تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئىناقلىق كۈيلىرى

  باش شۇجى شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن جايلارنى قايتا زىيارەت (4)

  مۇخبىرلىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر، يۆ يەنيۈن

  ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىردە تاغ – دەريالار كۆركەم تۈس ئېلىپ، زېمىن رەڭدارلىققا تولغانىدى.

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىدىن شادلىنىش بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقىنى قايتا ئەسلىدى.

  ئۈچ يىل ئىلگىرىكى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەندە، ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ، مەخسۇس مەسچىتلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا چەكسىز ئىللىقلىق بەخش ئەتكەنىدى.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلىدى، ھەر مىللەت دىن ئېتىقادچىلىرى گۈزەل تۇرمۇشنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا خاتىرجەم، ئىتتىپاق، ئىناق بولغان گۈزەل مەنزىرىنى ياراتتى.

  سەمىمىي ئۈمىدنى يەردە قويماي، توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىندى

  بىز 10 – ئاينىڭ 17 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غالىبىيەت يولى بىلەن شامالباغ يولىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا جايلاشقان ياڭخاڭ مەسچىتىگە كېلىپ، 120 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ مەسچىتنىڭ خانىقاسى ئالدىدىكى مەيداننىڭ يېڭىدىن رېمونت قىلىنغانلىقىنى كۆردۇق، ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكراندا تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى بېرىلىۋاتقان ئىكەن.

  ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپجان مۇنداق دېدى: مەسچىت ئىچىگە يېڭى ياسالغان مۇستەھەپخانىدا كېچە – كۈندۈز جۈمەكتىن ئىسسىق سۇ چۈشۈپ تۇرىدۇ، تامچە سۇدا قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولغىنىدەك، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا قىلىۋاتقان غەمخورلۇقىنى مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ كۆرۈۋاتىمىز. ئۇ بىزنى باشلاپ مەسچىتنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئۈچ يىل ئىلگىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يەرگە كەلگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئەسلىدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2014 – يىلى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئىسلام دىنى قائىدىسى بويىچە ئايىغىنى سېلىپ مەسچىتنىڭ خانىقاسىغا كىرگەن، ‹‹بۇ مەسچىت قايسى يىلى ياسالغان؟››، ‹‹قانچىلىك ئادەم پاتىدۇ؟››، ‹‹بىر قېتىم ۋەز ئېيتىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟››، ‹‹بۇ يەرگە كېلىدىغان چەت ئەللىك مېھمانلار كۆپمۇ؟›› دەپ سورىغان. باش شۇجى يەنە مەسچىتتىكى دىنىي خادىملار بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، بۇ مەسچىتنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەنىدى.

  ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مۆھتەرەم شېرىپجان باش شۇجىنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىنى ئېسىدىن چىقارماپتۇ. ئۇ بىزگە: مەسچىت باشقۇرۇش ھەيئىتى كېڭەش باشلىقىنىڭ ئەينى چاغدا باش شۇجىغا: ‹‹خاتىرجەم بولۇڭ، بىز بۇنىڭدىن كېيىن مەسچىت قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز››، دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ بەردى ۋە بۇمۇ دەل مېنىڭ يۈرەك سۆزۈم ئىدى، دېدى.

  باش شۇجى دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرىدىن سەمىمىي ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلارنىڭ جەزمەن ھەققانىيەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، توغرا مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ۋەتەن ۋە شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن دېگەنىدى.

  ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مۆھتەرەم شېرىپجان باش شۇجىنىڭ ئۈمىدىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئىسلام دىنى ئەخلاق قائىدىسى، توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا ھەرىكەت توغرىسىدا قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تەخمىنەن 200 مەيدان (قېتىم)سەييارە لېكسىيە سۆزلىدى.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي ساھەدىكى زاتلار باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ھەر مىللەت دىن ئېتىقادچىلىرىغا ‹‹ئوتتۇرا يول تۇتۇپ، توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى قەتئىي قوغدايلى››دېگەن تەشەببۇسنامىنى چىقىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى.

  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك

  جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونىدىكى ئاق مەسچىتنىڭ ئىمامى ئابدۇشۈكۈر رەھمۇتۇللانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفوندا ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ مەركىزىي سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىدا شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا ياش، ياش ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇۋېتىپتىكەن.

  ئۈچ يىل ئىلگىرىكى 4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى باش شۇجى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدىكى 20 نەپەر دىنىي زات ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئابدۇشۈكۈر رەھمۇتۇللامۇ سۆھبەتكە قاتناشقانىدى. باش شۇجىنىڭ ئەينى چاغدا: ‹‹بىز شىنجاڭنى بارغانسېرى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز، شىنجاڭنىڭ مالىمانچىلىققا پېتىپ قېلىشىغا، چېكىنىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. بۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم شىنجاڭدىكى بارلىق دىنىي زاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى››دېگەن سۆزلىرى ئابدۇشۈكۈر رەھمۇتۇللانىڭ كاللىسىغا تاشقا مۆھۈر باسقاندەك ئورناپ كەتكەنىدى. ئابدۇشۈكۈر رەھمۇتۇللا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تىرىشىپ بېيىش، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە سەرپ قىلىشقا يېتەكلەيمىز.

  ئۇ تېلېفوندا مۇنداق دېدى: تۆت ئايلىق كۇرس ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا قايتىپ بېرىپ، باشقا ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىللە تەشۋىقات – لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ، بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا پارتىيەنىڭ ساداسىنى يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىمەن. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلارغا قويغان تەلىپى بولۇپ، مەن بۇنى ھەر ۋاقىت كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەمەلدە كۆرسىتىمەن.

  ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ يېڭى رايونىدىكى 100 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى رەسمىي ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كەلگەن 200 دىن كۆپرەك ياش دىنىي خادىم بۇ يەردە يېڭى ئوقۇش ۋە تۇرمۇشىنى باشلىدى.

  ئۈچ يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، بۇ يېڭى مەكتەپنى قۇرۇش – قۇرماسلىق ئىشى تېخى ئويلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتاتتى. ئەينى چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن شىنجاڭدىكى دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سۆھبەتكە جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىيازمۇ قاتناشقان ۋە باش شۇجىغا ئىنستىتۇتنى كۆچۈرۈپ، كېڭەيتىپ سېلىش توغرىسىدا دوكلات قىلغانىدى.

  ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ كۆچۈرۈلۈش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 258 مىليون يۈەن ئاجراتتى. ئۈچ يىلغا قالمايلا يېڭى مەكتەپ قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنىڭ سىمۋولى. بىز دىنىي خادىملار بۇنىڭدىن چەكسىز مىننەتدارمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى) ما جىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە تاپشۇرۇقى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، بەس – بەستە تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەپ، بېيىشنى پىلانلىدى، بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار تىرىشىپ بېيىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئەمگەكنى شەرەپ، بېيىشنى شەرەپ، پەن – تېخنىكىنى قەدىرلەشنى شەرەپ، دەپ بىلىشتەك ياخشى كەيپىياتنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، ھەر مىللەتتىن بولغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ كۈنى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى تۆۋەنگىچە باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دىن خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، دىن خىزمىتىدە ئېجىل-ئىناق بولغان يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى، ‹‹ئىتتىپاقلىق ۋە ئىناقلىق گۈللىرى ›› تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى