تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

بارلىقىنى ئاغرىقلارغا بېغىشلىغان ئاق خالاتلىق پەرىشتە

  

− قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى، كەسپىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى روشەنگۈل ئابدۇكېرىم توغرىسىدا

  

مۇخبىرىمىز گاۋ ۋا

  بەزىلەر مۇھەببەت پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش كىشىگە ھەر ۋاقىت خۇش ھىد ئاتا قىلىدۇ، دېيىشىدۇ. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى ياردەمچىسى، كەسپىي تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى روشەنگۈل ئابدۇكېرىم دەل قەلبىدىن خۇش ھىد تاراپ تۇرىدىغان ئايال، ئۇ ياشلىق باھارى ۋە قان- تەرىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزمەكتە.
 

  ئۇ ئوتتۇرا بوي، خۇش پېئىل، تېتىك بولۇپ، 50 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، جىسمىدىن ياشلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. ئۇ زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا سەل تارتىنىپ: مەن بىر تېببىي خادىم، سۆزلىگىدەك ئىشمۇ يوق، دېدى، لېكىن كەسىپ توغرىسىدا توختالغاندا، ناھايىتى سۆزمەن بولۇپ كەتتى...
 

  ئاغرىقلارنىڭ قەلبىنى چىن مېھرى بىلەن ئىللىتىش
 

  كۆپچىلىكنىڭ نەزەرىدە، روشەنگۈل ئابدۇكېرىم كۈندە دېگۈدەك ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ كۈندە كېسەلخانا، ئېغىر ئاغرىقلارنى كۆزىتىش ئۆيى ئارىلىقىدا قاتراپ يۈرىدۇ، ھەر قانچە ئالدىراش، جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاغرىقلارغا ھەر ۋاقىت ئىللىق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: ئادەم ئاغرىپ قالغاندا كۆيۈنۈشكە ئەڭ موھتاج بولىدۇ، دوختۇر- سېسترالارنىڭ تەبەسسۇمى، ئىلھامى ئاغرىقلارغا كۈچ- قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ.
 

  روشەنگۈل ئابدۇكېرىم دوختۇرخانىنىڭ پەرۋىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاغرىقلارغا ئۆز ئۆيىدىكىدەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن چارە- ئامالنى ئويلىدى. 2010- يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى يولغا قويغان «دوختۇرخانا- مەھەللە- ئائىلە يۈرۈشلۈك پەرۋىش مۇلازىمىتى»نى دەل روشەنگۈل ئابدۇكېرىم كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە ئىزدىنىپ بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ ئەندىزە داۋالاش- پەرۋىش مۇلازىمىتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئاغرىقلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، قولاي، تېز، خاس داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
 

  روشەنگۈل ئابدۇكېرىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دوختۇرخانا- مەھەللە- ئائىلە يۈرۈشلۈك پەرۋىش مۇلازىمىتى» ئەندىزىسىدە، ئاغرىقلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن تارتىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچە، تەكشۈرۈش، داۋالاش، پەرۋىش جەريانىغا باشتىن- ئاخىر بىرلا داۋالاش- پەرۋىش گۇرۇپپىسى مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، داۋالاش- پەرۋىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىپ يوقلاش خىزمىتى باشلىنىدۇ. دوختۇر- سېسترالار مەھەللە، كەنتلەرگە بېرىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنى دوختۇرخانا سىرتى ۋە ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلمىي، كەسپىي، قولاي تېخنىكىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
 

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى 2016- يىلى جەلپكار كېسەلخانا رايونى قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، «كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش تۇيغۇسىنى ياخشىلاش»نى مەقسەت قىلغان مەخسۇس پەرۋىش تېخنىكىسىنى يولغا قويدى. مەسىلەن: تۇغۇتتىن بۇرۇنقى ئانىلارچە مۇلازىمەت، ھالرەڭ يىپەك لېنتا ئاياللارغا كۆيۈنۈش كوللېكتىپى، قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى ئائىلىسى، بۆرەك كېسەللىرى دوستلۇق ئۇيۇشمىسى قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىچە مۇلازىمەت ئارقىلىق دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنى ئۈنۈملۈك يېقىنلاشتۇرۇپ، دوختۇرلار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇردى. ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى «ئىنچىكە، مېھرىبان، سەمىمىي، ئىرادىلىك بولۇش»نى ئاساس، ئاغرىقلارنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت مۇلازىمەت ئىدىيەسىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
 

  8- ئاينىڭ 20- كۈنى سەھەردە، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئەرمۇدۇن يېزىسىدىكى مەھبۇبە ھېلىمنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى. قىزى خەيرىنىسا دوختۇر- سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى بىلەن ئاپىسىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى.
 

  باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش چولپىنى
 

  روشەنگۈل ئابدۇكېرىم كەسىپداشلىرىنىڭ نەزەرىدە تىرىشچان، ئەستايىدىل، كۆپ پىكىر يۈرگۈزىدىغان زېرەك ئايال. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمى ئۇنىڭغا قانات بولدى، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، كۆزى ئېچىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2012- يىلى گۇاڭدۇڭغا تەربىيەلىنىشكە باردىم، ئۇ يەردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئەندىزىسى ۋە مۇلازىمەت ئىدىيەسى ماڭا زور ئىلھام بولدى، بۇ ئىلغار ئۇسۇللارنى قەشقەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم.
 

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، روشەنگۈل ئابدۇكېرىم ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پەرۋىش بۆلۈمى پەرۋىشتە دائىم قوللىنىلىدىغان ئىلغار تەكشۈرۈپ باھالاش سىستېمىسىنى ئالدىن كىرگۈزۈپ، APN پەرۋىش خادىملىرىنى ئىسمېناغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسىنى ئورناتتى ھەم ئومۇمىي پەرۋىش ئەندىزىسى بويىچە كېسەلخانا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇردى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار ئارىسىدا خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەر بۆلۈمى، جىددىي دىياگنوز قويۇپ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى، ياشانغانلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، قەنت كېسىلى بۆلۈمى قاتارلىق 12 مەخسۇس بۆلۈم (گۇرۇپپا)نى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس بۆلۈملەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، سىرتتىن كىرگۈزۈش، ئىچكى قىسىمدا بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك تېببىي تەربىيەلەش كۇرسىدىن 50 نەچچە قارار ئېچىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.
 

  2015- يىلى رەھبەرلىكنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە روشەنگۈل ئابدۇكېرىمنىڭ ھارماي- تالماي تىرىشىشى بىلەن، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلىك دوختۇرخانىلار بىلەن بىرلىشىپ «گۇاڭدۇڭ- قەشقەر 100 قابىل سېسترا تەربىيەلەش تۈرى»نى يولغا قويدى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كىلىنىكىلىق پەرۋىش مەخسۇس بۆلۈمى ۋە مەخسۇس بۆلۈم سېسترالىرىنى تەربىيەلەش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونغا يۇقىرى ساپالىق مەخسۇس بۆلۈم سېستراسىدىن 300 نەچچىنى تەربىيەلەپ بەردى.
 

  لو ۋېنجۈن پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، ئادەتتىكى سېسترادىن سېسترالار باشلىقى بولۇپ يېتىشىپ، ئاغرىقلار ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: روشەنگۈل بىزنىڭ ياخشى ھەدىمىز، مەيلى مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ياكى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ تەرەققىياتىغا بولسۇن، ھەممىسىگە روشەنگۈلنىڭ يۈرەك قېنى ۋە ئەجرى سىڭگەن.
 

  تىرىشىپ ئىشلەپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ساداقىتىنى بىلدۈرۈش
 

  روشەنگۈل ئابدۇكېرىم پەرۋىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاغرىقلار ۋە خىزمەتنى باشتىن- ئاخىر قەلب تۆرىگە قويدى. روشەنگۈل ئابدۇكېرىم تىلغا ئېلىنسا، ئۇنى تونۇيدىغانلار: ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئوتپوسكا ئېلىپ باقمىدى، ئاغرىپ قالغاندا ئىشخانىدا ئاسما ئوكۇل سالدۇردى، قولى سۇنۇپ كەتكەندىمۇ بىلىكىنى ئېسىۋېلىپ ئىشلىدى، دېيىشتى.
 

  قەشقەر ۋىلايەتلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ ليەنيىڭ ئەينى چاغلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر يىلى دوختۇرخانىمىز روشەنگۈلنى تاشقورغان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ياردەمگە ئەۋەتتى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغلى ئاران بەش ياشتا ئىدى، ئەمما روشەنگۈل قىلچە ۋايسىماي، شۇ كەتكىنىچە نەچچە ئاي تۇردى. روشەنگۈل ئابدۇكېرىم تاشقورغان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەت تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ، مۇكەممەل پەرۋىش- باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى، ئاساسىي قاتلامدىكى سېسترالارنى ئېغىر ئاغرىقلارنى پەرۋىش قىلىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىدى.
 

  جاپانىڭ تېگى راھەت. روشەنگۈل ئابدۇكېرىم جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ بىر قانچە يىلدا، ئۇ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ مەملىكەتلىك تۆھپىكار ئاياللار ئۈلگىسى، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەرۋىش- باشقۇرۇش كادىرى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار خىزمەتچى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

 روشەنگۈل ئابدۇكېرىم بۇ شان- شەرەپلەردىن قانائەتلىنىپ قالمىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىر ئاددىي تېببىي خادىم، خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلدىم. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مەسئۇلىيىتىمنىڭ ئېغىر، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ياخشى روھىي ھالەت ۋە پۇختا خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ساقلاپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى