تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

19–قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئاچتى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، شۇنداقلا 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى ھەم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دائىمىي كومىتېتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە بىرىنچى مۇھىم ئىشى. دائىمىي كومىتېت ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تولۇق تونۇشى كېرەك. قۇرۇلتاي روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى ئىگىلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى توغرىسىدىكى يېڭى ھۆكۈم، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدەك يېڭى ئالاھىدىلىك، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى نىشانى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى – سىياسىي مەزمۇنىنى تىرىشىپ ئىگىلەش، روھىي ماھىيىتىنى پىششىق ئىگىلەش، يادرولۇق ئەھمىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، پارتىيەنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە تېخىمۇ ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى قەتئىي مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن – ئاخىر باش نىشان ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار يۈكلىگەن تۈرلۈك مەجبۇرىيەتلەرنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئادىل، ھەققانىي قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ۋە ئورگاندىكى ھەر قايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپە، تەلەپلەرنى ئۆلچەم قىلىپ، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئىجرا قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇھىم نۇقتا، ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، نىزام چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ۋەكىللەر خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرى ھۆرىگۈل جاپپار، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى