تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

لى يۈەنمىن: دېھقانلارنىڭ قەلبىدىكى ‹‹جەمىلە››

  شى شۆخۇڭ

  ج ك پ مەملىكەتلىك 19 –قۇرۇلتىيى 2017–يىل 10–ئاينىڭ 18–كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 43 پارتىيە ئەزاسى شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل بولۇپ سايلاندى، ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالدى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن، ھەر كەسىپ، ھەر ساھەدە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرى. بۈگۈندىن باشلاپ گېزىتىمىزدە ‹‹پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خىسلىتى›› دېگەن تېمىدا مەخسۇس ئىستون ئېچىپ، ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە روھىي خىسلىتىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ئارىسىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ خىسلىتى ۋە ئىش–ئىزلىرى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىمىز. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن بۇ پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىش–ھەرىكىتى ۋە ئىنسانىي سېھرىي كۈچى ئارقىلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى تۈپ مەقسەت ئېڭى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ئومۇميۈزلۈك ۋەكىللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. روھىي جەھەتتىكى بېسىم، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما خىزمەتنى ياخشى قىلىشقا ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم بار، مەن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، رولىمنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى بېيىپ، ھاللىق جەمئىيەتكە يۈرۈش قىلىشقا يېتەكلەيمەن، دېدى لى يۈەنمىن 9–ئاينىڭ 5–كۈنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  لى يۈەنمىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى بازىرى گەمە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى. بۇ يىل 6–ئاينىڭ 29–كۈنى ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل بولۇپ سايلاندى.

  بىر يېزا ئايالىدىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغىچە، بېيىش ماھىرىدىن ‹‹مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكۈچە... لى يۈەنمىن گەمە كەنتىنى ‹‹ئارقىدا قالغان كەنت››تىن ‹‹كەنتنى ئىدارە قىلىش، كەنتنى كۈچەيتىش››تىكى ئۈلگىلىك كەنتكە ئايلاندۇرۇشقىچە، ئۇ كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلبىدىكى ‹‹جەمىلە››گە ئايلاندى.

  لى يۈەنمىن بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ، بىر ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شەندۇڭنىڭ موپىڭ ناھىيەسىدىن گەمە كەنتىگە كەلگەن، تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ ئائىلىسىگە ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق قىلغان، كەنتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان جىرغىلاڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىن دەريانىڭ شىمالىي قىرغىقىغا ياتلىق بولۇپ، دەسلەپتە بىر كالا بېقىپ، تەدرىجىي ھالدا كالىنى 80 نەچچىگە يەتكۈزگەن، يەر ھۆددە ئېلىپ سامساق تېرىپ، يالتىراق يېپىپ بەرەڭگى، كۆممىقوناق تېرىپ كۈنلىرىنى باياشات ئۆتكۈزگەن.

  2011–يىلى 3–ئايدا لى يۈەنمىن تەشكىل تەرىپىدىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن، ئۇ ئۇرۇق–تۇغقان، دوستلىرىنى يىغىپ، قانداق قىلغاندا شۇجىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىنى سوراپ، ئاخىرىدا: پۇقرالار ئۈچۈن گەپ قىلىدىغان، پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىنى كۆزلەيدىغان كىشى بولۇش كېرەك، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان. 2012–يىلى 2–ئايدا 880 ئائىلىدىكى 3805 كىشىدىن تەركىب تاپقان، ئاز سانلىق مىللەتلەر %87.3 نى ئىگىلەيدىغان گەمە كەنتىدە قائىدە بويىچە سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، لى يۈەنمىن كەنت ئاھالىسىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلانغان.

  كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاھىر يەھيا مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا كەنت ئاھالە كومىتېتى 90 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغانىدى، ھەتتا مەشكە قالىغۇدەك كۆمۈرمۇ تېپىلمايتتى. جەمىلە ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى كۈنى ئۆيىدىن كۆمۈر ئەكەلدى. قەغەز، قەلەمگىمۇ پۇل يوق بولغاچقا، ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقاردى.

  كەنت ئاھالىسى ئۇغلەم ئىسمائىل مۇنداق دېدى: جەمىلە بەك كەسكىن ئىش قىلىدۇ، تاپان ھەققى ئالغان ئىككى كەنت كادىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن، كەنتتىكى دېھقانلار جەمىلەگە باشقىچە ھۆرمەت بىلەن قارايدىغان بولدى. مۇشۇنداق كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىلا، بىزگە ھەقىقىي ئىگە بولالايدۇ!

  ‹‹مەبلەغ، مۈلۈك، بايلىق››نى ئېنىقلاش قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، لى يۈەنمىن كەنت كادىرلىرى بىلەن قولىغا ئۆلچىگۈچ مېتىرنى ئېلىپ يەرلەرنى مېتىرلىغاندىن كېيىن، گەمە كەنتىدە 340 مو يەر ئارتۇق چىققان.

  ‹‹بىر مو يەرنى ھۆددە ئالسا قانچە پۇل؟››، ‹‹300 يۈەن››. كەنتتىكى دېھقانلار قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بەردى. كەنتتە يەنە 83 پارچە توختام تولۇقلاپ ئىمزالاندى، 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ھېساباتقا كىردى، كەنت قەرز پۇلنى تولۇق قايتۇردى.

  لى يۈەنمىن ‹‹بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش›› ئارقىلىق 172 دېھقانغا ئۆيلۈك جاي كېسىپ بەردى؛ تۇرۇبا سۈيىنى دېھقانلارنىڭ ئۆيىگىچە يەتكۈزدى؛ 20 نەچچە كىلومېتىر ئاسفالت يول ياساتتى؛ كەنتتىكى 34 كىلومېتىر توپىلىق يولغا شېغىل ياتقۇزۇپ، ئاسفالتلاشتۇردى؛ 6.5 كىلومېتىر سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ ياسىدى؛ 40 كوچا چىرىغى ئورناتتى؛ كەڭلىكى 12 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 94 مېتىر پولات كۆۋرۈك ياساپ، دېھقانلارنىڭ يول يۈرۈش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى؛ 600 يۈرۈشتىن ئارتۇق لاي كېسەك ئۆينى قىزىل قاڭالتىر ئۆگزىلىك ئەمىن ئۆيگە ئۆزگەرتتى؛ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان كەپىلىك ئۆيىنىڭ ئورنىغا چىرايلىق خىزمەت بىناسى سالدى، كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدىكى ۋاسكېتبول مەيدانىغا يالتىراق قېتىشمىسى ياتقۇزغاندىن كېيىن، ياشلار ھەر كۈنى كەچتە كېلىپ توپ ئوينايدىغان بولدى، يېڭىدىن سېلىنغان 500 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق دېھقانلار كۇلۇبى دېھقانلارنڭ كۆڭۈل ئېچىش ئورنىغا ئايلاندى. لى يۈەنمىن يەنە دېھقانلارنى تېخنىكا ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، ئۇلارغا سامساق، تاۋۇز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنى قولمۇ قول ئۆگەتتى، باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇردى، ئىلگىرىكى نامرات، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ گەمە كەنتى ھازىر چىرايلىق تۈسكە كىرىپ، يىراق–يېقىنغا داڭقى چىققان باي كەنتكە ئايلاندى، كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 12 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  ‹‹جەمىلە مېنىڭ چوڭ قىزىم››. دېھقان مەھپۇزەم قاسىم لى يۈەنمىن ئۈستىدە توختالغاندا چىرايىدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى چىقىپ تۇراتتى. لى يۈەنمىن ماگىزىن ئېچىۋاتقاندا مەھپۇزەمنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ مەھپۇزەمنى ئېرى بىلەن دوختۇرخانىغا موتوسىكلىتلىق ئاپىرىپ، 500 يۈەن داۋالىنىش خىراجىتىنى تۆلىۋىتىدۇ. لى يۈەنمىن يەنە پۇل چىقىرىپ مەھپۇزەمنىڭ ئىككى قىزىغا تويلۇق ئېلىپ بېرىپ، تويغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ، مەھپۇزەمگە ۋاكالىتەن مەھپۇزەمنىڭ ئېرىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ. كەنتتە مەھپۇزەمگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئانىدىن لى يۈەنمىننى تونۇيدىغانلاردىن بىر قانچىسى بار.

  بۇ يىل 7–ئايدا لى يۈەنمىن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، دوختۇرخانىغا ئۇنى يوقلاپ كېلىدىغان دېھقانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ...

  ئابلەت قوناخۇن مۇنداق دېدى: ھازىر جەمىلەگە قايىل بولدۇم، كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىقتىسادى يوقلۇقتىن بار بولدى، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، يول، كۆۋرۈك ياساش، ئۆيلۈك يەر تەقسىملەش، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئىشخانا بىناسى سېلىش قاتارلىق ئۇ دېھقانلارغا ۋەدە قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە مەنمۇ سامساق تېرىدىم، يالتىراق يېپىپ كۆممىقوناق تېرىدىم، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم.

  دېھقان نۇرئەخمەت ئىبراھىم مۇنداق دېدى: بۇ يىل كەنت كادىرلىرى دېھقانلار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، ئىككى كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا كۆكەرتىش بەلبېغى بىنا قىلدى، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا گۈل تېرىپ، گەمە كەنتىنىڭ قىياپىنى باغچىدەك قىلىۋەتتى؛ 7.5كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئېتىز ئارىسىدىن يول ئېلىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغىلى كەلگەن يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇدۇل ئېتىز بېشىغا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن سودا قىلىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى...

  بۇ يىل ناھىيەدىكى يېرىم يىللىق نەتىجە ئۈنۈمىنى باھالاش خىزمىتىدە گەمە كەنتى كادىرلىرىدىن ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى %99.71كە يەتتى.

  لى يۈەنمىن مۇنداق دېدى: بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كەنتتىكى كادىرلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى، قەلبىڭىزدە پۇقرالار بولسا، پۇقرالارنىڭ قەلبىدىمۇ سىز بولىسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى