تىيانشان تورى   ›   مەخسۇس سەھىپە   ›   19 قۇرۇلتاي

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشتە ئۈچ تۈردە رېكورت يارىتىلدى

  تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ 10 –ئاينىڭ 11 –كۈنىدىكى مەنزىرىسى.

  تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 5–ئاينىڭ 27 –كۈنى 18–قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان، ئۈچ تۈردە تارىخىي رېكورت يارىتىلدى: تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى سۇدىن پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئەڭ بالدۇر بولدى؛ سۇ ئون كۈن ئىچىدە، ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تېتىما كۆلىگە يېتىپ باردى؛ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە، يەنى 920 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. ھازىر تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئەسلىگە كەلگەن يېپىنچا ئۆسۈملۈك كۆلىمى 1000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشتى، ئۆسۈملۈك تۈرى 29 خىلغا كۆپەيدى، شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەر ياخشىلاندى، قۇملۇق كۆلىمى 204 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايدى، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇرۇق تاغ قۇملۇقى قوشۇلۇپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.

  ۋاڭ يۇڭچياڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • 2 ئالتۇن مېدال، 2 كۈمۈش مېدال، 2 مىس مېدال
  • ئەمەلىي ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش | تولۇق غەيرەتكە كېلىپ ئىشقا ئاتلىنىش، ئاتاكىغا ئۆتۈپ تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاش
  • رەڭدار قىشلىق تەتىل