا، شۇنىڭدەك كەڭ چياۋمىن قېرىنداشلارغا، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

  يولداشلار! ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيەمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن – تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە، خەلقنىڭ قىياپىتىدە، ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ دۇنيا ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىشنىمۇ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە يېپيېڭى يول تېپىپ بېرىپ، ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ يېڭى دەۋر ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سېلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن – كۈنگە يېقىنلىشىدىغان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. دۆلىتىمىز 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئادەمنىڭ كىيىش – تويۇش مەسىلىسىنى مۇقىم ھەل قىلىپ، ھاللىق سەۋىيەنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇردى، ئۇزاققا قالماي ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنىڭ كۈندىن – كۈنگە كېڭىيىشى ماددىي، مەدەنىي تۇرمۇشقىلا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ قالماي، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردە قويىدىغان تەلىپىمۇ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىرمۇنچە جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلىنىپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چەكلەيدىغان ئاساسىي ئامىلغا ئايلاندى.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بىرمۇنچە يېڭى تەلەپ قويدى. بىز تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ئوبدان ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردە كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئوبدان تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگەرگىنى بىلەن، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىز ئۆزگەرگىنى يوق. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە خاس خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق. پۈتۈن پارتىيە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ زور ئەمەلىيەتنى مەھكەم ئاساس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت ھاياتلىق يولى ۋە خەلقنىڭ بەخت – سائادەت يولىدا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا كۈرەش قىلىشى لازىم.

  يولداشلار! جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى!

  2. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچى

  100 يىلنىڭ ئالدىدا، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم – لېنىنىزمنى ئېلىپ كەلگەنىدى. جۇڭگودىكى ئىلغار كىشىلەر ماركسىزم – لېنىنىزمنىڭ ئىلمىي ھەقىقىتىدىن جۇڭگودىكى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى كۆرگەنىدى. يېقىنقى زاماندىن كېيىن، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى كەسكىن ھەرىكەتلەردە، جۇڭگو خەلقى فېئودال ھۆكۈمرانلىققا ۋە چەتنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئېلىپ بارغان كەسكىن كۈرەشلەردە، ماركسىزم – لېنىنىزمنى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش جەريانىدا، 1921 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەت تەقەززاسى بىلەن دۇنياغا كەلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلقى مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنى بېيىتىپ قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە خەلقنى بەخت – سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش يولىدىكى كۈرەشلەردە تايانچقا ئىگە بولدى، جۇڭگو خەلقى روھىي جەھەتتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى.

  5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتى پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتكە ئاجايىپ تۆھپە قوشۇپ، دۇنيادىكى ئۇلۇغ مىللەت بولۇپ قالدى. ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، جۇڭگو ئىچكى ئەنسىزلىك ۋە تاشقى پاراكەندىچىلىك قاپلىغان زۇلمەت ئىچىدە قالدى، جۇڭگو خەلقى يېغىلىق بېسىقمايدىغان، ھەممە جاينى ۋەيرانچىلىق قاپلىغان، كۈن كەچۈرەلمەس بولۇپ قالغان ئېغىر ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈردى. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا، سانسىزلىغان زەكىي زاتلار ئېگىلمەي – پۈكۈلمەي، ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر بېسىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك كۈرەشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، خىلمۇخىل سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، كونا جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي خاراكتېرىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى يەنىلا ئۆزگەرتەلمىدى.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلۇشى بىلەنلا، كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى تارىخىي بۇرچنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئۈستىگە ئېلىپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىسلىسىز مۇشەققەتلىك كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، يەر – جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ھەيۋەتلىك تارىخىي داستاننى ياراتتى.

  پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقىنى بېسىپ تۇرغان جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شەرت. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت توغرا ئىنقىلاب يولىنى تېپىپ، 28 يىل قانلىق جەڭ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، 1949 – يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرگەن فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە بۇرۇلىدىغان ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىش شەرت. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى ئورۇنداپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ ھەم چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ بارلىق تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشى ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرتنى ھازىرلاپ ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندا ئۈزلۈكسىز زاۋالغا يۈز تۇتۇش تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئىزچىل گۈللىنىش ۋە بېيىپ قۇدرەت تېپىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  پارتىيەمىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا لايىقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىنى باشتىن – ئاخىر جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش شەرت. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابنى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدىغان بارلىق ئىدىيە ۋە تۈزۈلمە توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  96 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئاجىز ۋاقىتتىمۇ، كۈچلۈك ۋاقىتتىمۇ، ئوڭۇشلۇق شارائىتتىمۇ، ئوڭۇشسىز شارائىتتىمۇ پارتىيەمىز ئەسلىي مەقسەتتىن يانماي، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۈرمىڭ جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئوڭۇشسىزلىققا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، خاتالىقنى دادىل تۈزىتىپ، بېسىپ ئۆتۈشكە كۆز يەتمەيدىغان قىيىن ئۆتكەللەردىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ئارقا – ئارقىدىن ياراتتى.

  يولداشلار! بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن يېقىنلاشتۇق، بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز.

  ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ داقا – دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ھازىرلىنىشى شەرت.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش شەرت. جەمئىيەت زىددىيەتلەر ھەرىكىتى داۋامىدا ئىلگىرىلەيدۇ، زىددىيەت بار يەردە كۈرەشمۇ بولىدۇ. پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۈنۈملۈك ھالدا زور خىرىسقا ۋە خەۋپ – خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، زور توسالغۇلارنى تۈگىتىش، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىرمۇنچە يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى شەرت، راھەت – پاراغەتكە بېرىلىدىغان، پاسسىپلىق، ھۇرۇنلۇق قىلىدىغان، زىددىيەتتىن قاچىدىغان ھەرقانداق ئىدىيەمۇ، ھەرقانداق ھەرىكەتمۇ خاتا. پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان، بۇرمىلايدىغان ۋە ئىنكار قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ خەلق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، خەلق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان دەۋر ئېقىمىغا تېخىمۇ ئاڭلىق ئاتلىنىپ، بارلىق جاھىل ئىللەتلەرنى قەتئىي تۈگىتىشى؛ دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدىشى، ۋەتەننى پارچىلايدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قەتئىي قارشى تۇرۇشى؛ تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن ھەر خىل خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردە ۋە تەبىئەتتە كۆرۈلگەن بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى قەتئىي يېڭىشى كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بۇ ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىش شەرت. بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇش پارتىيەمىز ھازىر چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىۋاتقان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىسا، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى مۇقەررەر قۇرۇق خىيالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئاۋانگارتى، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى، باشتىن – ئاخىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزى باشتىن – ئاخىر قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇشى شەرت. پۈتۈن پارتىيە تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى چىڭىتىپ، مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىنى چىرىتىدىغان ۋىرۇسلارنى تولۇق تازىلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىدىيەنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىنى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

  ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيەمىزنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ تېمىسى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۈرمىڭ جاپا – مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان توغرا نەزەرىيە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى زامانىمىزدىكى جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ. پۈتۈن پارتىيە يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ ئاڭلىق كۈچەيتىشى، بېكىنمە ۋە قاتمال كونا يولغىمۇ، بايراق ئۆزگەرتىدىغان قىڭغىر يولغىمۇ ماڭماي، سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى باشتىن – ئاخىر قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ بىر – بىرىگە زىچ باغلىنىدۇ، بىر – بىرىگە سىڭگەن بولىدۇ ۋە بىر – بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش. ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ ئىش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتى چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنى، تۈرلۈك ئىچكى – تاشقى خەۋپ – خەتەر ۋە سىناققا تاقابىل تۇرىدىغان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن – ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچى بولۇشىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن – ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

  يولداشلار! بۇرچ مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇرچ كەلگۈسىگە يېتەكلەيدۇ. بىز خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تارىخىي تاللاشقا مۇناسىپ ئىش كۆرۈشىمىز، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە قەيسەرانە كۈرىشى ئارقىلىق بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى جاسارەت بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر مەقسەتتە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك!

  3. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرى

  18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشمۇ، دۆلىتىمىزدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئالدىمىزغا مۇھىم دەۋر تېمىسىنى قويدى، ئۇ بولسىمۇ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەرگە، جۈملىدىن يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىش ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئوبدان قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئوبدان راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  پارتىيەمىز مۇشۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كومپارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجە قازىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى، ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان ئاساستا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى دەۋردە جەمئىيتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئىكەنلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، پارتىيەنىڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى باش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، بۇ ئىدىيەنى ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

  پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتتە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  (1) پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت – مائارىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەدە، ھەممە تەرەپتە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ سالماقلىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن – ئاخىر ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. خەلق تارىخنى ياراتقۇچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي كۈچ. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە، جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شەرت.

  (3) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگونى سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگونى، سوتسىيالىزمنى، ماركسىزمنى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشلا تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل، ئىلمىي بولغان، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت.

  (4) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى شەرت. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمى ۋە تەقسىمات تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا قىلچە تەۋرەنمەي ئىلھام بېرىپ، مەدەتكار بولۇپ ۋە يول كۆرسىتىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىچە سانائەتلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىدە زامانىۋىلىشىشنىڭ تەڭ قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىش شەرت.

  (5) خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش سوتسىيالىستىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيەسى تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

      (6) دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى ۋە مۇھىم كاپالىتى. پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە – نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ قانۇنچىللىق مەلۇماتى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شەرت.

  (7) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش. مەدەنىيەت ئىشەنچى بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى تېخىمۇ ئاساسلىق، تېخىمۇ مۇستەھكەم، تېخىمۇ ئۇزاق داۋام قىلىدىغان كۈچ. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىنى ئۇنتۇماي، چەت ئەلنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش، خەلقنى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئىگە قىلىش شەرت.

  (8) تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش. خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرۇش تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى. خەلق مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق – ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈش شەرت. ئەمىن جۇڭگو قۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  (9) ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك چوڭ تەدبىر. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاتلاشقان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، يەرشارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش شەرت.

  (10) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ – خەتەرنى ئويلاش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بىر پىرىنسىپى. دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى تۈپ ئاساس قىلىپ، تاشقى خەۋپسىزلىك بىلەن ئىچكى خەۋپسىزلىكنى، زېمىن خەۋپسىزلىكى بىلەن پۇقرالار خەۋپسىزلىكىنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكى بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش شەرت.

  (11) پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا دائىر بىر قاتار تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي بويىچە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇشنى كۆزلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىشقا، سىستېما قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشقا، تۈجۈپىلىك – ئۈنۈملۈك ئىش كۆرۈشكە، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرىكتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.

  (12) ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››نى يولغا قويۇشتا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم››نى يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا، ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىش شەرت.

  (13) ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىنچ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۇقىم خەلقئارا تەرتىپتىن ئايرىلالمايدۇ. ئىچكى ئومۇمىيەت بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىناق ئۆتۈش ئاساسىدا پەرقنى ساقلايدىغان، كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، دۇنيا تەرتىپىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش شەرت.

  (14) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئۆزى ئۈستىدە دادىللىق بىلەن ئىنقىلاب قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى. پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە ئارقىلىق قۇرۇش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ‹‹ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار››نى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››تا، دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، بارلىق ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلىكنى قىلچە يۈز – خاتىر قىلماي جازالاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاش شەرت.

  يۇقىرىقى 14 نۇقتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ھاسىل قىلغان. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى شەرت.

  ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگودىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز نەزەرىيەدە دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىپ، قانۇنىيەتنى ئۈزلۈكسىز تونۇپ يېتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنىڭدەك باشقا تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز شەرت.

  يولداشلار! دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. بىز دەۋرنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا ماھىر بولۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا، خاتالىقنى تۈزىتىشكە جۈرئەت قىلساقلا، 21 – ئەسىردە جۇڭگو ماركسىزمى جەزمەن تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىدۇ!

  4. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش لازىم

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، پارتىيەمىز دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچ قەدەملىك›› ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلقنىڭ كىيىش – تويۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىككى نىشان مۇددەتتىن ئىلگىرى ئىشقا ئاشتى. مۇشۇ ئاساستا، پارتىيەمىز پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، ئىقتىساد تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان، دېموكراتىيە تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن، پەن – مائارىپ تېخىمۇ يۈكسەلگەن، مەدەنىيەت تېخىمۇ گۈللەنگەن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناق بولغان، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشاتلاشقان ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئاندىن يەنە 30 يىل كۈرەش قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھازىردىن 2020 – يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى. پارتىيەنىڭ 16 –، 17 –، 18 – قۇرۇلتايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى تەلەپلەر بويىچە، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە – خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ چوڭ خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن 20 – قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلغاندا، 2020 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  2020 – يىلىدىن 2035 – يىلىغىچە بولغان بىرىنچى باسقۇچتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن – تېخنىكا كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ؛ خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشاتلىشىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شەھەر – يېزىلارنىڭ ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيە پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ؛ زامانىۋى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ.2035 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئىككىنچى باسقۇچتا، زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق دۆلىتىمىز باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىز ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى جەھەتتە باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تېخىمۇ مەردانە قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ. يولداشلار! ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئاندىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇ ئاساستا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىز ئىگىلمەس – سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ئاچايلى!

   5. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

  ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، قەتئىي تەۋرەنمەي تەرەققىياتنى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش شەرت.

  دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كۈچىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ؛ زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۆتكەلدىن ھالقىشنىڭ جىددىي تەلىپى ۋە دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تولۇق ئامىل ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىساد، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، زامانىۋى پۇل مۇئامىلىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىقلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان كەسىپ سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تېز بەرپا قىلىپ، بازار مېخانىزمى ئۈنۈملۈك، مىكرو سۇبيېكت جانلىق، ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەش چەكلىك بولغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش شەرت.

  (1) تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەش يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سۈپەت ئەۋزەللىكىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش لازىم. ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى، بۈيۈك مەلۇمات، سۈنئىي ئاقىل بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوتتۇرا ھال – يۇقىرى ئىستېمال، ئىجادىيەت يېتەكلىمىسى، يېشىل – تۆۋەن كاربون، ھەمبەھرىلىك ئىقتىساد، زامانىۋى تەمىنات زەنجىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش، يېڭى قۇۋۋەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ ياخشىلىنىپ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مەدەت بېرىپ، زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا ئۆلچەمنى نىشانلاپ سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش لازىم. دۆلىتىمىزدىكى كەسىپلەرنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا ھال ۋە يۇقىرى دەرىجىسىگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى توپىدىن بىرنەچچىنى بەرپا قىلىش كېرەك. سۇچىلىق، تۆمۈريول، تاشيول، سۇ تىرانسپورتى، ئاۋىياتسىيە، تۇرۇبا، ئېلېكتىر تورى، ئۇچۇر، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە تورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، ئامبار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، پىشاڭنى تۈگىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ساقلانما بايلىق تەقسىماتىنى ياخشىلاپ، سۈپەتلىك كۆپەيمە تەمىناتنى ئاشۇرۇپ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ھەرىكەتچان تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىچى روھىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە قوغداپ، تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش – ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلىنىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. بىلىملىك، ماھارەتلىك، ئىجادچان ئەمگەكچىلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ، نەمۇنىچىلىك روھى ۋە ھۈنەرۋەنلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمگەكنى شەرەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشكە ئىنتىلىدىغان كەسپىي ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  (2) ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. دۇنيا پەن – تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كۆزلەنمە ئۇل تەتقىقاتتا، باشلامچى ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش لازىم. ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ زور پەن – تېخنىكا تۈرلىرىنى كەڭ يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى يېتەكچى تېخنىكا، زامانىۋى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ۋە تېخنىكىدا ئاغدۇرۇش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن – تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو ۋە ئاقىل جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا كۈچىنى زورايتىش لازىم. پەن – تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا سۇبيېكت، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ يارىتىلىشى، قوغدىلىشى، تەتبىقلىنىشىنى كۈچەيتىش لازىم. خەلقئارا سەۋىيەگە ئىگە زور بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، پەن – تېخنىكا باشلامچىلىرى، ياش پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  (3) يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا تاقىلىدىغان تۈپ مەسىلە، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ئوبدان ھەل قىلىشنى باشتىن – ئاخىر پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش شەرت، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باب كېلىدىغان بولۇش، يېزا كەيپىياتى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپىگە ئاساسەن، شەھەر – يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش لازىم. يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆددە يەرنىڭ ‹‹ئۈچ ھوقۇق››ىنى ئايرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، ئىككىنچى نۆۋەتلىك ھۆددە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش لازىم. يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش لازىم. دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئىگىلىكى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. يېزىلاردىكى 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەتكار بولۇپ ۋە ئىلھام بېرىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا – كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاپتونومىيە، قانۇنچىللىق، ئەخلاقچىللىق بىرلەشتۈرۈلگەن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا خىزمىتىدە يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزا ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان خىزمەت قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم.

  (4) رايونلار تەڭكەش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىشتا يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىنى كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېزلىتىپ، ئوتتۇرا رايونلارنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي رايوننىڭ ئالدىن سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەرلەر توپىنى ئاساس قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر بىلەن كىچىك شەھەر – بازارلار تەڭكەش تەرەققىي قىلىدىغان شەھەر – بازار ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، بېيجىڭ – تيەنجىن – خېبېي ماسلاشما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى پەللىدىن پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى تەڭ تۇتۇشنى، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقنى يۆنىلىش قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادنى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش لازىم. چېگرا رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، چېگرا رايونلارنىڭ مۇستەھكەملىكى ۋە چېگرا بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دېڭىز – ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش لازىم.

  (5) سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشىنى تېزلىتىش. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ئۈنۈملۈك قوزغىتىلىدىغان، ئامىللار ئەركىن يۆتكىلىدىغان، باھا ئىنكاسى جانلىق، رىقابەت ئادىل – تەرتىپلىك بولىدىغان، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ ناچارلىرى شاللىنىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر خىل دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىگە ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەت مۈلكى قىممىتىنىڭ ساقلىنىشى ۋە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ كۈچىيىشى، زورىيىشى ۋە ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت مۈلكىنىڭ قولدىن كېتىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنياۋى رىقابەت كۈچىگە ئىگە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى قۇرۇپ چىقىش لازىم. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بىرلىككە كەلگەن بازار ۋە ئادىل رىقابەتكە توسالغۇ بولىدىغان ھەر خىل بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇلنى ئېنىقلاپ ۋە بىكار قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي مونوپولنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار مونوپولىدىن ساقلىنىپ، ئامىل باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەتچىلىك ئىجازىتى چەكلىمىسىنى بوشىتىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ماكرولۇق تەڭشەش – تىزگىنلەشنى يېڭىلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە، پۇل، كەسىپ، رايون قاتارلىقلارغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سېلىنمىنىڭ تەمىنات قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش لازىم. زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، مەركەز بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشقان، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭلاشقان مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئۆلچىمى ئىلمىي، چەكلىمىسى كۈچلۈك بولغان خامچوت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۈنۈم باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش لازىم. باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك باج سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. پۇل سىياسىتى ۋە ماكرولۇق ئېھتىيات سىياسىتىدىن ئىبارەت قوش تۈۋرۈكلۈك تەڭشەش – تىزگىنلەش رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پېرېۋوت نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش لازىم. (6) ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش. ئېچىۋېتىش ئالغا باستۇرىدۇ، بېكىنىۋېلىش ئارقىدا قالدۇرىدۇ. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن ئىشىكنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىدۇكى، ھەرگىز تاقىۋالمايدۇ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كىرگۈزۈش بىلەن چىقىرىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئېچىۋېتىش – ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولىدىغان، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تاشقى سودىنى كېڭەيتىپ، يېڭىچە سودا ھالىتى ۋە ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ، سودا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم. يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، بازار ئىجازىتىنى كەڭ قويۇپ بېرىپ، مۇلازىمەتچىلىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق مەبلەغ سېلىش ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىش لازىم. رايونلارنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشىلاپ، غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش لازىم. ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىغا ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ چوڭراق بېرىپ، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن سودا، مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى تېز يېتىلدۈرۈش لازىم.

  يولداشلار! ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. بىز پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك!

  6. خەلق خوجايىن بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش لازىم

  دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى – دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، دۆلىتىمىزدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ئەمەلىي، ئەڭ ياراملىق دېموكراتىيە. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە يەكۈنلىگەن تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى ۋە ئەمەلىيەت لوگىكىسىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ، پارتىيەنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. دۇنيادا پۈتۈنلەي ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسى يوق، سىياسىي تۈزۈمگە مۇئەييەن ئىجتىمائىي، سىياسىي شارائىت ۋە تارىخ – مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن چەتنەپ ئابستراكت باھا بېرىشكە بولمايدۇ، ھەممىنى بىر قېلىپقا سېلىشقا، چەت ئەلنىڭ سىياسىي تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىشكە بولمايدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئاكتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى ۋە تەرتىپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ھەر خىل يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جانلىق – تېتىك، تىنچ – ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم.

  (1) پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكى خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلق خوجايىن بولۇش سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي ئۇسۇل، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن. دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدا پارتىيە رەھبىرىي ئورۇندا تۇرىدۇ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە فۇنكسىيە يۈرگۈزۈشى، خىزمەتنى قانات يايدۇرۇشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاش كېرەك، بۇ ئىككى تەرەپ بىرلىككە كەلگەن. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئۇسۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم؛ خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلامغا، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك؛ دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداپ، ئىنسانىي ھوقۇققا قارىتىلغان قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ كەڭ ھوقۇق – مەنپەئەت ۋە ئەركىنلىكتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەدبىرنىڭ بەلگىلىنىشى ئىلمىي، ئىجرا قىلىنىشى قەتئىي، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان ھوقۇق يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دېموكراتىيە ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولۇشى كېرەك.

  (2) خەلق خوجايىن بولۇشنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، بۇ تۈزۈمنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. خەلقنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمى ۋە خىزمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار قىلىش ھوقۇقى ۋە تەيىنلەش – قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىگە مەدەت بېرىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن ئومۇميۈزلۈك چىقىدىغان خىزمەت ئورگىنىغا، خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلايدىغان ۋاكالەت ئورگىنىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە مەخسۇس كومىتېتلىرى تەركىبىدىكى خادىملارنىڭ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش لازىم.

  (3) سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش. بامەسلىھەت ئىش قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئىشىنى كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىش خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ چىن مەنىسى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى، دۆلىتىمىزدىكى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ خاس شەكلى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كېڭىيىش، كۆپ قاتلاملىشىش ۋە تۈزۈملىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئارا كېڭىشىش، خەلق قۇرۇلتىيىدا كېڭىشىش، ھۆكۈمەتتە كېڭىشىش، سىياسىي كېڭەشتە، خەلق تەشكىلاتلىرىدا، ئاساسىي قاتلامدا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا كېڭىشىشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپى ۋە قاتنىشىش ئەمەلىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك سىياسىي تۇرمۇشتا كەڭ، سىجىل ۋە چوڭقۇر قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە دىققەت – ئېتىبارنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىگە مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېمىنى چۆرىدەپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مەزمۇنى ۋە شەكلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى ئاشۇرۇشقا ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زور سىياسەت – فاڭجېنلىرى ۋە مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىزچىللىشىشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىش لازىم. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇپ، ئەزالار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  (4) دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭقۇر ئىنقىلاب. قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ ئىلمىي ئاساستا چىقىرىلىشى، قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى، ئادىل يۈرگۈزۈلۈشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت. مەركىزىي كومىتېتنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش لازىم. قانۇننىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك ئاساستا قانۇن بويىچە چىقىرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى قانۇن ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇپ، مەمۇرىيەتنىڭ قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى قاتتىق، قېلىپلىق، ئادىل ۋە مەدەنىي ئىجرا قىلىش لازىم. ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى ئەلا بىلىش، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتىن ئىبارەت قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىشى، قانۇننى ئۆگىنىشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشى ۋە قانۇننى تەتبىقلىشى كېرەك؛ ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭمۇ، شەخسنىڭمۇ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سۆزنى قانۇننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، مەنپەئەتنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  (5) ئاپپارات ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. تۈرلۈك ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى بىر تۇتاش ئويلىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئىچكى ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلمىي ئاساستا تەسىس قىلىش، مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تۈرلۈك ئىشتات بايلىقىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىپ، ئىلمىي – مۇۋاپىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىجرا كۈچىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنى رازى قىلىدىغان مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپ بېرىش كېرەك. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەردىكى فۇنكسىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسىس قىلىش ياكى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جامائەتچىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ، كەسپىي ئورۇنلار بىلەن كارخانىلارنىڭ، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنىڭ ئايرىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش لازىم.

  (6) ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. بىرلىك سەپ پارتىيە ئىشلىرىنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت. ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە سوتسىيالىزم بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق ۋە بۈيۈك بىرلىك تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، بىردەكلىك بىلەن كۆپ خىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچى ساننى تېپىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ھاسىل قىلىش كېرەك. ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر – بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق ۋە بار – يوقنى تەڭ كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا خاس ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەگە قويۇلىدىغان تەلەپ بويىچە فۇنكسىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاش لازىم. پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى – تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش لازىم. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئىجتىمائىي تەبىقىدىكى زاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېقىنلىق – پاكلىق ئاساسىدىكى يېڭىچە ھۆكۈمەت – سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. چەت ئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلار، ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار ۋە چياۋمىن ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن كەڭ ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئالاقىلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش كېرەك.

  يولداشلار! جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى. بىز دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جۇڭگو پاراسىتى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشتا تولۇق ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگىمىز!

  7. مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مەدەنىيەت دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ جېنى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش لازىم. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدا بارلىققا كەلگەن جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا يارىتىلغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشتا، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ رېئاللىقىنى ئاساس قىلىپ، بۈگۈنكى دەۋر شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن مىللىي، ئىلمىي، ئاممىۋى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بىلەن ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلىنىشتا، ئىجادىي تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش لازىم.

  (1) ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش. ئىدېئولوگىيە مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ۋە راۋاجلىنىش يولىنى بەلگىلەيدۇ. ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشى، دەۋرلىشىشى، ئاممىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچلۈك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى غايە – ئېتىقاد، قىممەت ئىدىيەسى، ئەخلاق قارىشى جەھەتلەردە زىچ ئۇيۇشتۇرۇش شەرت. نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم. ماركسىزم نەزەرىيەسىگە دائىر تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېز بەرپا قىلىش، جۇڭگوچە يېڭى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تاراتقۇ ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىغا ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاخبارات – جامائەت پىكرىنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساپ تور مۇھىتى يارىتىش لازىم. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازا قۇرۇلۇشى ۋە بازا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي پىرىنسىپال مەسىلىلەرنى، ئىدىيەۋى تونۇش مەسىلىلىرىنى، ئىلىم نۇقتىئىنەزەرى مەسىلىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىپ، ھەر خىل خاتا قاراشلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن قارشى تۇرۇش ۋە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  (2) سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى زامانىمىزدىكى جۇڭگو روھىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ئۇنىڭدا پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق قىممەت ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىغان يېڭى دەۋر كىشىلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلەش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق يېتىلدۈرۈش، تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ خەلقنى تەربىيەلەش، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىجاد قىلىش، ئىشلەش، تارقىتىشتىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مېھىرلىك تونۇشى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش لازىم. پۈتكۈل خەلق ھەرىكەتكە كېلىش، كادىرلار باشلامچى بولۇش، ئىشنى ئائىلىدىن باشلاش، بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيە – قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق مىزانىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇنى دەۋر تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرۇش ۋە يېڭىلاش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەبەدىي جەلپكارلىقى ۋە دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلىش لازىم.

  (3) ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. خەلق ئېتىقادلىق بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى توغرىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيەنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىپچىلىق، سوتسىيالىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنى توغرا تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، دۆلەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تىكلەشكە يېتەكلەش لازىم. پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاق، كەسىپ ئەخلاقى، ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى، شەخسىي پەزىلەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كىشىلەرنى ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىشكە، چوڭلارغا ۋاپادار – تۇغقانلىرىغا مېھرىبان بولۇشقا، ۋەتەنگە ۋە خەلققە سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم. ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆرپ – ئادەتنى ئۆزگەرتىپ، دەۋر يېڭى كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چىرىك، قالاق مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشىنى توسۇش كېرەك. سەمىمىيەت قۇرۇلۇشى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ئېڭى، قائىدە ئېڭى، تۆھپىكارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىش لازىم.

  (4) سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىش داۋامىدا دەۋرگە مۇناسىپ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىش شەرت. ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، بەدىئىيلىكى يۈكسەك، ئىشلىنىشى نەپىس بولۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رېئال تېمىدا ئىجادىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، خەلقنى، قەھرىمانلارنى مەدھىيەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك. ئىلىم دېموكراتىيەسى ۋە سەنئەت دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش لازىم. سۈپەت، ئۇسلۇبقا، مەسئۇلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، تېتىقسىزلىق، رەزىللىك، چاكىنىلىقنى توسۇش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەخلاقتىمۇ، سەنئەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن زور بىر تۈركۈم مەشھۇر ئەرباب – ئۇستازلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىر تۈركۈم ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش لازىم.

  (5) مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش يېڭى ئىستىكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى مول مەنىۋى ئوزۇققا ئىگە قىلىش شەرت. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن تۈزۈلمە – مېخانىزمنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيىتىنى موللاشتۇرۇش لازىم. مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ كەسىپ سىستېمىسى ۋە بازار سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئوبدان تەييارلىق كۆرۈش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ئۆزىمىزنىڭكىنى ئاساس قىلىش، باشقىلارنىڭكىنىمۇ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىش لازىم. خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ئوبدان سۆزلەپ، جۇڭگونى ئەمەلىي، ئىستېرېئولۇق، ئەتراپلىق نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇش لازىم.

  يولداشلار! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپلا، ھەم جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئاكتىپ يېتەكلىگۈچى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، ھەم جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى سادىقلىق بىلەن داۋاملاشتۇرغۇچى ۋە جارى قىلدۇرغۇچى بولۇپ كەلدى. زامانىمىزدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە جۇڭگو خەلقى ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، چوقۇم يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك ۋە ئالالايدۇ!

  8. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىدارە قىلىنىشىنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش لازىم

  پۈتۈن پارتىيە كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسىنىڭ پارتىيە ۋە ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناق تاش ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىشى شەرت. خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش پارتىيەمىز باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن كۈرەش نىشانى. خەلق مەنپەئىتىنى باشتىن – ئاخىر ھەممىدىن ئەلا ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتكۈل خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەش شەرت.

  خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم. ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، ھەممەيلەن بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكلەپ، جامائەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوبدان ئىجتىمائىي تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  (1) مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى ئۇللۇق قۇرۇلۇش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ئوبدان يولغا قويۇش شەرت. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەتراپلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساپا مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. شەھەر – يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلىش لازىم. كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردىكى داشۆ ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر – يېزىلاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش، ئالىي مائارىپتا ئوقۇيدىغانلارنى تېخىمۇ كۆپەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوللاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش لازىم. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىلدۈرۈش، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. داۋاملاشما مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئۆگىنىشچان جەمئىيەتنى تېز بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ساپاسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش لازىم.

  (2) ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خەلقنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىدە ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قۇرۇلمىلىق زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ھەر تەرەپلىمە مۇلازىمەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلار توپىنىڭ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي يۆتكىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ھەممەيلەنگە تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي تاپقۇزۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش لازىم. ھۆكۈمەت، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كارخانا ئورتاق قاتنىشىدىغان كېڭىشىش – ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش لازىم. ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئامىلغا قاراپ تەقسىم قىلىش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتىنىڭ تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تىرىشىپ ئىشلەش، قانۇنغا رىئايە قىلىش يولى بىلەن بېيىشقا ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى كۆپەيتىش، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، زىيادە يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش، قانۇنسىز كىرىمنى چەكلەش لازىم. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاھالىنىڭ كىرىمىنى تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمگەك ھەققىنى تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاھالىنىڭ ئەمگەك كىرىمى ۋە مال – مۈلۈك كىرىمى يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ قايتا تەقسىملەش – تەڭشەش فۇنكسىيەسىنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىكىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كىرىم تەقسىمات پەرقىنى كىچىكلىتىش لازىم. (3) ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تورنى پۇختىلاش، مېخانىزم بەرپا قىلىش تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر – يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ھوقۇق – مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، كاپالىتى مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىپ چىقىش كېرەك. ئومۇمىي خەلقنى سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇش پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملىنىشىنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شەھەر – يېزا ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش، ئاياللار – بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، خەيرىيەت ئىشلىرى، نەپىقە بېرىش – ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردا ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي تۇرالغۇ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ سۇبيېكت تەمىنلەيدىغان، كۆپ يول بىلەن كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىش تەڭ يولغا قويۇلىدىغان تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئولتۇرىدىغان ئۆيگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (4) نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش. نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلايدىغان، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، شەھەر – ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى باشلىقى باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى نۇقتىلىق ئورۇنداپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇش لازىم.

  (5) ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش. خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ھەر تەرەپلىمە، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك. تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئاساسىي داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تۈزۈمى، داۋالىنىش كاپالەت تۈزۈمى ۋە سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىش، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ۋە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. دوختۇرخانىنى دورا ئارقىلىق بېقىشنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىپ، دورا تەمىنات كاپالىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېغىر كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش لازىم. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەلقنى يېمەكلىكتىن خاتىرجەم قىلىش كېرەك. جۇڭگو تېبابەتچىلىكى بىلەن غەرب تېبابەتچىلىكىگە تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىشىنى قوللاش، ساغلاملىق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تۇغۇت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي سىياسەتلەرنىڭ ياندىشىشى – جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش لازىم. ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق قىلىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنىڭ بىرلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك.

  (6) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئەندىزىسىنى يارىتىش. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولىدىغان، جەمئىيەت ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان، قانۇنچىللىق كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئاقىللىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئىجتىمائىي زىددىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى پەسەيتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئىچىدىكى زىددىيەتنى توغرا ھەل قىلىش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ھاياتنى ئەلا بىلىش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ‹‹سېرىق، قىمار، زەھەر››، مۇشتۇمزورلۇق، ئالداپ كېتىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى جازالاپ، خەلقنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى، مۈلۈك ھوقۇقى، ئادەملىك ھوقۇقىنى قوغداش لازىم. ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، غۇرۇرىنى ساقلايدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، مۇلايىم ئىش قىلىدىغان، ئاكتىپ ئالغا ئىنتىلىدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەھەللىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەڭشەش، ئاھالىلەر ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشنىڭ بىر – بىرىگە ئوبدان تۈرتكە بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

  (7) دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش، تۈرلۈك بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  يولداشلار! پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمىتىدە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئالىي ئۆلچەم قىلىش شەرت. بىز خەلق ئاممىسىنىڭ ئادەتتىكى ئىشلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان ئىشلاردىن تۇتۇش قىلىپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك.

  9. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم

  ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق بىرلەشمىسى، ئىنسانلار تەبىئەتنى ھۆرمەتلىشى، تەبىئەتكە ماسلىشىشى، تەبىئەتنى قوغدىشى شەرت. ئىنسانلار تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلغاندىلا، تەبىئەتنى ئېچىپ پايدىلىنىشتا ئەگرى يولغا كىرىپ قېلىشتىن ئۈنۈملۈك ساقلىنالايدۇ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە زىيان سالغانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىگە زىيان سالغانلىقىدۇر، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان قانۇنىيەت ئەنە شۇ.

  بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم خەلقنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ، سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن قاندۇرۇش لازىم. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ماسلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرت.

  (1) يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئىستېمالغا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى تېز بەرپا قىلىش، يېشىل – تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىياتنىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت ئاسراش كەسىپلەرنى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زورايتىش لازىم. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ۋە ماددىي سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بىلەن تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ ئايلانما جىپسىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئاددىي – مۇۋاپىق، يېشىل – تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش، ھەشەمەتچىلىك – ئىسراپچىلىققا ۋە نامۇۋاپىق ئىستېمالغا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادچىل ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش ۋە يېشىل سەپەر قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. (2) گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش. ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش لازىم. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋادى مۇھىتى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئوڭشاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. قاتتىق تاشلاندۇق ۋە ئەخلەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، بۇلغىما چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىناۋىتىنى باھالاش، ئۇچۇرنى مەجبۇرىي ئاشكارىلاش، قاتتىق جازالاش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئامما ئورتاق قاتنىشىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەرشارى مۇھىتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  (3) ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە كارىدورى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش سىزىقى، شەھەر – بازارنى ئېچىش پاسىل سىزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ كونترول سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي ئورماننى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش – شۈدىگەرلەش سىنىقىنى كېڭەيتىپ، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆللەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئىمكانىيىتى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  (4) ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇم ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، بارلىق زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش – ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، شەھەر – يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش لازىم. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش – قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسى گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت جاي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇش ۋە جازاغا تارتىش لازىم.يولداشلار! ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ھازىر ئەجىر قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىش. بىز سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئۆز تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك!

   10. ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىك مۇھىتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دەۋر تەلىپى ئالدىدا، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم قۇرۇپ، كۈچلۈك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋر بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بولۇش شەرت.

  دۇنيا يېڭى ھەربىي ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا ماشىنىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارنى كۆپرەك ئۆستۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ھەربىي نەزەرىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ئارمىيە تەشكىلىي شەكلىنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ھەربىي خادىملارنىڭ زامانىۋىلىشىشى، قورال – جابدۇقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، 2035 – يىلىغا بارغاندا دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنياۋى قالتىس ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم.ئارمىيەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ‹‹قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىش›› تېمىسىدىكى تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىيلەر شان – شەرەپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرگە خاس روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك ۋە ئەخلاقلىق ئىنقىلابىي ھەربىيلەرنى يېتىلدۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاش كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېرلارنى كەسپىيلەشتۈرۈش تۈزۈمى، مۈلكىي خادىملار تۈزۈمى قاتارلىق زور سىياسەت – تۈزۈم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەربىي باشقۇرۇش ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھەربىي تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش لازىم. پەن – تېخنىكا يادرولۇق جەڭگىۋار كۈچ دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، زور تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجادچان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئارمىيە ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بارلىق خىزمەتتە جەڭگىۋارلىق ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇرۇش قىلالايدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغان بولۇشنى نىشانلاش شەرت. ھەرقايسى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشتىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىپ، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ساھەسى ۋە يېڭى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە كاپالەت كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش بويىچە ھەربىي مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، ھەربىي كۈچنىڭ ئىشقا سېلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىي ئىشلارنىڭ ئاقىللىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، تور ئۇچۇر سىستېمىسىغا تايىنىپ بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، پۈتۈن دائىرىلىك ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ھالەت شەكىللەندۈرۈش، خەۋپنى باشقۇرۇش – تىزگىنلەش، ئۇرۇشنى توسۇش، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش كېرەك.

  دۆلەتنى بېيىتىش بىلەن ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئەڭ يۇقىرى پەللىدىن لايىھەلەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە چوڭ تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېزلىتىپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى بەرپا قىلىش لازىم. دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك، مۇقىم، زامانىۋى چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسى بەرپا قىلىش كېرەك. ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى باشقۇرۇش – كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش لازىم. قوراللىق ساقچى قىسىم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قوراللىق ساقچى قىسىم قۇرۇش كېرەك.

  يولداشلار! بىزنىڭ ئارمىيەمىز خەلقنىڭ ئارمىيەسى، بىزنىڭ دۆلەت مۇداپىئەمىز ئومۇمىي خەلقنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى. بىز ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئارزۇسى ۋە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىشىمىز لازىم.

  11. ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› ئەمەلىيىتىدە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇۋەپپەقىيەت قولغا كەلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم›› تارىختىن قېپقالغان شياڭگاڭ، ئاۋمېن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى، شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى تۈزۈمى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››، يۈكسەك ئاپتونومىيەنى يولغا قويۇش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇش، تەلەپچانلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش شەرت. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە باش مەمۇرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەر ساھە زاتلىرىنى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ تەرەققىياتنى كۆزلەش، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، دېموكراتىيەنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاش كېرەك.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتى ئىچكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە سىڭىشىنى قوللاپ، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، گۇاڭدۇڭ – شياڭگاڭ – ئاۋمېن ھەمكارلىقى، پان جۇجياڭ دېلتىسى رايون ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكى رايونلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىنىڭ ئىچكى رايونلاردا راۋاج تېپىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدىغان سىياسەت – تەدبىرلەرنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

  بىز ۋەتەنپەرۋەرلەر گەۋدە قىلىنغان ‹‹شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش››، ‹‹ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش››تا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان، ئاۋمېننى سۆيىدىغان كۈچلەرنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ دۆلەت ئېڭى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنى ۋەتەن خەلقى بىلەن بىرلىكتە مىللەتنى گۈللەندۈرىدىغان تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە تەڭ ئالىدىغان، ۋەتەن گۈللىنىپ قۇدرەت تاپقان ئۇلۇغ شان – شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.

  تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى. ‹‹تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈمنى يولغا قويۇش›› فاڭجېنىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننىڭ تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كېلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش شەرت.بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى›› ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ خاراكتېرىنى ئېنىق بەلگىلىگەن بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاچقۇچى. ‹‹92 – يىل ئورتاق تونۇشى››دىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ بىر جۇڭگوغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تونۇغاندا، ئىككى قىرغاقتىكىلەر سۆھبەتلىشەلەيدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كېڭىشىپ ھەل قىلغىلى بولىدۇ، تەيۋەندىكى ھەرقانداق پارتىيە ۋە تەشكىلات چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن ئالاقىلەشكەندە توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.

  ئىككى قىرغاقتىكىلەر تەقدىرداش جان – جىگەر قېرىنداشلار، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بىر ئائىلە كىشىلىرى. بىز ‹‹ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئالدىن بەھرىمەن قىلىشنى خالايمىز. بىز ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقە – ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆگىنىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىگە پەيدىنپەي ئىگە قىلىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئاشۇرىمىز. بىز ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆڭلىنى يېقىنلاشتۇرىمىز.

  بىز دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايمىز، دۆلەت پارچىلىنىدىغان تارىخىي پاجىئەنىڭ تەكرارلىنىشىغا مۇتلەق يول قويمايمىز. دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەر مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بىزدە ھەرقانداق شەكىلدىكى ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى›› بۆلگۈنچىلىك سۇيىقەستىنى مەغلۇپ قىلىدىغان قەتئىي ئىرادە، تولۇق ئىشەنچ ۋە يېتەرلىك ئىقتىدار بار. بىز ھەرقانداق شەخس، ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق پارتىيەنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق شەكىلدە جۇڭگو زېمىنىنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى جۇڭگودىن ئايرىۋېتىشىگە مۇتلەق يول قويمايمىز!يولداشلار! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى تارىخنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مىللىي ئادالەتنى تەڭ ياقلىسىلا، مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇپ تۇرالايدۇ، چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتالايدۇ!

  12. تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان پارتىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى.

  جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتدارلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى قەتئىي راۋاجلاندۇرۇپ، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات ھېلىھەم دەۋر تېمىسى. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى چوڭقۇر راۋاجلىنىۋاتىدۇ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۆزگىرىشى تېز ئالغا سىلجىۋاتىدۇ، دۆلەتلەر ئۆزئارا ئالاقە قىلىش ۋە تايىنىش كۈندىن – كۈنگە چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسى تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىۋاتىدۇ، تىنچ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى كۈچ يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، باي – نامراتلىقنىڭ بۆلۈنۈشى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇۋاتىدۇ، تېررورچىلىق، تور بىخەتەرلىكى، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ئۇدا يامراپ كېتىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت بىرمۇنچە ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئۈمىدكە تولغان، خىرىسقىمۇ تولغان دۇنيا. بىز رېئاللىق مۇرەككەپ دەپ ئارزۇيىمىزدىن كەچسەك، ئارزۇ يىراق دەپ ئىزدىنىشتىن كەچسەك بولمايدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بېكىنمىچىلىك ھالىتىگە قايتالمايدۇ.

  بىز ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىر – بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا كېڭىشىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە زوراۋانلىق سىياسىيدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنىڭ قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك. تالاش – تارتىشنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش، ئىختىلاپنى كېڭىشىپ پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم. جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىكتە ئالاقە قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش لازىم. مۇھىت سۆيەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ماكانى بولغان يەرشارىنى ياخشى قوغداش كېرەك. جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي تاپىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق – مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ئىشنىمۇ ھەرگىز قىلمايدۇ، ھەرقانداق ئادەم جۇڭگو ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىدۇ، دەپ خام خىيال قىلمىسۇن. جۇڭگو مۇداپىئەلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ. جۇڭگو ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

  جۇڭگو دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋاجلاندۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى زورايتىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ راۋاجلىنىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىدۇ، دوستانە، سەمىمىي، مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىغا بىنائەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن دوستلۇق – سەمىمىيلىك ئىدىيەسىنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. ھەرقايسى دۆلەت پارتىيەلىرى ۋە سىياسىي تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە – ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش، ئارمىيە، جايلار، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى ئالاقىسىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت، ئەسلىھە، سودا، مەبلەغ ۋە ئەلرايىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى كۈچ قوشىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇب – شىمال تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىشتىكى ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ چوڭ – كىچىك، كۈچلۈك – ئاجىز، باي – نامرات بولۇشىغا قارىماي، بابباراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجابىي رول ئوينىشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى چوڭايتىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشىدۇ.

  يولداشلار! دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تاللىغان يولغا باغلىق. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ!

  13. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات يارىتىشى، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىشى لازىم. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇشى شەرت.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پارتىيەنىڭ، ھاكىمىيەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى ئەلرايىنىڭ مايىل بولۇش – بولماسلىقىغا باغلىق. خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىدىن نەپرەتلەنسە، بىز قەتئىيلىك بىلەن شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز ۋە شۇنى تۈزىتىشىمىز كېرەك. پۈتۈن پارتىيە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق – چىرىكلىك خەۋپىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە – ئېتىقاد – ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشنى ئۇل، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن – ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران – چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

  (1) پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش. سىياسىيغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە بولۇشىنىڭ تۈپ تەلىپى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىرقانچە مىزاننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرلىكى، پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىرىتىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش لازىم. دېموكراتىيە – مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. سادىق – سەمىمىي، ئادىل – دۇرۇس بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پاك – دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىك ۋە ياخشىچاقلىقنىڭ، مەزھەپچىلىك، مۇناسىۋەت مەدەنىيىتى، گۇرۇھۋازلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا ۋە ئىككى يۈزلىمىچى بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېڭى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك. (2) پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش.

  ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى. ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ شەكسىز ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش لازىم. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش›› ئۆگىنىش – تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە – باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇش›› تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، مېڭىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي تېخىمۇ ئاڭلىق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  (3) كەسىپلەشكەن ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش. پارتىيەنىڭ كادىرلىرى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر يەر – ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا، كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل – دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ›› ۋە ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئىشقا قويۇش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە مۇنەۋۋەر، قابىل كادىرلارنى سەپلەش كېرەك. كەسپىي ئىقتىدار ۋە كەسپىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ ۋە تەييارلاپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە قىيىنچىلىق ئېغىر، جاپالىق جايلاردا تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئارقا – ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش – ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئوبدان ئىشلەش لازىم. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئوبدان ئىشلەش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش – باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەت مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش – تۈزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، پۇختا ئىشلەيدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايدىغان كادىرلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن مەدەتكار بولۇش لازىم. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىشى كېرەك.

  ئىختىساسلىقلار مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بايلىق. ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى تېز قۇرۇش لازىم. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيەت، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان جاسارەت، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرىدىغان سەۋر – تاقەت، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان ياخشى چارە بىلەن پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، ھەر تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ چەت – ياقا، نامرات رايونلار، چېگرا رايونلار، مىللىي رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇپ چىقالايدىغان، ھەممە ئادەم ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، ھەر خىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس – بەستە ئۇرغۇتۇش، ئەقىل – پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. (4) ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. تەشكىلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي فۇنكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى – ئورنى، كوچا، مەھەللە، ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتارلىقلاردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات – تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش لازىم. پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئوبدان ئۈستىگە ئېلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ئاۋانگارتلىق – نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىشى كېرەك. ‹‹ئۈچ يىغىن، بىر دەرس›› تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە پائالىيەت ئۇسۇلىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، چەتلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم. پارتىيەنىڭ ئىچكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا قاتنىشىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى، ياش دېھقانلار، ئالىي مەلۇماتلىقلار ئارىسىدىن ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. پارتىيە ئىچىدە رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش – باشقۇرۇشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىغا تەشكىلىي چارە كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش لازىم.

  (5) ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش. پارتىيەمىز خەلقتىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالسىلا، ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى قاراش ۋە ئاممىۋى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش شەرت. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنى داۋاملىق تۈزەپ، ئىمتىيازچىلىق ئىدىيەسى ۋە ئىمتىيازچىلىق خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىنىڭ چىڭىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەنقىد ۋە ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇشتا، ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش – ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ ‹‹تۆت خىل شەكلى››نى قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش لازىم. كادىر باشقۇرۇش ھوقۇقى بار پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ئىنتىزام جازاسى بېرىش ھوقۇقى بېرىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ھېيىقىدىغان، ئۆزىنى تارتىدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىش، نازارەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان مۇھىتتا ئىشلەش – ياشاشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم.

  (6) چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش. خەلق ئاممىسى چىرىكلىكتىن ئەڭ يىرگىنىدۇ، چىرىكلىك پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ئەڭ زور تەھدىت. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كادىر دۇرۇس، ھۆكۈمەت پاك، سىياسەت ئادىل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، تارىخنىڭ دەۋرىيلىنىشىدىن قۇتۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەيدىغان، مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىرادە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولۇشى شەرت. چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ئىشلىتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈش، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە مەنپەئەت گۇرۇھى شەكىللىنىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوملاردا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئامما ئەتراپىدا يۈزبەرگەن چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەر مەيلى قەيەرگە قېچىپ بارسۇن، ئۇلارنى شۇ يەردىن تۇتۇپ كېلىپ قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش – مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى قاپلىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىزىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پاك – ئادىل مۇھىت يارىتىش لازىم.

  (7) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشىنىڭ نېگىزى پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى ۋە ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشكە تايىنىش. ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە قارىتىلغان چەكلىمە ۋە نازارەتنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى خەلقنىڭ نازارىتى ئاستىغا قويۇپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، ھوقۇقنى تۈزۈم رامكىسىغا سېلىش كېرەك. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىلغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ياخشىلاپ، تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان كۈندىلىك باشقۇرۇش – نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش لازىم. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە بايقاش، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىناق خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى تۈزۈپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىغا قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت، ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەپ بېرىپ، ‹‹ئىككىدە تاپشۇرۇش›› تەدبىرىنىڭ ئورنىغا قالدۇرۇپ تۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىستاتىستىكا تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پارتىيە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق – ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن باغلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  (8) ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بار سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشتا، پارتىيەمىز ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشى، ھەم قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇشى لازىم. ئۆگىنىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇپ، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرىنى ئىلمىي ئاساستا تۈزۈپ ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش – يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەتنى ساقلاپ، خىزمەتنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈشكە ماھىر بولۇش، خىزمەتنى ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ قانات يايدۇرۇشقا ماھىر بولۇش لازىم. ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلىغان ئىچكى نىزام – تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگانلىرىغا قارىتىلغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى ۋە ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك – ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەر قىلىش لازىم. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرۈش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چاقماقتەك تېز ھەرىكەتكە كېلىش بىلەن ئۇزاققىچە بوشاشماي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئورگانىك ئاساستا بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى دادىل يېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىي، ئىنچىكە ۋە ئوبدان ئىشلەش كېرەك. خەۋپ – خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىمىزنى ئاشۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۇرەككەپ زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل جاپا – مۇشەققەت ۋە خەۋپ – خەتەرنى دادىل يېڭىپ، خىزمەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى چىڭ ئىگىلەش لازىم.

  يولداشلار! ئۇلۇغ ئىشقا قۇدرەتلىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى شەرت. پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن ئوي – پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسىلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك باشلاپ بارالايدۇ!

  يولداشلار! جۇڭخۇا مىللىتى نۇرغۇن ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرۈپ، تىز پۈكمەي ئىلگىرىلەپ كەلگەن ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭگو خەلقى ئەمگەكچان، باتۇر، قەيسەر، ئۇلۇغ خەلق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئۇلۇغ پارتىيە. تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. تارىخ قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەرگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككىلەنگۈچىلەرنى، ھورۇنلارنى، قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغانلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، مەغرۇرلۇق – ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش ئىستىلىنى ساقلاپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەربىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى لازىم. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا يۈرۈش قىلىشى كېرەك.ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى تارىخىي ئارزۇ، رېئال ئارزۇ، شۇنداقلا كېلەچەك ئارزۇسى؛ بىز بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇسى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. كەڭ ياشلار غايە – ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تۇرغۇزۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، دادىللىق بىلەن دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھاياتىنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ئېچىشى كېرەك. ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلگەندە جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. بىز 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە توپلىغان مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىۋاتىمىز، بىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇجەسسەملەنگەن قۇدرەتلىك كۈچىگە ئىگىمىز، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چەكسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە، مىسلىسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگىمىز. پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلايلى!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ