تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتايلى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىن يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىسىغا نەزەر

  بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىدىكى «نۇرانە مەنزىرە» ـــــــ

  نىشان ئېنىق، يۆنىلىش ئايدىڭ بولدى. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىمىز.

  بۇ، 1 مىلياردتىن كۆپ خەلقنىڭ يېڭى دەۋرگە داغدام قەدەم تاشلاپ مېڭىشىدىكى ‹‹چوڭ دۆلەت تەدبىرى›› ـــــــ

  يېڭى ئورۇندا ئۇلۇغۋار پىلاننى نامايان قىلىش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋردىكى تارىخىي ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويغاندا، ‹‹ئىككى باسقۇچ›› ۋە ‹‹ئىككى قەدەم بويىچە مېڭىش››نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت بولۇشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى بىلەن، دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرگۈسى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 5000 يىلدىن كۆپرەك مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە شەرقتىكى چوڭ دۆلەت جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرماقتا! 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسىغا يېتىشكە تېخىمۇ زور ئىشەنچ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدار بىلەن تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتى!

  كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغۋار پىلان

  ـــــــ 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشتەك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى كۈرەش نىشانى سۈرەتلەپ بېرىلدى

  مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى جۇڭگو دۇنيانى قانداق ھەيران قالدۇرىدۇ؟

  بۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلە، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشقا قاتناشقان جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ھىندىستانلىق مۇخبىرى باكونىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن جاۋابقا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان سوئال ئىدى.

  10 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سەھەردە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغان تۇنجى كۈنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى تولۇق ئاڭلىغان باكو خەلق سارىيى مەركىزىي زالىنىڭ شىمالىدىكى ‹‹پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەخسۇس يولى››غا يېقىن جايدا تۇراتتى. ئۇ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسى تيەنجىن مەركىزىدىن كەلگەن مېڭ شياڭفېيدىن مۇنداق سوئال سورىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەن – تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش جۇڭگودا قانداق زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟

  ‹‹سامانيولى 1 – نومۇر›› ھەر كۈنى 10 مىڭچە تۈرلۈك ھېسابلاش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ، جۇڭگو يېڭى بىر ئەۋلاد ‹‹سامانيولى›› دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساشقا باشلىدى... باكو ۋەكىل مېڭ شياڭفېينىڭ جاۋابىدىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: مەيلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولسۇن ياكى جۇڭگو خەلقى بولسۇن، كەلگۈسىگە قارىتا ئىشەنچكە تولۇشقا يېتەرلىك ئاساسقا ئىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگونىڭ گۈللەنگەن، تىنچ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  كۈرەش نىشانى يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنىغا بەلگە قويدى؛

  بۈگۈنكى جۇڭگو ئۇلۇغ ئارزۇنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى.

  شىۋېيتسارىيەنىڭ ‹‹يېڭى سيۇرىخ گېزىتى››دە ‹‹جۇڭگو يېڭى دەۋرگە يۈزلەندى›› دېگەن باش تېمىدا كەلگۈسىدىكى جۇڭگو يولىغا نەزەر سېلىنىپ: جۇڭگو 2020 – يىلىغا بارغاندا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ؛ 2035 – يىلىغا بارغاندا دۇنيا رىقابىتىدە ئالاھىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىدە جۇڭگولۇقلار ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ بىخەتەر ۋە تېخىمۇ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، دەپ قارالدى.

  ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىختىكى كېسىشىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگونىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىدى زور بولۇپ، كەلگۈسى مۇساپىدىكى ئۈچ كۈرەش نىشانى بەئەينى نۇرلۇق ماياكقا ئوخشايدۇ:

  ـــــــ 2020 – يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛

  ـــــــ 2035 – يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛

  ـــــــ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش.

  چىڭخۇا داشۆ دۆلەت ئەھۋالى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ نىشان يېقىنقى مەزگىللىك، ئوتتۇرا مەزگىللىك ۋە يىراق مەزگىللىك دەپ ئايرىلىپ، ئۆتكەنكى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىنكى ئىشقا ئاساس سېلىشنى، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشنى مەقسەت قىلدى، يېڭى كۈرەش نىشانى پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇغانلىقى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىگەنلىكىنىڭ ئاساسى بولۇپ، يېڭى كۈرەش نىشانىغا يېتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىلىپ، ئۇ قاتلاممۇقاتلام ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  ۋاقىت ئوردىنات ئوقىدىن كۆزەتسەك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پەللىگە ئېتىلىش باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ يىلغا قەدەم قويدى، ‹‹19 – قۇرۇلتايدىن 20 – قۇرۇلتايغىچە بولغان›› كېسىشىش مەزگىلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى باشلاشنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى پۇختىلايدۇ.

  ‹‹ئىككى باسقۇچ››تىكى تۇنجى ‹‹15 يىل كۈرەش قىلىش›› مۇساپىسىدە ‹‹ئىجادچان دۆلەت››، ‹‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى››، ‹‹ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى››، ‹‹زامانىۋى جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى››، ‹‹گۈزەل جۇڭگو›› قاتارلىق ئالتە نۇقتىدىن چىقىلىپ، 2035 – يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  ئىككىنچى ‹‹15 يىل كۈرەش قىلىش›› مۇساپىسىدە نىشان تېخىمۇ ئۇلۇغ بولۇپ، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا ئېلىمىز باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش ـــــــ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خۇنەن ئۆلكىلىك يۆلەش – ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئومۇمىي ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا چاقىرىق قىلىندى. بۇ، ئىپتىخارلىنىش ۋە پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك يېڭى دەۋر!

  ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرىدە ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىش ـــــــ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ داغدام يولىدا يېڭى شانلىق سەھىپىنى داۋاملىق ياراتتى.

  كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹2035 – يىلىغا بارغاندا يېتىدىغان نىشان›› ئەمەلىيەتتە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىدىكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا يېتىدىغان تەرەققىيات سەۋىيەسىنى 2035 – يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، كۈرەش قىلىش مۇساپىسى 15 يىل قىسقارتىلدى.

  خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ كۈرەش قىلىش مۇساپىسى قىسقارتىلدى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، جۇڭگونىڭ تېزدىن قەد كۆتۈرۈشى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ بىرى.

  ۋەكىل، خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى خۇي دوكلاتتا كۈرەش نىشانى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە ‹‹قەتئىي تەۋرەنمەسلىك ۋە بوشاشماسلىق›› دېگەن سۆزنىڭ ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكىگە بەكرەك دىققەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان دوكلات، شۇنداقلا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان چاقىرىق. مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان پارتىيە ئەزاسى بىلەن بىللە، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، ئېگىلمەس – سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىدۇ

  ـــــــ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق مەنزىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، شۇنداقلا دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم ئېتىدۇ

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇش ھارپىسىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ ‹‹تارىخقا سوئال››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: ئەجدادلىرىمىز ۋە بىز ئۇزاققىچە ئىنتايىن جاپالىق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۈچلۈك ئىچكى – تاشقى ئەكسىيەتچىلەرنى يەڭدۇق، مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق گۈللەپ ياشنىغان دۆلەت قۇرساق نېمىشقا بولمايدۇ؟

  جاپالىق ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەش.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەۋلادمۇئەۋلاد تىرىشىش ئارقىلىق دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بۈگۈنكى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ كۈرەش نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ماۋزېدۇڭنىڭ ‹‹تارىخقا سوئال››ىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋاب.

  تارىخقا سوئال كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىشىگە ئېھتىياجلىق.

  ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، 19 – قۇرۇلتايدا كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان كۈرەش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە ـــــــ

  تېخى يېقىنقى مەزگىلگىچە، چېگرا رايونغا جايلاشقان بەزى ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى ۋەكىللەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا كېلىشىگە ئاز دېگەندە بىر نەچچە كۈن، كۆپ بولغاندا ئون نەچچە كۈن كېتەتتى. ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى جۇڭگونىڭ جاي – جايلىرىغا تۇتاشتۇرۇلدى، سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىرغا يېتىدىغان ‹‹گۈللىنىش›› ناملىق تېز پويىز بېيجىڭ – شاڭخەي ئارىلىقىدا قاتنىدى، نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەردىكى ۋەكىللەر مانا مۇشۇ تېز پويىزغا ئولتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتناشقىلى كەلدى.

  19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شېنياڭ تۆمۈريول ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تاڭ شياۋگۇاڭ مۇنداق دېدى: قاتناشتىكى ئۆزگىرىش بىر دۆلەت ۋە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي داستانلاردىكىدەك زور ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىدە ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگودا كۈنسېرى ئۆزگىرىش بولماقتا.

  زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ زامانىۋىلىشىشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەملەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقىدا.

  19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يۈشى شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ياڭ چيۇڭيىڭ يانچۇق خاتىرىسىگە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان چېگرا رايون مائارىپ ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلىۋالغانىدى. ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، مائارىپ خىزمەتچىلىرىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، مائارىپ قارىشىنى تېخىمۇ يېڭىلاپ، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەربىر بالىنى تىرىشىپ باراۋەر، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇشى كېرەك››.

  دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ياشانغانلار مەسىلىسىگە پائال ھازىرلىق كۆرۈپ، ياشانغانلارنى كۈتىدىغان، ياشانغانلارغا ۋاپادارلىق يەتكۈزىدىغان، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغانلار ئىشلىرى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. بۇ، 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، چۇڭچىڭ تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاۋ چىڭخۇانى ئىنتايىن ھاياجانلاندۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەرنى بۇنىڭغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىدۇ، ياشانغانلارنىڭ ئاز كېسەل بولۇپ، قېرىشىنى كېچىكتۈرۈپ، ياخشى ياشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، ياشانغانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى تيەن يىڭكۈي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتتا خەلق مەركەز قىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

  19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، گۇيجۇ ئۆلكىسى يىنجياڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى تيەن يەن مۇنداق دېدى: بىز ئىلگىرى ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتۇق، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا تېخىمۇ ئەرزىيدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى ‹‹باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق›› دېگەن ئىپادىلەش سۆزلىرىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹گۈزەل›› دېگەن سۆزگە بەكرەك دىققەت قىلغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەيلى 2035 – يىلىغىچە ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولسۇن، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىيىتىدە گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

  19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، يەنئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ شىنرۇڭ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىككى ‹‹ئىنسانىيەت مۆجىزىسى››نى ياراتتى، بىرى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى بولدى، يەنە بىرى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت ئىناق ۋە مۇقىم بولدى؛ ‹‹ئىككى چوڭ دۇنياۋى قىيىن مەسىلە››نى ھەل قىلدى، بىرى، نامراتلىق تۈگىتىلدى، يەنە بىرى، چىرىكلەشكەنلەر جازالاندى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھازىرقى ئەڭ يېڭى، ئەڭ كارغا كېلىدىغان ماركسىزم بولۇپ، ئۇ جۇڭگوغا تەۋە بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنياغىمۇ تەۋە بولدى.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شى جۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، ئېلىمىز تەرەققىياتىدىكى يېڭى تارىخىي يۆنىلىش. جۇڭگو مەمۇرچىلىقىغا پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكمەكتە.

  جۇڭگو ئۆتكەنكى بەش يىلدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلەر دۇنياغا نۇرغۇن ‹‹پايدا›› يەتكۈزدى؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن جۇڭگو ئاچقان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى ‹‹جۇڭگو ئامىلى›› پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ‹‹پۇرسەت›› يارىتىپ بېرىدۇ.

  بىر ئاي ئىلگىرى 19 – قۇرۇلتاي ۋەكىلى، شىئەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۇڭكاڭ گېرمانىيەگە بېرىپ، ‹‹چاڭئەن›› ناملىق نۆۋەتچى پويىزى بىلەن ئاۋىياتسىيە يۈك ئايروپىلانى گېرمانىيە قاتناش لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، گېرمانىيە بانكىسىنىڭ باش مۇدىرى ئېپاۋلو جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش تەدبىرىنى ماختاپ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە بانكىسى جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى بەك قوللايدۇ، بۈگۈنكى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

  ۋەكىل ۋاڭ يۇڭكاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۇنياغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. شىئەن يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىكى شەھەر بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى شەھەرلەر بىلەن ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىدۇ.

  ‹‹دۇنياغا نېمە بولدى؟››، ‹‹دۇنيا قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؟›› دېگەن سوئال پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان پەيتتە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتى كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى:

  ‹‹بىز ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز››.

  ‹‹جۇڭگو خەلقى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ››.

  ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ زور يېڭى تۆھپە قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىدۇ››.

  ...

  سىنگاپور دۆلەتلىك داشۆسى شەرقىي ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جېڭ يۇڭنيەن مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشقا دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەدىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، بۇ پارتىيە بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە.

  جۇڭگو يولى دۇنيانى ئىلھاملاندۇردى، جۇڭگو لايىھەسى پۈتۈن دۇنياغا نەپ يەتكۈزدى.

  پىروفېسسور خۇ ئەنگاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىدۇر. ئۇ، دۇنيادىكى تەرەققىياتنى تېزلىتىشنى ھەم تەرەققىياتتىكى ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنى يېڭى تاللاشقا ئىگە قىلدى، ئىنسانىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگونىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم ئەتتى.

  ـــــــ ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

  ـــــــ 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپرەك خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى جەزمەن تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرىدۇ

  شىۋېيتسارىيە ‹‹يېڭى سيۇرىخ گېزىتى››نىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ماتتىئاس مۇللېر مۇنداق دېدى: جۇڭگودا بۇ بىر قانچە يىلدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئىنتايىن زور، بېيجىڭ يېڭى ئايروپورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونىدىكى بېيجىڭ يېڭى ئايروپورتى قۇرۇلۇشى مەيدانىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى خەۋەر قىلىشقا قاتنىشىدىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 60 نەچچە مۇخبىر كەلدى. چەت ئەللىك مۇخبىرلار يېڭى ئايروپورت قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ خۇددى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئوخشاشلا تېز بولۇۋاتقانلىقىنى ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى.

  ۋاقىت تېز ئۆتمەكتە، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم تاشلانماقتا.

  ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ ئېقىنلىرىدىن ئۆتۈپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ داۋالغۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۈگۈنكى جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى. جۇڭگو مۆجىزىسىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؟ كەلگۈسىدىكى يولنى قانداق مېڭىش كېرەك؟

  100 چاقىرىملىق يولنىڭ 90 چاقىرىمىنى بېسىپ بولدۇق. ئاخىرقى چوققىغا چىقىش يولىدا تىك داۋانغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، نىشانغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، شۇنچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  بۇرچ مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشقا چاقىرماقتا، ئارزۇ كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھەرىكەت كۆرسەتمىمىز ـــــــ

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، كەلگۈسى كۈرەش نىشانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدىكى ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› ۋە ‹‹14 نۇقتىدا چىڭ تۇرۇش››نىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ھاسىل قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ شۇگۇاڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش بىزنىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب، شۇنداقلا يېڭى – يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزدىكى ئەڭگۈشتەر.

  ۋەكىل ليۇ شۇگۇاڭ دوكلاتتا ئوخشاش بولمىغان ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىغا دىققەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا 100 نەچچە تۈرلۈك يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇلار ناھايىتى كۈچلۈك مەشغۇلاتچانلىققا ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە، ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تەدبىر، ھەرىكەت قىلىدىغان چارە بوپتۇ. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ھەرىكەتنىڭ ماركسىزمى، بىز باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدىن يارقىن ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ‹‹مىخ قېقىش روھى››نى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ئەقىل – پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىكى يۆلەنچۈك قىلىشىمىز كېرەك ـــــــ

  ھەر دەرىجىلىك ھەر قايسى تارماقلار، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر، ئېلىمىزدىكى ھەممە جايلار... بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

  يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش ھەل قىلغۇچ رول ئوينىماقتا. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چوقۇم پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

  ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى مارتىن ياك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو جەمئىيىتىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى، جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى لايىھەلىگۈچى، بۈگۈنكى جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشنىڭ يادروسى، شۇڭا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇپ، جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا قەتئىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشتا ئاچقۇچ پارتىيەدە.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى چوقۇم يېڭى قىياپەت بىلەن يېڭى رول ئوينىشى كېرەك.

  جۇڭگو نېفىت – خىمىيە گۇرۇھى غالىبىيەت نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ياڭ چاڭجياڭ مۇنداق دېدى: 5377 پارتىيە ياچېيكىسى، 110 مىڭ پارتىيە ئەزاسى غالىبىيەت نېفىتلىكىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئىناقلىق، مۇقىملىقىدىكى تايانچ كۈچ. بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى باش سىياسىي ۋەزىپە، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم تېما قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىپ، دىققىتىمىزنى ياچېيكىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، قورغاننى مۇستەھكەم قۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنى مۇۋەپپەقىيەت يولىغا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە، بىز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك ـــــــ

  يول قانچىكى ئۇزاققا سوزۇلغانسېرى، بۇ يولدا نېمە ئۈچۈن مېڭىۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك.

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى. يېڭى دەۋردە جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى شىن مىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئېلىمىز ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆسكەنلىكىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىكەن.

  نىڭبو شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش باش شىركىتى 36 – يول ئاپتوبۇسىنىڭ شوپۇرى، ۋەكىل چېن شيانا مۇنداق دېدى: پارتىيە ۋە خەلق خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر مەقسەتتە تىرىشسا، چوقۇم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يولۇچىلارغا تېخىمۇ ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ ئازادە مۇھىت يارىتىمەن. كىچىك ئىش ئەمەلىيەتتە چوڭ ئىشتۇر، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلساق، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  10 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، بېيجىڭدىن ئاز كەم 2000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شياڭشى ئوبلاستى شىبادۇڭ كەنتىدە 40 نەچچە مياۋزۇ پارتىيە ئەزاسى ۋە كەنت ئاھالىسى 79 ياشلىق شى چېڭفۇنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆردى، يولداش شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  شىبادۇڭ كەنتى دەل يولداش شى جىنپىڭ 2013 – يىلى بۇ يەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ‹‹نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش››نى ئوتتۇرىغا قويغان جاي ئىدى. ئۈچ يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا كەنتتىكى 136 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  شى چېڭفۇ مۇنداق دېدى: بىز پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمىز.

  ئىشنى ياخشى قىلىشتا ئاساسنى پۇختا سېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغ نىشانىغا يېتىشتە، مىليونلىغان خەلقنىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە بىلەن خەلق باشتىن – ئاخىر تەڭ ئويلاپ، بىللە ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  دەۋر قانچىلىك ئۆزگەرسۇن، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان جۇڭگو ‹‹ئىككى 15 يىللىق كۈرەش›› ئارقىلىق مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنى جەزمەن دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرگۈزەلەيدۇ.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى