تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ :پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى سەپەرنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك

شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 1–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تىرىشىپ يېڭى سەپەرنى باشلاپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈش كېرەك


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى تېلېگراممىسى. 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا بىرىنچى قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى سىياسىيدا، نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە بىر قاتار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى توغرىسىدا زور سىياسەت  – فاڭجېنلارنى شەرھلىدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇردى، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى سەپەرنى باشلىشى، داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدە بىر قېتىملىق چوڭ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
     لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى قاتارلىق زور سىياسىي ھۆكۈملەرنى چىقاردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلاش نىشانىنى بېكىتتى، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى يەنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان  –  ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
      ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.
      شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئالدىن ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك. بۇ يەردە ئولتۇرغان نۇرغۇن يولداش مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىغا يېڭىدىن ئەزا بولدۇڭلار، ئورنۇڭلار كۆتۈرۈلدى، يۈكۈڭلار تېخىمۇ ئېغىرلىدى، ئورنۇڭلار كۆتۈرۈلگەنسېرى، نەزەر دائىرەڭلار تېخىمۇ كەڭ بولۇشى كېرەك. كۆپچىلىك پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى بىرىنچى سائەتلىك پارتىيە دەرسى، بىرىنچى سائەتلىك زۆرۈر سىياسىي دەرس قىلىپ، سىياسىي ساپايىڭلار ۋە ئىدىيەۋى – نەزەرىيەۋى سەۋىيەڭلارنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن مۇھىم مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممەڭلەرگە ئېلىشىڭلار كېرەك.
      شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، چۈشىنىشكە كۈچەش كېرەك. چۈشىنىش ئالدىنقى شەرت. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا نۇرغۇن يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نۇرغۇن يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەدبىرلەر بېكىتىلدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق توغرا ئۆزلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇھىمى، كۆپرەك تەپەككۇر قىلىپ، كۆپرەك ئويلاپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى، نەزەرىيەۋى ئەھمىيىتى، ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى تىرىشىپ ئىگىلەش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر نۇقتىنى چوڭقۇر، پىششىق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك.
      شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەككە ئەمەس بىرلەشتۈرۈپ، تارقاق ئەمەس سىستېمىلىق، قىسمەن ئەمەس ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ، نېمە ئىش بولسا شۇ ئىش ئۈستىدىلا توختالماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق، پىراگماتىزملىق قىلماسلىق كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى ئۆگىنىش بىلەن، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇش، ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىمىز بىلەن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، باغلىنىشچانلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. قۇرۇق گەپ ساتماي، ئەمەلىي ئىشلەپ ئەلنى گۈللەندۈرۈش كېرەك، ھەرقانداق ئىش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باغلىق. ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ۋاقىت، نۇقتا بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، مىخ قېقىش روھى بويىچە ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ياخشى باشلامچى بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆزى مەسئۇل بولغان خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلىشى، پەۋقۇلئاددە مۇھىم نىشان – ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت لايىھەسىنى توغرا پىلانلاپ، ۋەزىپە جەدۋىلى، ۋاقىت جەدۋىلى، لىنىيە خەرىتىسىنى ئېنىق تۈزۈپ، خىزمەتكە ئېنىق تەلەپ قويۇشى، مۇھىمى، سۈپەت تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان – ۋەزىپىلەر يېقىنقى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىلگە ئايرىلغان بولۇپ، ئىشنىڭ ئېغىر  – يېنىكلىكىنى، ئالدىراش  –  ئالدىراش ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىپ، پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات، دەيدىغان ئىدىيەنى چىڭ تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نىشان – ۋەزىپىلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
    شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى سەپەردە ھەممىسى داغدام يول بولۇشى ناتايىن، بىز زور خىرىس، زور خەۋپ، زور توسالغۇ، زور زىددىيەتلەرگە دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن، رەھبىرىي كادىرلاردا جەزمەن كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق روھى بولۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلاردا دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان جاسارەت، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ماھارەت بولۇشى كېرەك. ھەم سىياسىيغا دادىل ئەھمىيەت بېرىش، ھەم سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشكە ماھىر بولۇش؛ ھەم ئىرادە تىكلەپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇش، ھەم تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇش؛ ھەم ئىسلاھاتنى دادىل چىڭ تۇتۇش، ھەم ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر بولۇش؛ ھەم زىددىيەت ۋە مەسىلىگە دادىل يۈزلىنىش، ھەم زىددىيەت ۋە مەسىلىنى دادىل ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇش؛ ھەم ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ھەقىقىي ئىش قىلىدىغان ئاڭ بولۇش، ھەم ئىش قىلىشنى بىلىدىغان، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ماھارەت بولۇش كېرەك.
     شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتە  يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىۋاتىدۇ، تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ، ئىزچىللاشتۇرۇۋاتىدۇ، يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش قۇرۇلتاي روھىنى يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈر ئۇسۇلى، قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر. لېكىن يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھادىسىسى كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش، قۇرۇق شوئار توۋلىماسلىق، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، كۆپ خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنىنى تېز قوزغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇشى، پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى دەپ بىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپلىرى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. جايلار ۋە تارماقلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنى نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىق – تەربىيەنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا ئەتراپلىق، ياخشى تەشۋىق قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار ھەم ئەمەلىي ئىشلىگۈچى، ھەم تەشۋىقاتچى بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا ياخشى تەشۋىق قىلىشى كېرەك. يەنە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە، كەچۈرمىشلىرى، تەسىراتلىرى ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ