تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى

 

پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىللە يېڭى ‹‹ئىسلاھات دەۋرى››گە قەدەم قويدى.

 ئىسلاھاتنىڭ بۇنداق ‹‹تولۇق››، ‹‹چوڭقۇر قاتلام››لىق بولۇشى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان!

 قومۇل ئويمانلىقىدىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىغىچە، قاراقۇرۇم ئېتىكىدىكى بوستانلىقتىن ئالتاي تېغى ئېتىكىدىكى ئوتلاق – يايلاقلارغىچە...ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسى، چوڭ لىنىيەسى كۈندىن – كۈنگە ئايدىڭلاشتى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىياسىي تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي تۈزۈلمە، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ۋە تۈۋرۈكلۈك ئسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇھىم ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى تەدرىجىي ئاشۇرۇلدى.

 بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، پۇختا ئىلگىرىلەپ، غايەت زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تەنتەنىلىك ئىسلاھات مارشىنى ياڭراتتى.

مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا

 دىققەت ‹‹باش نىشان››غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئىسلاھات دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

 ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراق ۋە يۆنىلىش. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قوللانمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.

 2014 – يىلى 56 خىلدىكى 290 تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى؛ 2015 – يىلى 87 خىلدىكى 342 تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى؛ 2016 – يىلى 86 خىلدىكى 223 تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى؛ 2017 – يىلى 66 خىلدىكى 199 تۈرلۈك كونكرېت ئىسلاھات ۋەزىپىسى بېكىتىلدى... بۇ ئىسلاھات تۈرلىرىدە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم قاتلىمىدىن تۇتۇش قىلىنىپ، ھازىرغا ۋە ئۇزاق كەلگۈسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئومۇمىيلىق بىلەن قىسمەنلىك بىر تۇتاش پىلانلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلاردا يېڭىلىق يارىتىشقا نۇقتىلىق كۈچەپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلىدى.

 بولۇپمۇ، ئىككى يۈرۈش بەنزە بولۇشتەك رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، قېلىپلاشقان ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىقنى ساقلاشقا ئاتلاندى، بىر يۈرۈش بەنزە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەرەققىياتنى تۇتتى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلىدى ۋە ئىلگىرى سۈردى، بولۇپمۇ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ توپلىدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھەم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشكە ھەم ئاساسىي قاتلامدا ئىزدىنىشكە ئەھمىيەت بەردى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىسلاھاتىدىمۇ يارقىن نۇقتىلار كەينى – كەينىدىن بارلىققا كەلدى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس پورتىنى سۇپا ۋە كۆزنەك قىلىپ، چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش سىنىقىنى يولغا قويۇپ، رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلەتتى. قاراماي شەھىرى مەركەز كارخانىلىرى شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرۇش جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ ئالتە چوڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنى ‹‹جۇڭگونىڭ 2016 – يىللىق ئىسلاھاتىدىكى ئون چوڭ مىسال›› قاتارىغا كىرگۈزدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يادرولۇق رايوننىڭ ‹‹بەش چوڭ مەركەز››قۇرۇلۇشىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، جۇڭگو – ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزلىرى ئۈرۈمچى گۇرۇپپىلاش مەركىزى ۋە خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقتى.

 ‹‹ئېرىشىش تۇيغۇسى››نى ئاشۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ،خەلق تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ئەمەلىي نەپ كۆپەيدى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرى دورا باھاسىغا ئۈلۈش قوشۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇردى ھەم ئالاقىدار تەكشۈرۈش ھەقلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىنى تەڭشىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز شەھەرلىرىدىكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ماس قەدەمدە يولغا قويۇلۇپ، داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئىگە قىلدى.

‹‹خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇلدى.›› ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىسلاھات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ گەۋدىلىك بولغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ساھەلىرىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچىدى: يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنى ئۈچ يىللىق ھەقسىز ‹‹قوش تىل››مائارىپىدىن مەنپەئەتلەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇردى؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزدى؛ دەرىجىگە ئايرىپ تەكشۈرۈش – داۋالاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇۋاپىق، تەرتىپلىك داۋالىنىش تەرتىپى ئورنىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى؛ ئۆلكە ھالقىغان، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى...ئىسلاھات سالمىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى.

 ئىشقا ئورۇنلىشىش خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىلانىنى تۈزدى. بۇ يىل 5 – ئايدا قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى، 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ شەھەر – يېزىلىرىدىكى 38 مىڭ 163 ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

 خەلقنىڭ ئارزۇسى ئىسلاھاتنىڭ نىشانى قىلىندى. ‹‹خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش››ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ياشاشتىن تەرەققىياتقىچە، ماددىيلىقتىن مەنىۋىلىككىچە، پاراۋانلىقتىن ھوقۇققىچە ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئۈزلۈكسىز پۈتۈلدى.

 ‹‹تەمىنلەش ھالقىسى››نى چۆرىدەپ قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى

 ئاپتونوم رايونىمىزدا 2016 – يىلى پولات – تۆمۈر، كۆمۈر، سېمونتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2013 – يىلدىكىدىن ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2.1، 18.5 ۋە 3.5 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، بولۇپمۇ پولات – تۆمۈر ۋەكىللىكىدىكى قارا مېتال كانىنىڭ رودا تاۋلاش كەسپى ۋە مېتال تاۋلاش – پىششىقلاش كەسپى مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسىدا بۇلتۇر 4 – پەسىلدە زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ ئۆسۈشى سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن يۇقىرى بولۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، ھالبۇكى، ئالدىنقى تۆت يىلدا زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنىڭ چۈشۈشى ئىزچىل سېتىۋېلىش باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىن كۆپ بولغانىدى.

 بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆمۈر، سېمونتنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئۈسكۈنىلىرى قالاق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى تۆۋەن كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى بازاردىن زور دەرىجىدە چېكىندۈرۈلدى، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش›› سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سانائەتتىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا دەسلەپكى ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەت تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچەپ، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ سېلىش – مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى...تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتىنى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆستۈرىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.

 ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ماھىيەتلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، بولۇپمۇ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا يۈك تىرانسپورت پويىزىنىڭ يۈرۈش كۆلىمى ۋە تۈرتكىلىك ئۈنۈمىدە كۆزلىمىدىن ئارتۇق زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز 1 – قاتارغا ئۆتتى. بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىن غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز ئۈچ يىلدا جەمئىي 820 قېتىم قاتناپ، يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، ئېكسپورت قىلىنغان مالنىڭ قىممىتى 16 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. 

 ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ››، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش تەسەۋۋۇرى بېيىتىلدى

 ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ ۋەزىپە ئېغىر، شۇڭا، چوقۇم ئالدى بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسلىق ئىسلاھات تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئاندىن بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، بۇنى ئىسلاھات مۇھىتى ۋە يولغا قويۇش شارائىتى بەلگىلىگەن.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات سىستېمىسىدىكىلەر باشتىن – ئاخىر مىخ قىقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىكىلىپ تۇتۇپ، تەكرار تۇتۇپ، ئۈنۈم كۆرۈلگىچە تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ھەقىقىي يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھەم ئىسلاھاتتىكى ئەمەلىي ئىشلىگۈچى بولۇپ، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم ياراتتى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، ئىسلاھات تۈرلىرىنى تەپسىلىي ئايرىپ، مەسئۇل رەھبەر، مەسئۇل ئورۇن ۋە يىللىق نىشان – ۋەزىپىسىنى تۈرمۇ تۈر بېكىتىپ، يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە مەسئۇلىيەتنامە تۈزۈپ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھات لايىھەلىرىگە ۋاقتىدا ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئاپتونوم رايون بېكىتكەن ئىسلاھات تۈرلىرىنى ۋاقتىدا جىپسىلاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى خىزمەت تەسەۋۋۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ‹‹بەش لىنىيەلىك خىزمەت ئۇسۇلى››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەممە تارماقلارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىسلاھات خىزمىتىنى تەپسىلىي ئەمەلىيلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات سىستېمىسى يەنە قائىدىنى بۇزۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ ‹‹ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش››مېخانىزمىنى بارلىققا كەلتۈردى: 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە ھەر قايسى مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى خادىملارنى ئالماشتۇرۇش، ئارىلاشما گۇرۇپپا تەشكىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۆزئارا ئۆگەندى، ئۆزئارا تەكشۈردى. ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش ئاساسىي مەزمۇنى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى، ‹‹سىناق قىلىش، نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش››ئەھۋالىنى ئىگىلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىسلاھاتتىكى قىيىن نۇقتىنى بايقاش، تىپىك تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى شاڭ يۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇننى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئۆزگەرتىلىپ، تەكشۈرگۈچى ۋە تەكشۈرۈلگۈچىنى ئوخشاشلا نەپكە ئېرىشتۈرۈلدى. مەخسۇس تۈر گۇرۇپپىسى خىزمەتچىلىرى ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا تەكشۈرۈش جەريانىدا تىپلارنى كۆزىتىپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتتى؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى خىزمەتچىلەر تەكشۈرۈش جەريانىدا سېلىشتۇرۇپ، ئۆگىنىش جەريانىدا سېلىشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى كۆردى، شۇنداقلا ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۆگىنىپ يېتىشىۋېلىشتەك قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھات سىستېمىسى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە نازارەتچىلىك قىلىپ تەكشۈرۈش چارىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئىلگىرى سۈردى، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى ھەم ئىسلاھاتتىكى ياخشى مىساللار ۋە تىپىك تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، تىپ تۇرغۇزۇش، ئىلغارلارنى تەقدىرلەش بىلەن بىللە، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا ئىسلاھاتنى چۈشىنىش، ئىسلاھاتنى قوللاش، ئىسلاھاتقا قاتنىشىشتەك قىزغىن كەيپىياتنى ياراتتى.

 ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز مىقىياسىدا ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى