تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى

  پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (1)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ھەر قېتىمقى زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەمىز ھەمىشە ئومۇمىيلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئىدىيەۋى پىروگراممىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش، يېڭى مەنزىل ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ كەلدى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ، پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ھالقىلىق مەزگىلدە چاقىرغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، پارتىيەمىز ئىدىيەدە، نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە بىر قاتار زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭ – چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنى شەرھلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى سەپەرنى باشلىشى، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىدۇر. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇرۇش.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىن بىر قېتىملىق چوڭ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بولۇش ئاساسىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچەش نۇقتىسىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە ئىكەنلىكىگە، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئارىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى قاتارلىق زور ھۆكۈملەرنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى چوڭ – چوڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارغا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۈتۈن پارتىيە ھىمايە قىلىدىغان، خەلق قەدىرلەيدىغان، داھىي بولۇشقا مۇناسىپ پارتىيەمىزنىڭ داھىيسى ئىكەنلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. 19 – قۇرۇلتاي روھىنى كارخانا، يېزا – كەنت، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، گازارما، تور پونكىتلىرىغا يەتكۈزۈپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيەنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيەمىزنىڭ تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورنى توغرىسىدا چىقىرىلغان زور سىياسىي ھۆكۈم. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن تۆتنى ‹‹چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش›› كېرەك. يەنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت يېڭى ھۆكۈمنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئىگىلەپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتقىلى بولىدۇ؛ ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى تونۇپ، دەۋر تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشقىلى بولىدۇ؛ ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى نىشانىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەندىلا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىگىلەپ، كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرغىلى بولىدۇ؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرگەندىلا، پارتىيەنى قەتئىي تەۋرەنمەي تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى كۈچەيتىكىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ جېنى، پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيەدە دەۋر بۆلگۈچ زور يېڭىلىق يارىتىشى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى پارتىيەمىز ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يۈكسەكلىكىدە چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك. ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش››تىن ‹‹14تە چىڭ تۇرۇش››قىچە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئىلمىي نەزەرىيەنى شەكىللەندۈردى، بۇ نەزەرىيەنىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، تارىخىي ئورنى، ئىلمىي سىستېمىسى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، ئۇنىڭدىكى قەتئىي ئېتىقاد ۋە ئىشەنچ، خەلقنى مەۋقە قىلىشتەك روشەن مەيدان، كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق، راستچىل – ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى، دادىل يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئۇنىڭ روشەن ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرى، دەۋر خاراكتېرى ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرىنى ئىگىلىيەلەيمىز. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش داۋامىدا ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىلغان نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوي – پىكىردىمۇ، ئىشلەشتىمۇ باشتىن – ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن پارتىيەگە: ‹‹پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى›› دېگەن ئۇلۇغ چاقىرىقنى چىقاردى. يېڭى دەۋردە يېڭى روھ بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا يېڭى شەرەپلەرنى پۈتۈپ، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتايلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ