تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

   ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى›› ۋە ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››قاراپ چىقىلدى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى تېلېگراممىسى. 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسى›› ۋە ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى››گە قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئالىي پىرىنسىپى، ماھىيەت جەھەتتىن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق سىياسىي مەسئۇلىيىتى، ئالدى بىلەن مەركەز رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى باشلامچىلىق بىلەن پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلەشكە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

  يىغىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە قوغداش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمىسىگە بىردەك قوشۇلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى بارلىق يولداشلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، زور مەسىلىلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۇنۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى؛ پارتىيەنىڭ كادىرلار سىياسىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كادىرلارنى تەۋسىيە قىلىشى؛ پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان، پارتىيە ئىنتىزامىنى بۇزىدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك رەھبەرلىكى، ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى ئاڭلىق كۈرەش قىلىپ، مەسئۇل بولغان تارماق، ساھە ياكى تۇرۇشلۇق جايىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى؛ ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجىغا خىزمىتىدىن يازمىچە دوكلات بېرىشتە چىڭ تۇرۇشى؛ ئالاقىدار تەشۋىق قىلىش، خەۋەر قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسى ھەر يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىغا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلىدۇ.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىش پارتىيەمىزنىڭ ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش – قالماسلىقى، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش – يۈرگۈزەلمەسلىكى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش – قىلالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى قەتئىي بوشاشماي ئىستىلنى تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىلنى قەتئىي بوشاشماي ئۆزگەرتىپ، ياخشىلاپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىشىمىز، پارتىيەنىڭ خەلق ئويلىغاننى ئويلىشى، خەلق بىلەن بىللە ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، بۇ بىر نەچچە يىلدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش جەريانىدا يولۇققان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە ئاساسەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش، يىغىن پائالىيەتلىرىنى قىسقارتىش، ھۆججەت – خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش، زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش قاتارلىق مەزمۇنلار يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى بىلەن يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈلۈپ، يېتەكچىلىك خاراكتېرى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملەش كېرەك. بارلىق كادىر ۋە ئاممىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىدىيەۋى جەۋھىرىنى، يادرولۇق مەزمۇنىنى توغرا ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەينەن، ئەسلىي بويىچە ياخشى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇش ئاساسىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش، بەش يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈملەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە مەركەزلەشتۈرۈش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھىمايىسىگە، خەلقنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن، پارتىيەنىڭ ئىسمى – جىسمىغا لايىق داھىيسى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش خىزمىتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قىلىپ، بارلىق پارتىيە ئەزاسىغا كۆپ خىل شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پارتىيە مەكتەپلىرى، كادىرلار ئىنستىتۇتلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇتۇش – تەربىيەسىدىكى زۆرۈر دەرسلىك، مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيەسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. مول مەزمۇنلۇق، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، جايلار، تارماقلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر – ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى تىپىك ئىش – پائالىيەتلىرىنى ھەم ياخشى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى پائال قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش، تاشقى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ كارخانا، يېزا – كەنت، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارما، تور بېكەتلىرىگە يەتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ ئۆگىنىپ، باشلامچى بولۇپ سۆزلەپ، باشلامچى بولۇپ ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئوچۇق سۆزلەپ، ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئاممىنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئاممىغا يېقىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە، خەلقنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى كېڭەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداش كېرەك. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلە ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا، قەتئىي، ئاڭلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى