تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

ساياھەت: شىنجاڭدا 3-كەسىپنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلىدى

  بۇ يىلقى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدا دۆلەت ئىچى–سىرتىدىن 6 مىليون 17 مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئىچكى ساياھەت ئىستېمال قىممىتى 8 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ۋە ساياھەت ئىستېمال ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلدى. بۇلتۇرقى قۇربان ھېيت مەزگىلىدە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن 3 مىليون 272 مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، 1 مىليارد 496 مىليون يۈەن ئىچكى ساياھەت ئىستېمال قىممىتى يارىتىلغانىدى.

   شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇنداق زور دەرىجىدە ئېشىش دائىملىق ھالەتكە ئايلاندى، كىشىلەر بۇنداق تېز سۈرئەتلىك ئېشىشتىكى يېڭى رېكورتقا كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتى.

   پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى تېزلىتىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە ساغلام، تېز يۈكسىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

  بازار جانلاندى، ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى

  26 ئاپتوموبىل بىلەن 9 – ئاينىڭ 19 – كۈنى بېيجىڭدىن يولغا چىققان 65 ساياھەتچىدىن تەشكىللەنگەن ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت ئەترىتى 9 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلدى. بۇ بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى دۆلەت يولى G7 لىنىيەسىنىڭ ئىچكى موڭغۇل – شىنجاڭ بۆلىكىدە 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنى قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كەلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆز ئاپتوموبىل ساياھەت ئەترىتى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو غەربىي رايون ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭ ‹‹نىشانلىق ھەرىكەت›› ئاپتوموبىل كۇلۇبىنىڭ باش مۇدىرى جاۋ شياڭجيې مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى بېيجىڭدىن شىنجاڭغا كېلىشتە كۆپىنچە دۆلەت يولى G30 لىنىيەسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ – قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا ماڭاتتى، بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، مۇساپە 1300 كىلومېتىر قىسقاردى، لىنىيە بويىنىڭ مەنزىرىسىمۇ ناھايىتى گۈزەل، بۇ يولنى ئېلىمىزدىكى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ھەقىقىي ‹‹66 – نومۇرلۇق تاشيول›› دېيىشكە بولىدىكەن.

  شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بۇ يىل ئىچكىرىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنى ‹‹شىنجاڭغا كىرگۈزۈش››نى سىجىل ئىلگىرى سۈردى، بۇ يىل 6 – ئايدىن 10 – ئايغىچە شىنجاڭغا قاتنىغان ساياھەت مەخسۇس پويىزى 160قا يەتتى.

  قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى 820 مىڭ 200 (قېتىم) يولۇچى توشۇدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاسىتە لىنىيە ئارقىلىق 198 مىڭ 800 (قېتىم) يولۇچى، كىچىك بېكەتلەر ئارا 621 مىڭ 400 (قېتىم) يولۇچى توشۇلدى. ئۈرۈمچى ۋوگزالى بىلەن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا توشۇلغان يولۇچى 67 مىڭ 316 مىڭ (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.4 كۆپەيدى؛ غۇلجا ۋوگزالىنىڭ كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىڭ 294 (قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.9 كۆپەيدى.

  ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قۇربان ھېيت مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملاردا 2057 (قېتىم) نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتناپ، 222 مىڭ 400 (قېتىم) يولۇچى توشۇلغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 كۆپەيگەن.

  كۈز كىرگەندىن بۇيان، جۇخارگۈلى، توغراقلىقتىن ھۇزۇرلىنىش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ كۈزلۈك خاس ساياھەتچىلىكى ئاقسۇ، كورلا، قەشقەر قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدىكى يولۇچىلارنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئايروپىلانلارنىڭ تولۇش نىسبىتى %80تىن كۆپەيدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىمچە، چاغان مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن 1 مىليون 514 مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئىچكى ساياھەت ئىستېمال قىممىتى 1 مىليارد 610 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %20.06 ۋە %21.97 كۆپەيگەن؛ ‹‹1 – ماي›› بايرىمىدا 1 مىليون 352 مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئىچكى ساياھەت ئىستېمال قىممىتى 886 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %17 ۋە %18.4 كۆپەيگەن. تاڭزۇڭزا چاغىنىلىق قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىدە 1 مىليون 284 مىڭ (قېتىم) ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، ئىچكى ساياھەت ئىستېمال قىممىتى 840 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ روزا ھېيت مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 1 مىليون 73 مىڭ (قېتىم)غا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىر كېچە قونۇپ ساياھەت قىلغانلار 392 مىڭ 100 (قېتىم)گە، بىر كۈنلۈك ساياھەت قىلغانلار 680 مىڭ 900 (قېتىم)گە يېتىپ، ساياھەت بازىرى سىجىل جانلانغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ‹‹3 – كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىكنى كۈچەپ يۈكسەلدۈرۈپ، ساياھەت كەسپىنى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش›› نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكىدە ھازىر ‹‹2017 – يىلى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كۈتۈۋېلىنىدىغان ساياھەتچىنى 100 مىليون (قېتىم)غا يەتكۈزۈش›› نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلانماقتا.

  


  كۆپ خىل كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش پىلانىنىڭ يولغا قويۇشىغا ئەگىشىپ، سەرخىل مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمى تېزلەشتى، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى جايلارنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەكلەشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت بايلىقى جەھەتتە چوڭ رايوندىن ساياھەت كەسپىدە كۈچلۈك رايونغا قاراپ مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچتىن كۆپىيىپ، 12گە يېتىپ، غەربىي رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار ئىچىدە 1 – ئورۇنغا ئۆتتى.

  شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى.

  شىنجاڭدا 2017 – يىلى 436 ساياھەت تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاش، 25 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش، سېلىنىدىغان مەبلەغ 100 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈرنى 73كە يەتكۈزۈش پىلانلانغانىدى. 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە 10 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، سېلىنما سوممىسى، كۆلىمى قاتارلىقلاردا تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيە يارىتىلدى. پۇقراۋى كاپىتالنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %70كە يېتىپ، پۇقراۋى كاپىتالغا تايىنىپ مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  شىنجاڭنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەن بەزى چوڭ كارخانا – گۇرۇھلار، ساياھەتچىلىكتە كۈچلۈك كارخانىلار كەينى – كەينىدىن شىنجاڭغا ماكانلىشىپ، ساياھەت تۈرلىرىگە پائال مەبلەغ سالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹ساياھەت +›› ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكتىن، كۆپ خىل كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسى تېزدىن شەكىللەندى. ‹‹ساياھەت +›› ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇشنى ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، ساياھەتنىڭ كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، قاتناش، تۆمۈريول، پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، زېمىن بايلىقى، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسپىنى بىر تۇتاش ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى نۆۋەتتە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈشكە دائىر بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، يېڭى نىشان ۋە يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يولغا قويدى. جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، ئەمەلىيەتكە دادىل يۈزلەنگەنلىكتىن، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىدا خاس ئەۋزەللىك شەكىللەندۈردى، تەرەققىيات نەتىجىسى گەۋدىلىك بولدى.


  ساياھەتچىلىك ‹‹شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش››تىكى مۇھىم تۇتقىغا ئايلاندى

  نۆۋەتتە شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ‹‹شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، خەلقنى بېيىتىش››تىكى رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يېزا – كەنت ساياھىتىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە رايون ھەم ساياھەتچىلىككە ماس كېلىدىغان نامرات رايونلاردا ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىندى. نامرات ئامما ساياھەتچىلىك ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلىنىپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى كېڭەيتىلدى.

  ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئۇدا ئۈچ يىل يولغا قويۇلۇپ، 90 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەنت دەرىجىلىك ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش تۈرىدىن 180ى تاماملاندى. بۇ يىل 31 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كەنت دەرىجىلىك ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تۈرىدىن 63ى يولغا قويۇلدى.

  2020 – يىلىغىچە شىنجاڭدىكى كەنت دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىدا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن 40 مىليون (قېتىم)دىن كۆپرەك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ ئىستېمال سوممىسى 70 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلىدۇ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە (رايون)دىن 20سى بەرپا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن، ساياھەتچىلىكنى يۈكسەلدۈرۈشكە ماس كېلىدىغان 600 نامرات كەنتنىڭ ساياھەتچىلىكنى يۈكسەلدۈرۈشىگە مەدەت بېرىلىدۇ، يېزا – كەنتلەردە ساياھەتچىلىك كەسىپكارلىرى 1 مىليونغا يەتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 300 مىڭ نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى