تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا–سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە يازغان تەشەككۈر خېتى

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو ئىشچى – دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  ‹‹3 – سېنتەبىر›› ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى

  تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە:

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلغان پەيتتە، قۇرۇلتاي سىلەرنىڭ قىزغىن تەبرىك خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىلەرگە چىن قەلبىدىن تەشەككۈر ئېيتىدۇ ۋە سەمىمىي سالام يوللايدۇ!

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. قۇرۇلتاي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، ھازىرقى دۇنيا ۋە زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلقنىڭ يېڭى ئارزۇ – ئۈمىدىنى توغرا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بىلەن بىللە پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ تىكلەپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە زور سىياسەت – فاڭجېننى تۈزۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەپ، ‹‹بەشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى داۋاملىق بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى. قۇرۇلتاي تۈرلۈك قارالمىلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق ئېچىلدى، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىگەن قۇرۇلتاي بولدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى، بۇ زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بىرلىك سەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرىدا غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، پارتىيەنىڭ سىنىپى ئاساسىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى ئۇلىنى كېڭەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرى. ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىلىرىنى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى. يېڭى دەۋردە، بىز بىرلىك سەپنىڭ مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە قەتئىي ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، بىر – بىرىدىن سىر ساقلىماسلىق، بار – يوقنى تەڭ كۆرۈش فاڭجېنىنى قەتئىي ئېغىشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلارنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قەتئىي ئېغىشماي قوللاپ، كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقنى، ئەڭ چوڭ بىرلىكنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 – قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئورتاق تونۇشنى، ئەل قەلبىنى، ئەقىل – پاراسەتنى، كۈچنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيمىز.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەقسەتتە كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىرلىك سەپ ۋە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلايلى!

  ھۆرمەت بىلەن

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

  2017 – يىلى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى