تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

زېمىن بايلىقى: ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تىرەك بولدى

 دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭنىڭ يەر مەيدانى كەڭ، بايلىقى مول. بۇ يەردە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان كۆمۈر كان، نېفىتلىك، تەبىئىي گازلىق، شۇنداقلا 1000 يىللاردىن بۇيان قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مۇزلۇق، سۇلىرى تاتلىق ھەم سۈزۈك دەريا – ئېقىنلار ۋە چەكسىز كەتكەن يايلاقلار بار.

 پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە زېمىن بايلىقى سىستېمىسىدىكىلەر ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك››تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە ‹‹بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى››نى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي پىلانلاش ۋە قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، زېمىن بايلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتتى، ئاپتونوم رايون بويىچە بايلىقنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، زېمىن بايلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە باشقۇرۇش تەرتىپى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

 مۇخبىرىمىز ليۇ يى

 يوشۇرۇن كۈچ قېزىلىپ، دۆلەتنىڭ بايلىق ئېھتىياجى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلدى

 قېزىلما بايلىقلارنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، كان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تارقىلىشى كەڭ، كانلارنىڭ ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلۈك، مۇكەممەل، بايلىق يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇشتەك ئەۋزەللىك ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە زېمىن بايلىقى سىستېمىسىدىكىلەر باشتىن – ئاخىر بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم خىزمەت مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 يېقىندا ئېچىلغان 2017 – يىللىق جۇڭگو (تيەنجىن) خەلقئارا كانچىلىق يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى چارلاش – ئېچىش نەتىجىلىرى نۇرغۇن يىغىن قاتناشقۇچىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرى كىشىلەرنىڭ تەسىراتىدىكى نېفىت ۋە كۆمۈر بولماستىن، بەلكى نېكىل مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا، كالىيلىق تۇز مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە 2 – ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مىس، ئالتۇن، سىنك، قوغۇشۇن قاتارلىق كۆپ خىل قېزىلما بايلىق مىقدارىنىڭ بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدى، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بايلىق چوڭ خەزىنىسىگە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولغانىدى.

 پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون مالىيەسى نېفىت، تەبىئىي گازدىن باشقا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەبلىغىدىن 14 مىليارد 231 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 30 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئىجتىمائىي مەبلەغ سېلىنمىسىغا تۈرتكە بولۇپ، گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە 76 مىليارد 996 مىليون توننا كۆمۈر، 1 مىليارد 64 مىليون توننا تۆمۈر (رۇدا مىقدارى)، 4 مىليون 724 مىڭ 100 توننا قوغۇشۇن، 21 مىليون 901 مىڭ 200 توننا سىنك قاتارلىق بىر تۈركۈم قېزىلما بايلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارى يېڭىدىن كۆپەيدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتىنىڭ نازىرى قادىربېك قامزا مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ‹‹358›› تۈرى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەشتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئاساسلىق كان تۈرلىرىنىڭ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان جەمئىي ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن ئون ھەسسىگىچە توغرا كېلىپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە، پەۋقۇلئاددە چوڭ تىپتىكى بايلىق ئېچىش بازىسىدىن 10ى شەكىللىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق زېمىن بايلىقى نازارىتى بۇ يىل ‹‹قۇرۇلۇش تۈرىدە يەر ئىشلىتىشنى ئالدىن تەكشۈرۈش ۋە يەر ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاشقا سۇنۇش خىزمىتىنى ياخشىلاش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، تەرتىپنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يەرنى تەكشۈرۈش، تەستىقلاشقا سۇنۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش يېرىنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

 ئىلمىي، تەرتىپلىك بولۇپ، يېشىل كان ئېچىش ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇلدى

 باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: ‹‹بىزگە ھەم سۇلىرى سۈزۈك، زېمىنى يېشىل تۇپراق، شۇنداقلا بايلىق كېرەك. بىزگە بايلىق بولمىسا مەيلىكى، سۇلىرى سۈزۈك، زېمىنى يېشىل تۇپراق بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈيى سۈزۈك، زېمىنى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق››.

 بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زېمىن بايلىقى خىزمىتى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىلمىي پىلانلاش ۋە قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىقنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يېشىل تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

 قابا ناھىيە بازىرىدىن 31 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاشىلى مىس كېنى بۈگۈنكى كۈندە ئاپتونوم رايونىمىز ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتكە داڭلىق كانغا ئايلاندى، بۇ مىس كېنىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى زاپاس مىقدارى كۆپ بولۇپلا قالماي، كان رەھبەرلىرى كان بايلىقى بىلەن مۇھىتنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىچە يول تاپتى.

 180 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كان رايونىنىڭ كۆكەرتىش كۆلىمى %65كە يېتىپ، يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى، كېرەكسىز تاش دۆۋىسىدە ئەھيا قىلىنغان قاتار – قاتار كەتكەن ئورمان بەلبېغى ۋە ئېدىرلىقلاردىكى ياپيېشىل چىملىقلار... مانا مۇشۇنداق ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرىلەر ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ جاينىڭ مىس كان رايونى ئىكەنلىكىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۈگۈنكى ئاشىلى مىس كېنى ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم قېزىلما بايلىق ئېچىش كارخانىسى ھەم دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلاندى، ئاشىلى مىس كېنى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق، سانائەت بىلەن مۇھىتنى ماس تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

 ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 26 دۆلەت دەرىجىلىك، ئالتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئورنى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 14 ى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى، بۇلار تۆمۈر، مىس، نېكىل، ئالتۇن، ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار، سىنك، نېفىت، كۆمۈر ۋە كالىيلىق تۇز قاتارلىق كان تۈرلىرىگە چېتىلىدۇ.

 ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەر بايلىقىنى قوغداش – ئېچىش جەھەتتە ئەڭ قاتتىق تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە يەردىن تېجەشلىك پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نامۇۋاپىق يەر ئىشلىتىشنى قەتئىي چەكلىدى. ‹‹12 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە نامۇۋاپىق ئىشلىتىلگەن يەردىن تەخمىنەن 31 مىڭ 700 مو ئازايتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، تېرىلغۇ يەر 11 مىڭ 100 مو بولۇپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى قەتئىي ساقلىنىپ، تەستىقلاش ئومۇمىي كۆلىمى مۇۋاپىق رايون ئىچىدە كونترول قىلىندى. 

 دادىل يېڭىلىق يارىتىلىپ، زېمىن بايلىقى تەرەققىياتىنىڭ ‹‹زاپاس كۈچى›› ئاشۇرۇلدى

 قانداق قىلغاندا زېمىن بايلىقىنى دائىملىق باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە زېمىن بايلىقى تارماقلىرىنىڭ ئەزەلدىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تېمىسى ئىدى، بۇ تېمىنى ھەل قىلىش لايىھەسى شۇكى، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات مۇھىتىنىڭ زېمىن بايلىقى خىزمىتىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

 زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى 2015 – يىل 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ئۆزىنىڭ كۆزنەك تور بېكىتىدە شىنجاڭنىڭ نېفىت – تەبىئىي گاز تەكشۈرۈش بۆلىكىگە خېرىدار چاقىرىش ئېلانىنى چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، كىشىلەر بۇ تەدبىر شىنجاڭدا نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان نېفىت – تەبىئىي گاز بايلىقى بىرلەمچى مەھسۇلاتلار ساھەسى ئىسلاھاتى مۇقەددىمىسىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارىدى.

 دۆلەت ئوخشاشلا 2015 – يىلى يېزا يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويدى، غۇلجا شەھىرى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پىلانلىق باشقۇرۇپ تىزگىنلەش ۋە ئۆيلۈك يەرلەرنى ھەقلىق ئىشلىتىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق چېكىنىپ چىقىش، ئوبوروت قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يېزىلارنىڭ يەردىن تېجەشلىك پايدىلىنىش ۋە تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يەنە شۇ جاينىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقىغا ئايلاندى.

 غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسى يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بۇ يېزىنىڭ ئارامەھەللە كەنتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق چېكىنىپ چىققان ئۆيلۈك يەردىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرىنى يولغا قويدى. دېھقانلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق چېكىنىپ چىققان ئۆيلۈك يەرلەردىن پايدىلىنىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئۆيلۈك يەرلەر يېپيېڭى زاۋۇت ئۆيلىرىگە ئايلىنىپ، كىيىم – كېچەك كارخانىلىرى جەلپ قىلىنىپ، بېيىش كەسپى جانلاندۇرۇلدى. ھازىر، 562 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى سېلىنىپ، 50 كىيىم تىكىش ماشىنىسى، 20 كەشتىچىلىك ماشىنىسى سەپلەندى، بۇ كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەرنى 50 ئىش ئورنىغا ئىگە قىلدى، 30 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھەر بىرەيلەن ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈەندىن كىرىم قىلالايدىغان بولدى.

 بۇنداق يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىدىن يەنە نۇرغۇنلىرى بار، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ماسلاشقان يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى زېمىن بايلىقى سىستېمىسىدا زىچ قوللىنىلدى، زېمىن بايلىقى سىستېمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش مۇساپىسىدە، بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • پورت تاشيولى قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە
  • شىنجاڭلىق ئوماق بالىلار تەڭپۇڭ چاق مۇسابىقىسى مەيدانىدا ئۆزىنى نامايان قىلدى
  • تۇرپان يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە باشلامچى بولدى