تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 23–قېتىملىق ئۆگىنىشىنى تەشكىللىدى

   19–قۇرۇلتاي روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 19–قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىللىق 23 – قېتىملىق ئۆگىنىشىنى تەشكىللەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، شۇنىڭدەك 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ناھايىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىلدى، كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ زور سىياسەت – فاڭجېنلىرى ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى سىستېمىلىق شەرھلەندى، دوكلات پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پروگراممىسى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە جان كۆيدۈرۈپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى بولۇپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگودا ماركسىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆپ قېتىم مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، بىزنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغدىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت بۇ يادرونى قوغداشنى ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە دەپ بىلىپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى تونۇشى، سىياسىيدا يادرونى قوغدىشى، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇشى، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىشى، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى ئىزچىل قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشى، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىشى ۋە يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ زور رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشى كېرەك. پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشى، تۆۋەندىكىلەرگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك؛ ئەينەن ئۆگىنىپ، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تەكرار، سىجىل ئۆگىنىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ماھىيىتىنى ئىگىلەش، تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشكە كۈچىشى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىق، مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، چېگرانى مۇستەھكەملەش، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش قاتارلىق خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى