تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايلى

   پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا(1)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

  تۈرلۈك قارالمىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغاندىن كېيىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە خۇلاسىلەندى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقى قاتارلىق زور سىياسىي ھۆكۈملەر چىقىرىلدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىي بۇرچى چوڭقۇر شەرھلەندى، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش بېكىتىلدى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قۇرۇلتايدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. قۇرۇلتايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سايلاپ چىقىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى بىر قېتىملىق ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىشەنچىگە زور مەدەت بولدى ۋە كۈچىنى زورايتتى، بۇ، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى باش سىياسىي ۋەزىپە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش.

  مۇھىم نۇقتىنى تۇتقاندا، ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ، يىلتىز چىڭ بولسا دەرەخ باراقسانلىشىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەڭ نېگىزلىك ۋەزىپە. بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ تارىخىي ئورنى، روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى پارتىيەنىڭ جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيەسى، دەپ بېكىتكەنلىكىنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› نىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە ‹‹14 تە چىڭ تۇرۇش›› تۈپ تەدبىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، بۇنىڭ بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى قەتئىي ئېغىشماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يېڭى دەۋر يېڭى ئورۇننى كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى مۇساپە يېڭى ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، يېڭى دەۋردىكى بۇ تارىخىي ئورۇننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدا چىقىرىلغان زور ھۆكۈمنى چوڭقۇر تونۇش، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۈرەش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەش، ئەمەلىيەت جەريانىدا ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى، دۆلەتنى، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىشلىرىدا يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەش. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، داۋاملىق ئۇلۇغ گۈللىنىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزدىن خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، زور خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپلەرگە قارشى تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى قىلىشنى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە كۈچلۈك جەڭگىۋارلىقىنى مەڭگۈ ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن يېڭى دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى ياراتقاندىلا، پارتىيەمىز خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، تارىخىي تاللاشقا مۇناسىپ ھالدا بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش. جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كېلەچىكى ئۇلۇغ، ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرماقتا، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل – پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپىلەر ئاساسىدا مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى