تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

19–قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەر يىغىنى ئاچتى

  ۋاڭ يايۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئورگان كادىرلىرى ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ھەم 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئۇنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى پارتىيەمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، قۇرۇلتاي كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، روھلاندۇرىدۇ. دوكلاتتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەدبىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دوكلات ماركسىزملىق شانلىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىشى، يېڭى سەھىپە پۈتۈشىدىكى سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى تىرىشىپ ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە توغرا ئىگىلەشكە كۈچەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇشىمىز، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كوللېكتىپ ئۆگىنىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كونسۇلتاتسىيەگە تەشكىللەش، مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، سوئال قويۇپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پىششىق ئىگىلەپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقە دائىرىسى كەڭ، راۋان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش›› پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئاسىيا كىندىكى گېزىتى›› قاتارلىق تۈرلۈك تاراتقۇ، تەشۋىقات سۇپىلىرى ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تەشكىللىشىمىز كېرەك. ئورگاننىڭ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى ئۆزى ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىللە، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشى كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا فۇنكسىيەمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىمىز؛ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ‹‹ئىككى قوشۇن›› قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە فۇنكسىيەنى ئادا قىلىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، چېڭ جېنشەن، بادەي، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى