تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

جاپالىق ئىشلەپ يېشىل بوستانلىقتا ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرنى يارىتايلى

  باش شۇجى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن جايلارنى قايتا زىيارەت (6)

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن

  چېگرا رايون تىنچ بولسا، دۆلەت تىنچ بولىدۇ. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرا رايوننى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە باشقىلار ئۈلگە قىلغۇدەك تەجرىبىسى بار.

  18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، شىنجاڭغا، بىڭتۈەنگە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭغا كەلسىلا بىڭتۈەننىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈردى، مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بىڭتۈەننىڭ خىزمىتىنى دۆلەتنى تۈزەپ ئەلنى تىنچلاندۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۈەننى ھەقىقىي چېگرانى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشتىكى قورال، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ‹‹چوڭ پېچ››، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  سەمىمىي غەمخورلۇق، غايەت زور ئىلھام! بىڭتۈەننىڭ بۇرغا ئاۋازى، دۇمباق ساداسى ياڭرىتىلدى. باش شۇجى بىڭتۈەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە بارغان جايلارغا قايتا بارغىنىمدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جۇشقۇن، قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئىگىلىك تىكلەۋاتقانلىقىنى ۋە بىڭتۈەن ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ كۈزلۈك ھوسۇلنى يىغىۋېلىش بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ياخشى جەڭچى

  بىڭتۈەننىڭ خەلق ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ رەتلىك ماڭاتتى، ئۇلارنىڭ ئاتقان مۇشتلىرى كۈچلۈك ئىدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، بىڭتۈەن 6 – شىسى خەلق قوراللىق بۆلۈمى خەلق ئەسكەرلىرى مەشىق مەيدانىدا، سەپتىكى خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان، روھى ئىنتايىن كۆتۈرەڭگۈ ئىدى...

  2014 – يىلى 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۈەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماي، دەل مۇشۇ قوشۇننىڭ مەشىقىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. شۇ كۈنى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش يىڭىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى سۈرلۈك قىياپەتتە سەپ تۈزۈپ، جەسۇرانە قىياپىتىنى نامايان قىلغانىدى. باش شۇجى قورال – جابدۇقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، خەلق ئەسكەرلىرى كوماندىر – جەڭچىلىرىنى ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە مەشىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئالاھىدە ۋەزىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شۇ كۈندىكى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۈەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەن. باش شۇجىنىڭ سۆزى بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ـــــ

  ‹‹شىنجاڭدا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرا رايوننى قوغداش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان بىڭتۈەن قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرى. يېڭى ۋەزىيەتتە، بىڭتۈەن خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ››.

  دەل مۇشۇ يەردە، باش شۇجى بىڭتۈەننى چېگرانى تىنچلاندۇرۇپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىشتىكى قورالغا، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ‹‹چوڭ پېچ››قا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەنىدى.

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بىڭتۈەن 6 – شىسى خەلق قوراللىق بۆلۈمىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى كوماندىر – جەڭچىلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى تەلەپ قىلغان نىشان مۇقىملىقنى ساقلاش، چېگرانى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان خەلق ئەسكەرلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش يۆنىلىشىگە قاراپ دادىل ئىلگىرىلىدى.

  6 – شى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، قوراللىق بۆلۈمىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى بىشېڭ مۇنداق دېدى: 6 – شى خەلق قوراللىق بۆلۈمى تەلەپ بويىچە پائال ئىزدىنىپ، ‹‹كۈچنى بۆلەككە بۆلۈش، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دائىملاشتۇرۇش، بازا قۇرۇلۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش›› قاتارلىق ‹‹ئالتە يول››نى تېپىپ چىقىپ، بۇنى بىڭتۈەن خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ ئۈلگىلىك كۈچىگە ئايلاندۇردى.

  10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، جۇڭگو – قازاقىستان چېگرىسىدا سىم – سىم يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا جىددىي تۆۋەنلەپ نۆل سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالغانىدى. خەلق ئەسكىرى ما جۈنۋۇ نىقاب مەشىق فورمىسى كىيگىنىچە چوڭ قەدەملەر بىلەن 10 – شى 185 – تۈەن قاراۋۇلخانىسىدىن چىقتى، سوغۇق ئۇنىڭ شۇ كۈنلۈك دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، مۇنارغا چىقىپ كۆزىتىش، دەريا توغىنىنى كۆزىتىش، سۇ بۆلۈش چۈشۈرگىسىنى تەكشۈرۈش، چېگرا سىم توسۇقىنىڭ بۇزۇلغان جايلىرىنى ئوڭشاش… قاتارلىق چېگرانى چارلاش، سۇ ساقلاش، ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش، چارلاش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا قىلچىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ باش شۇجىغا بەرگەن: ‹‹بىر ئۆمۈر پەقەت بىر ئىشنى قىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ ۋەتەننىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش!›› دېگەن ۋەدىسى ھەر ۋاقىت ئېسىدە ئىدى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، ما جۈنۋۇ ئەينى چاغدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان چاغدىكى ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى ئەسلىگەندە، قەلبى تاتلىق ھېسلارغا چۆمدى.

  2014 – يىلى ئەتىيازدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۆھبەت يىغىنىدا، ما جۈنۋۇ باش شۇجىغا تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹باش شۇجى، خاتىرجەم بولۇڭ، مەن ساندىق قاراۋۇلخانىسىنى بىر ئۆمۈر ياخشى ساقلايمەن››. ئۇنىڭ سەمىمىيىتىگە قايىل بولغان باش شۇجىنىڭ ئىختىيارسىز چاۋاك چېلىشى بىلەن پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىغانىدى.

  ھازىر، ساندىق قاراۋۇلخانىسىنىڭ نامى ‹‹جۈنۋۇ›› قاراۋۇلخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى، ما جۈنۋۇمۇ بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. 30 يىلغا يېقىن بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرا رايوننى قوغداش جەڭچىسى بولغان ما جۈنۋۇنىڭ ۋەدىسى بارلىق بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ ۋەدىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىڭتۈەنلىكلەر خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشماقتا.

  زامانىۋىلىشىشقا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلاش

  ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىردە، يىراققا نەزەر سالغىنىڭىزدا، چەكسىز كەتكەن پاختىزارلىقتا پاختا تېرىش ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات قىلىۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىنى كۆرىسىز، تېرىشتىن، پەرۋىش قىلىپ يىغىۋېلىشقىچە تولۇق ماشىنىلاشقاندىن كېيىن، بىڭتۈەن ئىلگىرىكىدەك مىڭلىغان ئادەم ئېتىزدا مۈكچىيىپ پاختا تېرىشتەك ئەنئەۋى ئۇسۇل بىلەن خوشلاشتى. بۇ يىل مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى، بۇ، 6 – شى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ 50 مىڭ مودىن ئارتۇق كېۋەزلىكىدىكى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش ئىدى.

  ئەينى يىللاردا 13 نەپەر ياش ئات ھارۋىسىنى ھەيدەپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قاقاسلىقتا جاپالىق ئىشلەپ ھازىرقى ئېتىزلىرى مۇنبەت، باغۇ – بوستانلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانىنى قۇرغانىدى. مانا بۇ دېھقانچىلىق مەيدانى بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى تۈەن – مەيدانلارنىڭ بايراقدار ئۈلگىسىگە ئايلاندى. 2014 – يىلى ئەتىيازدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، بىڭتۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار خۇ شياۋجياڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ دوكلاتچىسى ۋە يېتەكچىسى سۈپىتىدە، باش شۇجىغا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  شۇ كۈنى يەر ئاغدۇرۇش ماشىنىسى، سېيالكا، دورا پۈركۈش ماشىنىسى، پاختا تېرىش ماشىنىسى قاتارلىق زامانىۋى دېھقانچىلىق ماشىنا – سايمانلىرى لاپاس ئىچىگە رەتلىك توختىتىلغانىدى. باش شۇجى بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش، پايدىلىنىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  خۇ شياۋجياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىنى ئۇزاق مۇددەتلىك رىغبەتلەندۈرۈش قىلىپ، ھاياتىي كۈچىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانىمىزنىڭ بىڭتۈەننىڭ ‹‹مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي كۈچ، <چوڭ پېچ>، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى››لىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان بىر مۇنەۋۋەر قوشۇن بولۇپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دېھقانچىلىق مەيدانى چوڭ قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدىن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىگە يۈزلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرا ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %18 ئەتراپىدا بولۇشىنى ساقلىدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانى كېۋەز تېرىقچىلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش نىسبىتىنى %99.8 كە يەتكۈزدى.

  مەملىكەت بويىچە مۇھىم تاۋار پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاختىچىلىق بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك ئىقتىسادىنىڭ تۈۋرۈكى. پاختىنى قول بىلەن يىغىشتىن ماشىنا بىلەن يىغىشقا يۈزلىنىش دەل بىڭتۈەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنى تېزلەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.

  18 – قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلەت سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، بىڭتۈەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكا ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈلگىلىك رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، بىڭتۈەن ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ‹‹سۇ تېجەپ سۇغىرىش، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش››تىن ئىبارەت ‹‹ئۈچ چوڭ بازا››سىغا ئايلاندى.

  بىڭتۈەندە يىلتىز تارتىپ، تەر ئاققۇزۇش

  كۈزنىڭ ساپ ۋە سالقىن ھاۋالىق بىر كۈنى، 6 – شى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانى يېزا ئىگىلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جىن گاڭنىڭ چېھرىنى خۇشاللىق قاپلىدى، ئۇ يېڭىلا تۇغۇلغان ئوغلىدىن ئىپتىخارلىنىپ مۇنداق دېدى: مەن دادا بولدۇم، ئىككىنچى ئەۋلاد بىڭتۈەنلىك تۇغۇلدى، ئۆزۈمنى ئەمدى بىڭتۈەندە ھەقىقىي يىلتىز تارتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.

  باش شۇجى بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى. تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەس – بەستە باش شۇجىدىن ھال سورىدى، باش شۇجى كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇبىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، سەمىمىي پىكىرلەشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شىنجاڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىرنەچچە پىدائىيمۇ بار ئىدى، باش شۇجى مۇنداق دېدى: ناھايىتى ياخشى، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

  جىن گاڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ماڭا كۆيۈنگەن ھالدا پىدائىي بولغىنىڭىزغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى، نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا قېلىشنى تاللىغانىدىڭىز، ئۆيلەندىڭىزمۇ... دەپ سورىدى. باش شۇجى يەنە: ئىرادىلىك ياش پىدائىيلار چېگرا رايوندا قانچە كۆپ يىلتىز تارتسا، ئاندىن بىزنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش ئىشلىرىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى بار بولىدۇ، دەپ مېنى ئىلھاملاندۇردى. باش شۇجىنىڭ گېپى كۆڭلۈمدە بىر خىل ئىللىق ئېقىم پەيدا قىلدى، دېدى جىن گاڭ. ئۈچ يىلدىن بۇيان، جىن گاڭ باش شۇجىنىڭ سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولدى ھەم ئوتۇنكوزا شەھىرى بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنىڭ بىڭتۈەندە يىلتىز تارتىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

  جىن گاڭ مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، ياشلىقىمنى داۋاملىق بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئاتاپ، بىڭتۈەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، چېگرا رايوننىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمەن.

  تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغانىدى: بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە سىياسىي جەھەتتە كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ، خىزمەتتە كۆپرەك مەدەت بېرىپ، تۇرمۇشتا كۆپرەك غەمخورلۇق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى بىڭتۈەنگە كېلىپ خىزمەت قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىڭتۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىش ئەترىتى تەشكىللەپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، شىنجاڭغا كەلگەن ئىختىساسلىقلارنى مەبلەغ، سۇپا قۇرۇش، بايلىق تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، باش شۇجىنىڭ بىڭتۈەننى كۆزدىن كەچۈرگەندە باسقان ھەربىر قەدىمى، ھەربىر ئېغىز تاپشۇرۇقى بوستانلىق زېمىنغا چوڭقۇر سىڭىپ، مىليونلىغان كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ قەلبىگە مەھكەم پۈكۈلدى.

  ـــــ بىڭتۈەنلىكلەر ئىزچىل ‹‹مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي كۈچ›› بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشتى. ‹‹بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمتۈرتكىلىك مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش بىلەن بىللە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىدى.

  ـــــ ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇيۇشتۇرىدىغان ‹‹چوڭ پېچ›› بولۇشنى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى. بىڭتۈەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى ئايرودۇرۇمى تۇمشۇق ئايرودۇرۇمى تۈرىدە رەسمىي ئىش باشلاندى؛ 14 – شى گۇما – قاراقاش – بېيجىڭ سانائەت رايونى قۇرۇلۇشى تۈرى يولغا قويۇلدى… بىڭتۈەن پارتكومى گەۋدىلىك ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان 14 تۈەن – مەيداننى يۆلەيدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، بىڭتۈەننىڭ مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونىدا ماس قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ـــــ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئىلغار مەدەنىيەت بويىچە ‹‹ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى›› بولۇشقا تىرىشماقتا. بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. 2016 – يىلى بىڭتۈەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 200 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن تۇنجى قېتىم بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %20تىن ئاشتى.

  بۇرغا ساداسى ئىچىدە، ھەممە بىر مەقسەتتە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. بىڭتۈەندىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك، مۈشكۈل ئالاھىدە بۇرچنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، بىپايان شىنجاڭدا ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى