تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار پارتىيە19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېزدىن ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى 10 – ئاينىڭ 24 – كۈنى غەلىبىلىك يېپىلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلاردا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېزدىن ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش دولقۇنى قوزغالدى. جايلار، ئورۇنلار بەس – بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاپالىق، ئەمەلىي ئىشلەپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرىمىز.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى: ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىمىز ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمىز

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 89 ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى دەرھال كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى قانات يايدۇردى، كۆپچىلىك تونۇشى، چۈشەنچىسى، تەسىراتىنى سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە 14 كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسى ئايرىم – ئايرىم ياچېيكا پارتىيە ئەزالىرى يىغىنى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىنى تەشكىللەپ ئېچىپ، 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگەندى، تەشۋىق قىلدى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئېتىز بېشىدىن تارتىپ مەھەللە، رەستە – بازارلارغىچە ئامما ئەڭ مەركەزلەشكەن جايلارغا بېرىپ، ئاممىغا ئەڭ ئاددىي تىلدا 19 – قۇرۇلتاي روھىنى تەشۋىق قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: خىزمەت تەدبىرىنى 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ روھى بويىچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەر – يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۆز جايىدا ۋە يېقىن ئەتراپتا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، رايون ئاتلاپ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۆپ خىل يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەممە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى بولۇش، ھەممە ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇش، ھەر ئايدا كىرىم قىلالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىيانشان تالانتلىقلىرى، ئاز سانلىق مىللەت پەن – تېخنىكا تايانچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىش، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش؛ ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى مۇقىم كېڭەيتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە بېجىرىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىشلىرى ئىدارىسى: سۈپەتلىك باشقۇرۇش – مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيمىز

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. كۆپچىلىك بەس – بەستە مۇنداق دېيىشتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ‹‹سەمىمىي، سادىق بولۇش، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش››تەك روھ بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك – ياراملىق بولۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يۈ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: باشقۇرۇش – مۇلازىمەت كاپالىتى تارمىقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دەرھال ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى لايىھەسى تۈزۈپ، ئىدارە پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى(كېڭەيتىلگەن)نىڭ ئۆگىنىش يىغىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش يىغىنى، پارتىيە ياچېيكىسى(پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئۆگىنىش يىغىنلىرىنى تەشكىللەپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەخسۇس تېما بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ماتېرىيالى تۈزۈپ، ‹‹شىنجاڭ ئورگانلار خوجىلىق ئىشلىرى››، ‹‹شىنجاڭ ئورگانلار خوجىلىق ئىشلىرىغا ئائىت مۇھىم ئەھۋاللار›› ھەم ئىدارە تور بېكىتى قاتارلىق تەشۋىقات بازىلىرىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە ئائىت تۈرلۈك خىزمەت، ۋەزىپىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ قولايلىق باشقۇرۇش – مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن ھەقىقىي تەمىنلەيمىز.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسىدىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار خوجىلىق ئىدارىسىنىڭ 170تىن ئارتۇق كادىرى ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، نامرات، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دېھقان – چارۋىچىلارغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

   ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى: ئاممىنىڭ يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكى، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، 19 – قۇرۇلتاي روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش، بىلىش بىلەن قىلىشنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىتنى، خادىملارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى مەخسۇس تېمىدا دەرس سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش، ھەر بىر كادىر تەسىرات يېزىش ئارقىلىق ئىدىيەنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنىڭ يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدا تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شېڭ يەنجياڭ مۇنداق دېدى: 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ئىستېمالىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك – دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 19 – قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ئاكتىپ ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىلمىي، مۇكەممەل يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئاممىنىڭ يېمەك – ئىچمەك بىخەتەرلىكى، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ( لى چۈنشيا، جاۋ جىيۈن، جاۋ جۈن،نيۇ چاڭمىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى